Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈشنىڭ ھۆكمى

رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈشنىڭ ھۆكمى

رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈشنىڭ نامازدىكى ئورنى قانچىلىك؟ رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە كېيىن قول كۆتۈرمىگەنگىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسى بارمۇ؟ 4 مەزھەب ئالىملىرى نامازنى قانداق ئۇقۇغان؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

نامازغا تۇرۇپ قۇلاق قاققاندا قول كۆتۈرۈشنىڭ سۈننەتلىكىگە بارلىق ئالىملار بىردەك ئىجماﺋ قىلغان. بۇ ئىجمائنى ئىمام نەۋەۋىي نەقىل قىلغان.(1)

ئەمما، نامازدا رۇكۇغا بېرىشتىن بۇرۇن ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قول كۆتۈرۈش مەسىلىسىدە ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى ئوخشاش ئەمەس.

ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنىڭ بايانى:

1.   ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى، ئىمام ئىبنى ئەبى لەيلا، سەۋرىي قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار بۇ ئىككى ئەھۋالدا قول كۆتۈرۈش سۈننەت ئەمەس، دەپ قارايدۇ.

ئىمام كاسانىي ئېيتىدۇ: «تەكبىر چۈشۈرگەندە قول كۆتۈرۈش مەسىلىسىگە كەلسەك، بىزنىڭ قارىشىمىزدا پەرز نامازلاردا باشلاش تەكبىرىدىن باشقا تەكبىرلەردە قول كۆتۈرۈش سۈننەت ئەمەس».(2)

بۇ، ئىمام مالىك رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن كەلگەن ئىككى قاراشنىڭ بىرىدۇر. ئۇنداق بولۇشتا، ئىمام مالىك «مۇۋەتتا» دېگەن كىتابىدا رۇكۇدىن بۇرۇن ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈش ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن شاگىرتى ئىبنۇلقاسىم ئۇنىڭدىن قىلغان رىۋايەتتە قول كۆتۈرمەسلىكنى تاللىغان. بەزىلەر مالىكىي مەزھەبتە مۇشۇ قاراش كۈچلۈك دەپمۇ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر يەنە بىر قاراشنى كۈچلۈك دەپ قارايدۇ.(3)

ئىمام ئىبنۇلقاسىم ئېيتىدۇ: «مالىك: مەيلى تۆۋەنگە ئېڭىشكەن ھالەتتە بولسۇن، مەيلى باشنى كۆتۈرگەن ھالەتتە بولسۇن، نامازدىكى تەكبىرلەرنىڭ ئىچىدە نامازنى باشلاش تەكبىرىدىن باشقا تەكبىردە قول كۆتۈرۈش دېگەننى بىلمەيمەن، دېگەن». ئىمام ئىبنۇلقاسىم يەنە: «ئىمام مالىكنىڭ نەزەرىدە قول كۆتۈرۈش نامازغا قۇلاق قېقىشتىن باشقا چاغدا زەئىف ئىدى» دېگەن.(4)

ئىمام ئىبنى رۇشد: «ئالىملارنىڭ قاراشلىرىغا كەلسەك، ئەبۇ ھەنىفە، سۇفيان سەۋرىي قاتارلىق بارلىق كۇفە ئالىملىرى: ناماز ئوقۇغۇچى قولىنى پەقەتلا قۇلاق قاققاندا كۆتۈرىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ ئىبنۇلقاسىمنىڭ مالىكتىن قىلغان رىۋايەتىدۇر» دېگەن.(5)

2.   ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بىلەن ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى، ئىمام لەيس، ئەۋزائىي، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ، ئەبۇ سەۋر، شۇنداقلا ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، بۇخارىي ۋە ئىبنۇلمۇنزىر قاتارلىق ئالىملار بۇ ئىككى ئەھۋالدا قول كۆتۈرۈش سۈننەت، دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشتىكىلەرنى كۆپچىلىك ئالىملار دېيىشكە بولىدۇ.(6)

3.   بەزى ئەھلى ھەدىسلەر، زاھىرىي قاراشتىكىلەر سەجدىگە بارغاندىمۇ، سەجدىدىن تۇرغاندىمۇ، ئىككى سەجدە ئارىلىقىدىمۇ، ئىككىنچى رەكئەتتىن تۇرغاندىمۇ، ئومۇمەن، تۆۋەنگە ئېڭىشكەن ھەربىر ھالەت بىلەن، ھەر قېتىم باشنى كۆتۈرگەن ھالەتتە قول كۆتۈرىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ دەلىل جەھەتتىن خېلى زەئىف قاراش بولغاچقا، بۇ قاراش ئۈستىدە توختالماي، يۇقىرىقى ئىككى قاراش ئۈستىدە توختىلىمىز.

4.   ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن كەلگەن بىر قاراشتا، ئىككىنچى رەكئەت ئاخىرىدا تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇرغاندىمۇ قول كۆتۈرىدۇ، دەپ قارىغان ۋە بۇ قاراش سەھىھ ھەدىسكە تايانغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك بۇنى تۇتمىغان.(7) بىز بۇ قاراش ئۈستىدىمۇ توختالمايمىز.

ئىككى تەرەپ تايانغان دەلىللەر:

قول كۆتۈرمەيدۇ دەپ قارىغان ئالىملارنىڭ دەلىللىرى:

1.   ئەلقەمە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇپ بەرمەيمۇ؟ دەپ ناماز ئوقۇپ، قولىنى پەقەت بىرىنچى قېتىمدىلا كۆتۈردى.

بۇ ھەدىسنى بەزى ھەدىسشۇناسلار «زەئىف» دەپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، چوڭقۇرراق ئىزدەنگىنىمىزدە، ھەدىسنىڭ مۇھەققىق ھەدىسشۇناسلار تەرىپىدىن «سەھىھ» دەپ تەھقىقلانغان ئىشەنچلىك ھەدىسلىكى ئېنىقلانغان. قارايدىغان بولساق، ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىنىڭ «سەھىھۇ مۇسلىم»دە ھەدىس رىۋايەت قىلغان راۋىيلار ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. شۇڭا، بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزىي: «ھەسەن» دېگەن. ئىمام ئىبنى ھەزم، ئىمام زەيلەئىيمۇ «سەھىھ» دېگەن. شەيخ ئالبانىيمۇ «سەھىھ» دېگەن.(8)

1.   ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبى لەيلا بەراﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنى باشلىغاندا، قولىنى قۇلىقىغا يېقىن كۆتۈرۈپ، كېيىن قايتا كۆتۈرمەيتتى.(9)

بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد «سەھىھ ئەمەس» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان يوللارنى تەپسىلى تەكشۈرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ دەلىللىككە يارايدىغان «ھەسەن» دەرىجىسىدىن تۆۋەن ئەمەس ھەدىس ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.(10)

2.   ئەلقەمە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامازدا دەسلەپكى تەكبىردە قولىنى كۆتۈرۈپ، كېيىن قايتا كۆتۈرمىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.(11)

3.   ئەسۋەد رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، مەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىنى دەسلەپكى تەكبىردىلا كۆتۈرۈپ، كېيىن كۆتۈرمىگەنلىكىنى كۆردۈم.

بۇنىڭ سەنەدى «سەھىھ» بولۇپ، «سەھىھۇ مۇسلىم»نىڭ شەرتىگە چۈشىدۇ. بۇنى يەنە، ئىمام تاھاۋىي رىۋايەت قىلىپ «سەھىھ» دېگەن. ئىمام زەيلەئىيمۇ «سەھىھ» دېگەن. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن.(12) ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇنىڭ ئەكسىچە بىرەر «سەھىھ» رىۋايەت كەلمىگەن.

4.   ئاسىم ئىبنى كۇلەيب ئاتىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قولىنى دەسلەپكى تەكبىردىلا كۆتۈرۈپ، كېيىن كۆتۈرمەيتتى.(13)

5.   ئىبراھىم نەخەئىي رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەسلەپ قۇلاق قاققاندا قولىنى كۆتۈرەتتى، ئاندىن كېيىن قولىنى كۆتۈرمەيتتى.(14)

دېمەك، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار نامازنىڭ دەسلەپكى تەكبىرىدىلا قولىنى كۆتۈرۈپ، كېيىن كۆتۈرمەيتتى. بۇنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىسپاتلايدىغىنى شۇكى، ئۇ ئىككىيلەننىڭ شاگىرتلىرىنىڭمۇ قول كۆتۈرمىگەنلىكى «سەھىھ» كەلگەن. مەسىلەن:

ئەبۇ ئىسھاق رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتلىرى قوللىرىنى پەقەت نامازنىڭ دەسلەپكى تەكبىرىدىلا كۆتۈرۈپ، كېيىن كۆتۈرمەيتتى.(15)

ئىمام تىرمىزىي بۇ قاراشنى تۇتقان سەلەف – سالىھلار ھەققىدە: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرى ۋە تابىئىنلاردىن بىرقانچىسى مۇشۇ قاراش بويىچە دېگەن. ئۇ يەنە سۇفيان بىلەن ئەھلى كۇفەنىڭ قارىشىدۇر» دەيدۇ.(16)

مەسىلەن، تابىئىنلاردىن: ئىبراھىم نەخەئىي، ئىبنى ئەبى لەيلا، ئەلقەمە ئىبنى قەيس، ئەسۋەد ئىبنى يەزىيد، ئامىر ئەششەئبىي، ئەبۇ ئىسھاق ئەسسەبىيئىي، خەيسەمە، قەيس ئىبنى ئەبى ھازىم، مۇغىرە، ۋەﮐﯩﯿﺌ، ئاسىم ئىبنى كۇلەيب قاتارلىقلار بار.(17)

يەنە، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ قول كۆتۈرمىگەنلىكى «ھەسەن» دەرىجىلىك رىۋايەتتە كەلگەن بولۇپ، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قول كۆتۈرگەنلىكى ياكى كۆتۈرمىگەنلىكى ھەققىدە ھېچبىر رىۋايەت كەلمىگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ كۆتۈرگەنلىكى ھەققىدىمۇ، كۆتۈرمىگەنلىكى ھەققىدىمۇ رىۋايەت كەلگەن بولۇپ، كۆتۈرگەنلىكى سەھىھراقتۇر.

قول كۆتۈرىدۇ دەپ قارىغان ئالىملارنىڭ دەلىللىرى:

1. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئوغلى سالىم رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ ئاتىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «ﻣﻪﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ئىككى ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ئىككى ﻣﯜﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺭﯗﻛﯘﻏﺎ تەكبىر ئېيتقاندىمۇ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ: ‹ﺳﻪﻣﯩﺌﻪﻟﻼﮪﯘ ﻟﯩﻤﻪﻥ ﮪﻪﻣﯩﺪﻩﮪ› ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ. لېكىن، ﺳﻪﺟﺪﯨﺪﻩ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺘﺘﻰ».(18)

2.  ئەبۇ قىلابە رىۋايەت قىلىدۇكى، ﺋﯘ ﻣﺎﻟﯩﻚ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﮪﯘﯞﻩﻳﺮﯨﺲ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺭﯗﻛﯘﻏﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺭﯗﻛﯘﺩﯨﻦ بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘ (ﻣﺎﻟﯩﻚ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﮪﯘﯞﻩﻳﺮﯨﺲ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ): «ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ» ﺩﻩﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪن.(19)

3. ناﻓﯩﺌ رىۋايەت قىلىدۇكى، «ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻣﺎ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ئىككى ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﺗﺘﻰ، ﺭﯗﻛﯘﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪىمۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرەتتى ﯞﻩ (ﺭﯗﻛﯘﺩﯨﻦ قايتىپ): ‹ﺳﻪﻣﯩﺌﻪﻟﻼﮪﯘ ﻟﯩﻤﻪﻥ ﮪﻪﻣﯩﺪﻩﮪ› ﺩﯦﮕﻪﻧﺪىمۇ ئىككى ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﺗﺘﻰ. ئىككى رەكئەتتىن ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ئىككى ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﺗﺘﻰ. ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺑﯘنى (يەنى مەزكۇر تۆت ئورۇندا قولنى كۆتۈرۈشنى) ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪمگە (قىلغان دەپ) نىسبەت بەرگەن».(20)

يۇقىرىدا ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن كەلگەن بىر قاراشتا، ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرغاندىمۇ قول كۆتۈرىدۇ، دەپ قارىغان قاراش، مۇشۇ ھەدىستىكى: «ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرغاندىمۇ قولىنى كۆتۈرەتتى» دېگەن ئىبارىگە تايانغان.

4. ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامازغا كىرگەندە، تەكبىر ئېيتىپ قولىنى قۇلىقىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرگەنلىكىنى، ئاندىن كىيىمى بىلەن ئورۇنۇۋالغانلىقىنى، ئاندىن ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويغانلىقىنى، رۇكۇغا بارماقچى بولغىنىدا، قولىنى كىيىمنىڭ ئىچىدىن چىقىرىپ كۆتۈرۈپ، ئاندىن تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇغا بارغانلىقىنى، «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ» دېگەندە، قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى، سەجدىگە بارغاندا ئىككى ئالقىنى ئوتتۇرىغا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆرگەن.(21)

5. مۇھەممەد ئىبنى ئەمر ئىبنى ئەتاﺋ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، مەن ئەبۇ ھۇمەيد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن ئارىسىدا ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بار بولغان ئون كىشى ئىچىدە تۇرۇپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامىزىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغىنىڭلارمەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ رۇكۇغا بېرىشتا ۋە رۇكۇدىن تۇرغىنىدا، شۇنداقلا ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرغىنىدىمۇ، قولىنى مۈرىسىگىچە نامازنى باشلىغاندا كۆتۈرگەندەك كۆتۈرەتتى. ئولتۇرغان ساھابەلەر ئۇنىڭغا: راست ئېيتتىڭ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇشۇنداق ناماز ئوقۇيتتى، دېيىشكەن.(22)

بۇ ھەدىسنى تىرمىزىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن. ئالبانىيمۇ «سەھىھ» دېگەن. ئىمام تاھاۋىي: «مۇھەممەد ئىبنى ئەمر بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇمەيد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاڭلىمىغان» دەپ زەئىفلەشتۈرگەن. لېكىن، ئىمام بۇخارىي «سەھىھ»ىدە، شۇنداقلا «ئەتتارىخۇل كەبىر»دە ئۇنىڭ ئەبۇ ھۇمەيد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس ئاڭلىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. شۇنداقتىمۇ، ئىمام ئەينى: «‹مۇھەممەد ئىبنى ئەمر بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇمەيد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاڭلىمىغان› دېگەن كىشى شەئبىي بولۇپ، بۇ بابتا شۇنىڭ گېپى ھۆججەتتۇر» دېگەن.(23)

ئىمام بۇخارىي ھەزرەتلىرى: «قول كۆتۈرۈش ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنى ساھابەلەردىن 17 كىشى رىۋايەت قىلغان» دېگەن.(24)

يۇقىرىقىلار ئىككى تەرەپنىڭ ئاساسلىق دەلىللىرىنىڭ مۇھىم قىسمى بولۇپ، بۇلارغا قارىتا بۇ مەسىلىدە مۇنداق دېيىش مۇمكىن:

1.  قول كۆتۈرۈش مەسىلىسى مۇسۇلمانلار ئىجماﺋ قىلغان مەسىلە بولماستىن، ساھابە ۋە تابىئىنلار ئوخشاش بولمىغان قاراشتا بولغان مەسىلە بولۇپ، قول كۆتۈرۈشنىڭ ھۆكمى «كۆتۈرىدۇ» دېگەن قاراشتىكىلەرنىڭ نەزەرىدىمۇ مۇستەھەب ئىشتۇر. قول كۆتۈرمىگەن ئەھۋالدا نامازغا تەسىر يەتمەيدۇ. ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «پەرزدە بولسۇن، نەپلىدە بولسۇن، قول كۆتۈرىدىغان جايلاردا قەستەن، ياكى بىلمەي، ياكى ئۇنتۇپ قېلىپ قول كۆتۈرمەي قالسا، نامازنى قايتا ئوقۇشى ياكى سەجدە سەھۋى قىلىشى كېرەك بولمايدۇ» دەيدۇ.(25)

2. «قول كۆتۈرىدۇ» دەپ قارىغان ئالىملار كۆپچىلىك ئالىملار ھېسابلىنىدۇ. رىۋايەت جەھەتتىنمۇ قول كۆتۈرۈش ھەققىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر كۆپتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قول كۆتۈرمەسلىك ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرمۇ سەھىھتۇر. ساھابەلەردىن ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ، شۇنداقلا، ئومۇم كۇفە خەلقى بىلەن بىر قىسىم تابىئىنلارنىڭ قول كۆتۈرمەي ناماز ئوقۇشنى تاللىغانلىقى ئېنىق بىر ھەقىقەتتۇر. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ئىككى خىل رىۋايەت كەلگەن بولسىمۇ، قول كۆتۈرگەن رىۋايەت تېخىمۇ سەھىھرەك. ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەقەت بىر خىللا رىۋايەت كەلگەن بولۇپ، قول كۆتۈرمەيدىغانلىقى سەھىھ ھالەتتە كەلگەن. كۆتۈرىدۇ دەپ كەلمىگەن. ھەزرىتى ئەبۇبەكرىدىنمۇ قول كۆتۈرمەيدىغانلىقى كەلگەن. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ شۇنداق.

3. بۇ مەسىلىدە ئىلگىرىكى ئالىملارمۇ خېلى ئىختىلاپ قىلىشقان بولۇپ، ئىمام بۇخارىي قول كۆتۈرۈش مەسىلىسىدە ئايرىم بىر كىتاب تۈزگەن. كېيىنكىلەر بىر قاراشقا تەئەسسۇبلۇق قىلىپ سەھىھنى زەئىفلەشتۈرۈشكە، زەئىفنى سەھىھ دەپ باھالاشقا ئۇرۇنغان.

ئەسلىدە، بۇ مەسىلىگە ئىنساپ بىلەن قارايدىغان بولساق، قول كۆتۈرۈش ھەققىدىكى ھەدىسلەرمۇ، كۆتۈرمىگەن ھەققىدىكى ھەدىسلەرمۇ سەھىھ. كۆتۈرۈش ھەققىدىكى ھەدىسلەر سان ۋە سەھىھلىك جەھەتتىن ئالدىدا تۇرىدۇ. شۇڭا، بۇنى كۆپچىلىك تەرجىھ قىلغان.

كۆتۈرمىگەنلىك ھەققىدىكى ھەدىسلەرمۇ، سەھىھ بولۇش بىلەن بىرگە، ساھابەلەرنىڭ كاتتا ۋە پىشقەدەملىرىنىڭ تۇتقان يولى بىلەن تېخىمۇ كۈچلىنىپ كەتكەن. چۈنكى، بۇ ھەقتە ھەدىس رىۋايەت قىلغان ساھابەلەرگە قارايدىغان بولساق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئۇزۇن مۇددەت بىللە بولۇپ، بەش ۋاقىت نامازدا رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىسىدىلا تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئەلى ۋە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار قول كۆتۈرمەي ئوقۇغان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئانچە ئۇزۇن مۇددەت بىللە بولۇپ باقمىغان، بەش ۋاقىت نامازدا ئىزچىل رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىدىكى سەپتە ئەمەس، سەپلەرنىڭ ئەڭ ئارقىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان ئىبنى ئۆمەر، ئەبۇ ھۇمەيد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق يېشى كىچىك ساھابەلەر، يەنە رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە مەدىنەدە پەقەتلا يىگىرمە كۈن تۇرغان مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس بىلەن، رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە ئازغىنە تۇرغان ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار قول كۆتۈرۈپ ئوقۇغان. شۇڭا، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بىلەن كۇفە ئالىملىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئۇزۇن مۇددەت بىللە بولغان ساھابەلەرنىڭ پىشقەدەملىرىنىڭ يولىنى تەرجىھ قىلغان ۋە ئىمام تاھاۋىيدەك بەزى ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى قول كۆتۈرۈشنى «مەنسۇخ (كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان)» دەپ قارىغان.

يۇقىرىدىكى ئىككى قاراشنىڭ بىرىنى تۇتقان ئالىملار بىرىنى توغرا، يەنە بىرىنى زەئىف ياكى مەنسۇخ دەپ تەرجىھ قىلغان بولسىمۇ، بىز ھەر ئىككىسى توغرا ھەم سۈننەتكە مۇۋاپىق، قايسىنى قىلسا سۈننەتكە مۇۋاپىق بولىدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزىدە ئۇنداق، بەزىدە مۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھەر ئىككىسىنىڭ توغرىلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغان دەپ قارايمىز. ھەركىم ئۆز قانائىتى بويىچە، خاھلىغان قاراشنى تۇتسا بولىدۇ.

تەئەسسۇبىيەتتىن خالىي تەتقىق قىلغان ئالىملار بۇ مەسىلىگە مۇشۇنداق پوزىتسىيە تۇتقان. ئىمام دىھلەۋىي بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەتراپلىق توختىلىپ ئېيتىدۇ: «قول كۆتۈرۈش مەسىلىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزىدە قىلىپ، بەزىدە قىلمىغان شەكىلگە چېتىشلىق بىر ھالەت بولۇپ، ھەممىسى سۈننەتتۇر. ھەر ئىككى خىل ھالەتكە ساھابە، تابىئىن ۋە ئۇندىن كېيىنكىلەر ئەمەل قىلىپ ماڭغان ھەمدە بۇ كۇفە ئەھلى بىلەن مەدىنە ئەھلى ئۆزئارا بىرلىككە كېلەلمىگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھەربىر قاراش ئەھلىنىڭ ئۆزىگە يارىشا مەزمۇت دەلىللىرى بار. توغرىسى، مېنىڭ نەزەرىمدە ھەممىسى سۈننەتتۇر».(26)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 19 – رەجەب / م. 2012، 9 – ئىيۇن

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 30 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 3/251.
2. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 1/207؛ قۇدۇرىي: «ئەتتەجرىد»، 2/518؛ ئىبنۇلھۇمام: «فەتھۇلقەدىر»، 1/309 – 310.
3. «مالىك»، 1/75 – 77؛ ئىمام مالىك: «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 1/68.
4. ئىمام مالىك: «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 1/68.
5. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/96.
6. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 7/200؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 3/354؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/299. مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 1/146.
7. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 4/87؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/96؛ نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 4/95.
8. «ئەھمەد»، (4211)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (748)؛ «تىرمىزىي»، (257)؛ «نەسائىي»، (1058)؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (2441)؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 4/88؛ زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»،1/394.
9. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (2440)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (749 – 752)؛ تاھاۋىي: «شەرھۇ مەئانىل ئاسار»، 1/224؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (2358).
10. تەپسىلى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 5/273؛ زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»، 1/402.
11. تاھاۋىي: «شەرھۇ مەئانىل ئاسار»، 1/224. راۋىيلىرى ئىشەنچلىك.
12. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (2454)؛ تاھاۋىي: «شەرھۇ مەئانىل ئاسار»، 1/227؛ زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»،1/405؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «ئەددىرايە»، 1/152.
13. تاھاۋىي: «شەرھۇ مەئانىل ئاسار»، 1/227؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (2442)؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر: «راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن. ئىمام زەيلەئىي: «سەھىھ ئەسەر» دېگەن. قاراڭ: زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»،1/406؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «ئەددىرايە»، 1/152.
14. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (2443). سەنەدى سەھىھ. قاراڭ: ئىبنى تۈركمانىي: «ئەلجەۋھەرۇننەقىي»، 1/133.
15. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (2446). سەنەدى سەھىھ. قاراڭ: ئىبنى تۈركمانىي: «ئەلجەۋھەرۇننەقىي»، 1/139.
16. «تىرمىزىي»، 2/42.
17. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (2446 – 2454)؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 5/272.
18. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (736)؛ «مۇسلىم»، (390).
19. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (737)؛ «مۇسلىم»، (391).
20. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (739)؛ «مۇسلىم»، (390).
21. «مۇسلىم»، (401).
22. «ئەھمەد»، (23647)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (730)؛ «تىرمىزىي»، (340). بۇ ھەدىس سەل ئۇزۇن بولۇپ، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەتىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.
23. بۇخارىي: «ئەتتارىخۇل كەبىر»، 1/189؛ «بۇخارىي»، (828) ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 5/273.
24. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 2/220.
25. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 1/105.
26. دىھلەۋىي: «ھۆججەتۇللاھ ئەلبالىغە»،1/434.

Please follow and like us:
Exit mobile version