سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، نامازدا رۇكۇدىن تۇرۇپ، سەجدىگە بېرىش ئارىلىقىدا ئۆرە تۇرغاندا، ئىككى قول قەيەردە تۇرىدۇ؟ قىيامدا تۇرغاندەك قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرامدىمىز ياكى قولنى ساڭگىلىتىپ تۇرامدىمىز؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئادەتتە، نامازدا رۇكۇدىن بۇرۇنقى تۇرۇشىمىزدا، ئوڭ قولنى سول قولنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇش سۈننەت بولۇپ، رۇكۇدىن تۇرغاندا قولنى قانداق ھالەتتە تۇتۇش مەسىلىسىدە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشاش ئەمەس.
كۆپچىلىك ئالىملار قولنى تاشلاپ تۇرۇش سۈننەت دەپ قارايدۇ. بۇ ھەنەفىي، مالىكىي، شافىئىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشى بولۇپ، ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن بىر رىۋايەتتىمۇ شۇنداق.
ئىمام مەرغىنانىي ئېيتىدۇ: «قائىدە شۇكى، سۈننەت زىكىر ئېيتىلىدىغان ئۆرە تۇرۇشلا بولسا، قول باغلاپ تۇرىدۇ، بولمىسا، قول باغلىمايدۇ. مۇشۇ توغرا قاراشتۇر، بۇنىڭغا ئاساسەن قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇغاندا ۋە جىنازا نامىزى ئوقۇغاندا قول باغلاپ تۇرىدۇ. رۇكۇدىن تۇرغاندا ۋە ھېيت نامىزى تەكبىرلىرى ئارىلىقىدا قولىنى تاشلاپ تۇرىدۇ».(1)
ئىمام سەرەخسىي ئېيتىدۇ: «زىكىر ئېيتىلىدىغان ئۆرە تۇرۇش ئۇزىراپ كېتىدىغان بولغاچقا، قول باغلاش ئەڭ مۇۋاپىق».(2)
بۇلارنىڭ قارىشىدا، بۇ ئارىلىقتا «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ» ياكى «رەببەنا ۋەلەكەلھەمدۇ» دېگەن زىكىرلەر بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇزۇن تۇرۇش بولمىغاچقا، قول باغلاپ تۇرمايدۇ.
ئىمام كاسانىي ئېيتىدۇ: «ئىماملىرىمىز رۇكۇ بىلەن سەجدە ئارىلىقىدىكى ئۆرە تۇرۇشتا قول باغلاپ تۇرۇشنىڭ سۈننەت ئەمەسلىكىدە بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن، چۈنكى بۇ مۇقىم تۇرۇش ئەمەس، ئۇنىڭدا قىرائەت قىلىشمۇ يوقتۇر».(3)
دېمەك، ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا يا قىرائەت قىلمايدىغان، يا مۇقىم تۇراقلىشىپ ئۇزۇن تۇرمايدىغان، يۆتكىلىش باسقۇچى بولغان ئۆرە تۇرۇشتا ئىككى قولنى تاشلاپ تۇرىدۇ.
بۇ يەردە ئېيتىپ قويۇش كېرەككى، ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىدىن ئىمام كاسانىي قاتارلىق كېيىنكى بىر گۇرۇپ ئالىملار بۇ ئارىلىقتا قول باغلاپ تۇرۇشنى سۈننەت دەپ تاللىغان بولۇپ، بۇ تاللىشىغا: «رافىزىيلارغا خىلاپ ئىش قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىمىز، چۈنكى ئۇلار قولىنى تاشلاپ تۇرۇشىدۇ» دېگەن.(4)
بەلكى، بۇلار بۇ مەسىلىدە ئېنىق بىر كۆرسەتمە كەلمىگەن دەپ قاراپ، قولنى تاشلاپ تۇرۇشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى ئېنىق مۇئەييەنلەشمىگەچكە، رافىزىيلارغا خىلاپ كېلىدىغانلىق جەھەتتىن قول باغلاپ تۇرۇشنى تاللىغان بولسا كېرەك. بولمىسا، ئەسلى سۈننەت دەپ قارىغان بىر ئىشنى، رافىزىيلارغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىنلا بۇنداق ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
مالىكىي مەزھەب قارىشىدا، رۇكۇدىن بۇرۇنقى تۇرۇشتا بولسۇن ياكى رۇكۇدىن كېيىنكى ئۆرە تۇرۇشتا بولسۇن ھەممە تۇرۇشتا ئىككى قولنى تاشلاپ تۇرۇش سۈننەت دەپ قارىلىدۇ.(5)
ئەلبەتتە، مالىكىي مەزھەب ئالىملىرىدىنمۇ بەزىلەر ئىمام مالىكنىڭ «مۇۋەتتا»دا كەلگەن قارىشى بويىچە، نامازدا قول باغلاپ تۇرۇشنى تاللىغان، ئەمما كۆپچىلىك ئالىملار ئىبنۇلقاسىمدىن كەلگەن رىۋايەتنى تۇتۇپ، نامازدا قول تاشلاپ تۇرۇشنى تاللىغان.
شافىئىي مەزھەب قارىشىدىمۇ بۇ ئارىلىقتا قولنى تاشلاپ تۇرىدۇ. ئىمام نەۋەۋىي: «رۇكۇدىن تۇرۇپ بېلىنى رۇسلىغاندا ئىككى قولىنى تاشلايدۇ» دېگەن.([6])^
ھەنبەلىي مەزھەب قارىشىدا، ئىمام ئەھمەد كىشىنىڭ ئىختىيارلىقىغا قويۇپ: «رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە خاھلىسا ئىككى قولىنى تاشلاپ تۇرىدۇ، خاھلىسا ئوڭ قولىنى سول قولى ئۈستىگە قويىدۇ» دېگەن. ھەنبەلىي مەزھەبتە يەنە قولنى تاشلاپ تۇرىدۇ دەيدىغان بىر رىۋايەت، قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ دېگەن يەنە بىر رىۋايەتمۇ مەۋجۇد.(7)
يۇقىرىقىلارغا قارايدىغان بولساق، ئىككى نەرسىنى خۇلاسىلەش مۇمكىن:
1. تارىخ جەھەتتىن ئەڭ پېشقەدەم مەزھەبلەر قارىشىدا قولنى تاشلاپ تۇرۇش كەلگەن.
2. تۆت ئىمام ئىچىدە مۇشۇ تارماق مەسىلىدە سۆزى ئېنىق نەقىل قىلىنغىنى ئىمام ئەھمەد بولۇپ، ئىمام ئەھمەد بۇ ئىشتا نامازخاننى ئىختىيارىغا قويغان.
كېيىن زاھىرىي ئالىم ئىمام ئىبنى ھەزم كېلىپ: «نامازدىكى بارلىق ئۆرە تۇرۇشلاردا ناماز ئوقۇغۇچى ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ بېغىشى ئۈستىگە قويۇشى مۇستەھەب بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق قول باغلاپ تۇرۇشنى تاللىغانلارنىڭ ئەڭ پېشقەدەملىرىدىن بولغان.(8)
ئاخىرىدا دەۋرىمىزدە ياشىغان مۇھەددىس شەيخ ئالبانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بولسا رۇكۇدىن كېيىنكى بۇ ئارىلىقتا قول باغلاپ تۇرۇشقا تۇنجى بولۇپ «بىدئەت» تامغىسىنى ئۇرۇپ: «مۇشۇ تۇرۇشتا – يەنى رۇكۇدىن تۇرۇشتا – ئىككى قولنى مەيدىگە قويۇشنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىدە شەك قىلمايمەن، چۈنكى ناماز ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر شۇنچە كۆپ تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ بىرەرسىدىمۇ قول باغلاپ تۇرۇش پەقەت كېلىپ باقمىغان. ئۇنداق قىلىشنىڭ بىرەر دەلىلى بولىدىغان بولسا بىزگە يېتىپ كەلگەن بولاتتى، بۇنى كۈچلەندۈرىدىغىنى شۇكى، مېنىڭ بىلىشىمچە سەلەفلەردىن ھېچكىم ئۇنداق قىلىپ باقمىغان، ھەدىس ئىماملىرىدىن ھېچكىم ئۇنداق قىلىشنى تىلغا ئېلىپ باقمىغان» دېگەن.(9)
ھازىرقى ئالىملاردىن شەيخ بىن باز رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرى قول باغلاپ تۇرۇشنى سۈننەت دەپ قاراپ، شەيخ ئالبانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ بىدئەت دېگەن قارىشىغا: «بۇ ئېنىق خاتالىقتۇر، بۇ ھۆكۈمنى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرەر ئەھلى ئىلىم دەپ باققان ئەمەس، ھەم بۇ يۇقىرىقى سەھىھ ھەدىسلەرگە خىلاپ» دەپ رەددىيە بەرگەن.(10)
لېكىن، بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا: مۇشۇ مەسىلىدە تالاش – تارتىشنى ئايرىيدىغان سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەنمۇ؟ ئەگەر كەلگەن بولسا نېمە ئۈچۈن ئىلگىرىكى 3 مەزھەب ئالىملىرى بىلەن ئىمام ئەھمەدمۇ (بىر رىۋايەتتە) ۋە ھازىرقى زامان مۇھەددىسلىرىدىن بولغان شەيخ ئالبانىي ئۇنى قوبۇل قىلمىغان؟
مېنىڭچە، بۇ ھەقتە دەلىل قىلىنغان ھەدىسلەر «سەھىھ» بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ قول باغلاپ تۇرۇشقا قارىتا دالالىتى ئېنىق ئەمەس، بولمىسا، ئالىملار ئوتتۇرىسىدا بۇنچىۋالا قاراش ئوخشاشماسلىقى بولمىغان بولاتتى.
ئۇنداق بولسا، قول باغلاپ تۇرىدۇ دېگەن ئالىملارنىڭ ھەدىسلەردىن كەلتۈرگەن دەلىللىرىگە بىر قاراپ باقايلى:
ﺋﻪﺑﯘ ﮪﺎﺯىم ﺳﻪﮪﻞ ئىبنى ﺳﻪﺋﺪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘدىن ئۇنىڭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «ساھابەلەر ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﺍ ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻻﺗﺘﻰ(11)». ﺋﻪﺑﯘ ﮪﺎﺯﯨﻢ ﺩﯦﺪىكى: «ﻣﻪﻥ ﺋﯘ (سەھل ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ) نى ﺑﯘنى (يەنى ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﺍ ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘشنى) ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪمگە (قىلغان دەپ) تۇتاشتۇرىدۇ ﺩﻩﭘﻼ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ».(12)
ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدا ئۆرە تۇرغىنىدا ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى تۇتاتتى.(13)
يەنە بىر رىۋايەتتە: تەكبىر چۈشۈرۈپ ئىككى قولىنى ئىككى قۇلىقىغا ئۇدۇل كەلگىچە كۆتۈرۈپ، ئاندىن ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئالقىنى، بېغىشى ۋە بىلىكىنىڭ ئۈستىگە قويدى، دەپ رىۋايەت قىلغان.(14)
بۇ ھەدىسلەردە رۇكۇدىن ئىلگىرى – كېيىن دەپ ئايرىمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋەيەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئايرىغان بىرەر رىۋايەت كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، نامازدا ھەر خىل ئەھۋالدا ئۆرە تۇرغاندا قول باغلاپ تۇرۇش يوللۇق بولىدۇ.
بۇلار يەنە ئەقلىي جەھەتتىن: «قول باغلاپ تۇرۇش خۇشۇغا ئەڭ يېقىن. يەنە نامازدا قول باغلاپ تۇرۇش ئەسلى قائىدە، قول تاشلاپ تۇرۇش بۇ قائىدىگە خىلاپ» دەپ دەلىل كۆرسەتكەن.
ئەستايىدىل قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھەدىستىن كەلتۈرگەن دەلىللىرى بۇ مەسىلىدە ئېنىق ۋە ئوچۇق دەلىل ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ھەدىسلەردىكى ئۆرە تۇرۇشنىڭ رۇكۇدىن كېيىنكى ئۆرە تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى ھەدىسنىڭ سۆز ئورانىدىن يىراق، ئۇ پەقەتلا قۇلاق قاققاندىن كېيىنكى قىرائەت قىلىش باسقۇچىدىكى ئۆرە تۇرۇشنى كۆرسىتىشتە ئېنىق.
بۇ سەۋەبتىن، ئىلگىرىكىلەردىن ئىمام ئەھمەد، كېيىنكىلەردىن شەيخ ئالبانىي بۇ ھەدىسلەردىن قول باغلاپ تۇرۇشقا ئېنىق دالالەت چىقىدۇ دەپ قارىمىغان. شەيخ ئالبانىي دېگەندەك ھېچبىر ھەدىستە رۇكۇدىن كېيىن ئۆرە تۇرغاندا قول باغلاپ تۇرۇشقا ئېنىق دەلىل كەلمىگەن. ھالبۇكى، ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا ساھابە – كىراملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامىزىنىڭ پۈتۈن تەپسىلاتلىرىنى رىۋايەت قىلغان تۇرۇقلۇق قول باغلاپ تۇرۇش ھەققىدە پەقەت توختىلىپ باقمىغان.
قولنى تاشلاپ تۇرىدۇ دېگەن ئالىملار: «قول تاشلاپ تۇرۇش ئەسلى قائىدە بولۇپ، قىرائەت قىلىش باسقۇچىدا ئۆرە تۇرغاندا قول باغلاپ تۇرۇش ھەققىدە ھەدىسلەر كەلگەن بولغاچقا، ئەسلى قائىدىنى تاشلاپ قول باغلاپ تۇرىمىز، رۇكۇدىن كېيىن قول باغلاپ تۇرۇش ھەققىدە دەلىل كەلمىگەچكە قويۇۋېتىپ تۇرىمىز» دەپ قارىغان.
قول باغلاپ تۇرۇش بىر خىل نامازدا تۇرۇش ئۇسۇلى بولغاچقا، ئېنىق بىرەر دەلىل بولمىسا، ئىبادەت شەكلىنى ئىجتىھاد قىلىپ ياكى قىياس قىلىپ بەلگىلەش مۇمكىن بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، رۇكۇدىن تۇرغاندىكى ئۆرە تۇرۇش ئۆز ئالدىغا ئۆرە تۇرۇش بولماستىن سەجدىگە بېرىشقا تەييارلىق قىلىپ بېلىنى رۇسلاپ تۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇڭا، ئۇنىڭدا مەخسۇس قىرائەت قىلىنمايدۇ، ئۇزۇنمۇ تۇرۇلمايدۇ.
ئىبراھىم نەخەئىي رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋىتىر نامىزىدا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ، ئاندىن كېيىن تاشلاپ تۇراتتى.(15)
بۇ رىۋايەت ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قۇنۇت دۇئاسىدىن كېيىن قولىنى تاشلاپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دۇئانى رۇكۇدىن كېيىن قىلىدىغان بولسا، بۇ رۇكۇدىن كېيىن قولنى تاشلاپ تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. دۇئانى رۇكۇدىن ئىلگىرى قىلىدىغان بولسا، يەنىلا قىرائەت تۈگىگەندىن كېيىن قولىنى تاشلاپ تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. يەنى قول باغلاپ تۇرۇش قىرائەت قىلىش باسقۇچىغا خاسلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قول باغلاپ تۇرۇشنى تاللىغانلارنىڭ رۇكۇدىن كېيىنكى ئەھۋالنى رۇكۇدىن بۇرۇنقى ئەھۋالغا قىياس قىلىش ياكى قول باغلاپ تۇرۇش ھەققىدە مۇتلەق كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ ئىبارىسىنىڭ ئومۇملىقىغا تايىنىشتىن باشقا بىرەر ھەدىستىن ئېنىق دەلىلى يوق.
شۇڭا، بۇ خۇسۇستا ھەدىستە ئېنىق كۆرسەتمە كەلمىگەن بولغاچقا، ئىمام ئەھمەدنىڭ ناماز ئوقۇغۇچىنى ئىختىيارىغا قويۇپ قويغان قارىشى، ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەقتە ئالاھىدە بىر كۆرسەتمە كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكنى بىلەلمەي قالغانلىقتىن ئىككىنىڭ بىرىنى تاللىيالماي، توختاپ تۇرۇشتىن ئىبارەت ياكى بۇ ھەقتە ئالاھىدە بىر كۆرسەتمە كەلمىگەن، دەپ قارىغانلىقتىن كەڭرى قويۇۋېتىش بولسا كېرەك.
ئەمدى ئىككى قاراشنىڭ بىرىنى تاللاش كېرەك بولسا، قولنى تاشلىۋېتىپ تۇرۇش دەلىل جەھەتتىن خېلى ئېغىر باسىدۇ. چۈنكى، ناماز دېگەن كېيىنكىلەر ئىلگىرىكىلەردىن كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئۆگىنىدىغان ئەمەلىي ئىبادەت. بىزگە كەلگەن قاراشلارنىڭ ئەڭ دەسلەپتىكىلىرى ھەنەفىي، مالىكىي ۋە شافىئىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرى بولۇپ، بۇ كېيىنكىلەرنىڭ قارىشىغا نىسبەتەن بۇرۇنراق ھەم مۆتىۋەر قاراش ھېسابلىنىدۇ. ئاشۇ ئىلگىرىكى ئەسىرلەردە كۈندە ۋە ھەممە يەردە ئوچۇق – ئاشكارە ئوقۇلۇپ تۇرىدىغان نامازدەك بىر ئىبادەتتە پېشقەدەملەر بىلمەي قالىدىغان بىرەر ئەھۋال بولۇشى ئېھتىمالدىن يىراق. كېيىن ئىمام ئەھمەد كېلىپ، بۇ ئىشتا نامازخاننى ئىختىيارىغا قويغان. بىرقانچە ئەسىردىن كېيىن كەلگەن ئىمام ئىبنى ھەزم ۋە ئىمام كاسانىي قاتارلىق باشقا ئالىملار قول باغلاپ تۇرۇشنى تاللىغان.
شۇڭا، بۇ نۇقتىنى يۇقىرىقى ئىبادەت دېگەندە ئايرىم دەلىل بولۇشى كېرەك دېگەن نۇقتا بىلەن بىللە جۇغلاپ قارىساق، بۇ قولنى باغلاپ تۇرۇشقا كەلتۈرۈلگەن ھەدىسلەردىكى ئومۇملۇق ياكى مۇتلەقلىقتىن جانلىق چىقىدۇ.
يەنە تېخى رۇكۇدىن بۇرۇن قول باغلاپ تۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ، سەلەفلەر ئارا بىرئاز قاراش ئوخشاشماسلىقى بولغان مەسىلىدۇر.
قانداقلا بولمىسۇن، بۇ مەسىلە بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە نامازنىڭ ۋاجىبلىرى قاتارىدىن بولماستىن، نامازنىڭ سۈننەت ۋە مۇستەھەب دائىرىسىدىكى ئەدەب – قائىدىلىرى جۈملىسىدىندۇر. ئالىملار يۇقىرىقىدەك ئوخشمىغان قاراشلاردا بولغاچقا، يەنە كېلىپ، باشقىچە قاراشنى بىدئەت ياكى سۈننەتكە خىلاپ دەپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئېنىق دەلىل تېپىلمايدىغان بولغاچ، بىر قاراشنى كېسىپ سۈننەت دەپ جەزم قىلغىلى بولمايدۇ. خاھلىغانلار قوللىرىنى تاشلاپ تۇرسا، خاھلىغانلار قول باغلاپ تۇرسا، ئارتۇقچە تالاشمىسا مۇۋاپىق.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1433، 19 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2012، 11 – ئاپرېل
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 31 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. مەرغىنانىي: «ئەلھىدايە»، 1/48.
2. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 1/166.
3. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 1/201.
4. ئىبنۇلھۇمام: «فەتھۇلقەدىر»، 1/288.
5. مۇھەممەد ئىلىيش: «مەنھۇلجەلىل»، 1/262.
6. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 3/376.
7. مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 2/63.
8. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 4/112.
9. ئالبانىي: «سىفەتۇ سالاتىننەبىي»، 145 – بەت.
10. شەيخ ئىبنى باز: «شەيخ ئىبنى باز پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 11/137.
11. بۇيرۇغۇچى ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر. شۇڭا، بۇ «مەرفۇﺋ» ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 5/278.
12. «بۇخارىي»، (740).
13. «نەسائىي»، (961). سەنەدى «سەھىھ» دېيىلگەن.
14. «نەسائىي»، (963). سەنەدى «سەھىھ» دېيىلگەن.
15. «ئابدۇرراززاق»، (7952).