Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

«جامائەت ياقتۇرمىسىمۇ ئىمام بولغۇچى» دېگەن ھەدىس توغرىسىدا

«جامائەت ياقتۇرمىسىمۇ ئىمام بولغۇچى» دېگەن ھەدىس توغرىسىدا

«جامائەت ياقتۇرمىسىمۇ ئىمام بولغۇچى» دېگەن ھەدىس توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھەدىستە جامائەت يامان كۆرگەن كىشىنىڭ ئىمام بولۇشى چەكلەنگەن ئىكەن. بۇ ھەدىسنى قانداق چۈشىنىمىز؟ جامائەت ئىچىدە ئىمام بىلەن شەخسىي ئاداۋەت، چىقىشالماسلىق، پىكىر ئوخشاشماسلىق ياكى ئىمامنىڭ بەزى خاتالىقلىرى تۈپەيلى ئۇنى يامان كۆرىدىغانلار بولسا، ئۇلار گۇناھكار بولامدۇ؟ بۇ خىل ئەھۋال ئاشۇ ھەدىسكە چۈشەمدۇ؟ ئىمامنى ياقتۇرمايدىغانلار بىرنەچچە كىشى، ياقتۇرىدىغانلار كۆپچىلىك بولسىچۇ؟ چۈشەندۈرۈپ قويۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئىمامەتچىلىك ۋەزىپىسىنىڭ دىنىمىزدىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئىمام بولغان كىشىنىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان نامازلاردا ئىمام بولۇش، خۇتبە سۆزلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە جامائەت ۋە مەھەللە ئاھالىسىگە دىننى ئۆگىتىش ۋە تەشۋىق قىلىش، ئۇلارنى يېتەكلەش ۋە ئۇلارغا ياخشى ئۈلگە بولۇش، ئۇلارنى يوقلاپ تۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىغا يىتىش، ئېھتىياجىنى قامداش، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىچى ۋە سىرتىدىكى، شۇنداقلا قۇلۇم – قۇشنىلار ئوتتۇرىسىدىكى دەتالاشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇلارنى ياراشتۇرۇش ھەتتا جەمئىيەت دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خېيىم – خەتەرلەرگە قارىتا جامائەت ۋە مەھەللە ئاھالىسىنى سەپەرۋەر قىلىشقا قەدەر تولىمۇ ئەھمىيەتلىك مەسئۇلىيەتلىرى بار. دىنىمىزمۇ ئىمامەتچىلىك ۋەزىپىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار نۇرغۇن ئەھكاملارنى بېكىتكەن.

مەسىلەن، جامائەت ياقتۇرمىسىمۇ ئىمامەتچىلىك قىلىدىغان كىشىلەر ھەققىدە بىر قىسىم ھەدىسلەر كەلگەن بولۇپ، تۆۋەندىكىلەر شۇ ھەدىسلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر:

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۈچ تۈرلۈك ئادەمنىڭ نامىزى قۇلاقلىرىدىن ئاشمايدۇ (يەنى قوبۇل بولمايدۇ): خوجايىنىدىن قاچقان قۇل، ئېرىنىڭ گېپىگە ئۇنىماي، ئۇنى خاپا قىلغان ھالدا كېچىنى ئۆتكۈزگەن ئايال، جامائەت يامان كۆرسىمۇ ئۇلارغا ئىمام بولغۇچى» دېگەن.(1)

يەنە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۈچ تۈرلۈك ئادەمنىڭ نامىزى باشلىرىدىن بىر غېرىچ ئۆرلىمەيدۇ: جامائەت يامان كۆرسىمۇ ئۇلارغا ئىمام بولغان كىشى، ئېرىنى خاپا قىلغان ھالدا كېچىنى ئۆتكۈزگەن ئايال، تاشلىشىپ كەتكەن ئىككى قېرىنداش» مۇنداق دېگەن.(2)

ئىمام شەۋكانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتقاندەك: يۇقىرىقى ھەدىسلەرنىڭ بىرى يەنە بىرىنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە بىر كىشىنىڭ ئۇنى يامان كۆرىدىغان جامائەتكە ئىمام بولۇشىنىڭ ھاراملىقىغا دەلىللىككە يارايدۇ. بۇ ھەدىسلەردىكى نامازنىڭ قوبۇل بولماسلىقى، نامازخانلارنىڭ قۇلاقلىرىدىن ئاشالمايدىغانلىقى ۋە ئۇنداق قىلغان كىشىگە شۇ ۋەجدىن لەنەت قىلىنغانلىقى مەزكۇر قىلمىشلارنىڭ ھاراملىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بەزى ئالىملار ئۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىمام بولۇشىنى ھارام دېگەن. يەنە بەزىلەر مەكرۇھ دەپ قارىغان.(3) مەكرۇھ دېگەن تەقدىردىمۇ تەھرىمىي مەكرۇھ بولۇشى كېرەك، ئەلبەتتە.

يەنە ھەزرىتى ئەلى، سالمان، ئەسۋەد ئىبنى ھىلال، ھەسەن بەسرىي، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەلھارىس قاتارلىق سەلەفلەردىنمۇ ئۇلارنىڭ شۇنداق ھالەتتە ئىمام بولۇشنى يامان كۆرگەنلىكى نەقىل قىلىنغان.(4)

بۇ يەردىكى ھاراملىق ياكى مەكرۇھلۇق ھۆكمى ئىمامغا خاس بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا ئۇ ئىمامنى يامان كۆرگەن جامائەتنىڭ ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇشى مەكرۇھ بولمايدۇ. جامائەت يامان كۆرىدىغان ئىمام ناماز ئوقۇپ بەرگەن ئەھۋالدا ئۇنىڭدا ئىمامەتچىلىك شەرتى تېپىلسا، ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلغان جامائەتنىڭ نامىزى توغرا بولىدۇ. گۇناھ ئىمام بولغۇچىغا بولىدۇ. ھەدىسلەردىمۇ ھاراملىق ھۆكمى ئىمامغا قارىتىلغان. شۇنداقلا ئىمام تەيىنلەيدىغانلارنىڭمۇ، جامائەت يامان كۆرىدىغان كىشىنى ئۇلارغا ئىمام قىلىپ تەيىنلىشى مەكرۇھ بولىدۇ. بۇ ھۆكۈم ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن نەقىل قىلىنغان.(5)

يۇقىرىدا ھەدىسنىڭ دەرىجىسى ۋە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىمام بولۇشىنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلغان بولدۇق. ئەمدى جامائەتنىڭ ئۇ ئىمامنى يامان كۆرىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار ئۈستىدە توختىلايلى:

1. جامائەت ئىمامنى شەرىئەت يامان كۆرگەن بىرەر ئىللەت تېپىلغانلىقى سەۋەبىدىن يامان كۆرگەن بولسا، ئاندىن ئىمامنىڭ ئۇلارغا ئىمام بولۇشى ھارام بولىدۇ. مەسىلەن، پاسىقلىقى، بىدئەتچىلىكى، مۇسۇلمانلارغا خىيانەتكارلىقى، كاززابلىقى، زالىملىقى، بىلىمسىزلىكى، نامازنى جايىدا ئوقۇپ بېرەلمەيدىغانلىقى ۋە ھارام تىجارەت قىلىدىغانلىقى قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «جامائەت ئۇنى زالىم ۋالىي بولغانلىقى، لاياقىتى يوق تۇرۇپ ئىمامەتچىلىكنى ئېلىۋالغانلىقى، پاكىزلىققا دىققەت قىلمايدىغانلىقى، نامازنى جايىدا ئوقۇپ بېرەلمەيدىغانلىقى، ئەيش – ئىشرەت قىلىدىغانلىقى، پاسىقلار بىلەن ئولتۇرۇپ – قوپىدىغانلىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان شەرىئەتتە ئەيىبلەنگەن بىرەر ئىشى بولغانلىقى ئۈچۈن يامان كۆرگەن ئەھۋالدا، ئاندىن ئۇنىڭ ئىمام بولۇشى مەكرۇھ بولىدۇ. يۇقىرىقى ئىشلاردىن ھېچبىرى تېپىلمىسا ئۇنىڭ ئىمام بولۇشى مەكرۇھ بولمايدۇ، ئەيىب ئۇ كىشىنى يامان كۆرگەنلەردە بولىدۇ».(6)

ئەمما، شەرىئەتتە چەكلەنمىگەن بىرەر ئىش تۈپەيلى جامائەت ئۇ كىشىنى يامان كۆرگەن بولسا، جامائەتنىڭ يامان كۆرۈشى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. ئىمام ئىبنى قۇدامەمۇ: «ئىمام بولغۇچى دىيانەتلىك ۋە سۈننەتنى چىڭ تۇتىدىغان بولسا، جامائەت ئۇنى شۇنىڭ ئۈچۈن يامان كۆرگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىمام بولۇشى مەكرۇھ بولمايدۇ» دېگەن. بۇنى ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ تەكىتلىگەن.(7)

قەدىمدىن بۇيان مەھەللىلەردىكى ھەربىر مەسجىد جامائىتى ئىچىدە خىلمۇخىل ئادەملەر بولۇپ، بەزىلىرى ئىنتايىن نادان تۇرۇقلۇق مەسجىدنى باشقۇرىمەن، دەپ تۇرىۋالىدۇ، ئىمامنى ياكى بەزى جامائەتنى پاتۇرمايدۇ. بەزىلىرى ئىمامدىن ئىنسانچىلىقتا بولىدىغان كىچىككىنە بىر خاتالىق كۆرۈلسە يوغىنىتىۋېتىدۇ. ئىمام توغرا ئىش قىلسىمۇ قۇسۇر تاپىدۇ. يەنە بەزىلىرى ياخشى تەرەپنى تۇتۇپ ئىسلاھ قىلىشقا كۈچەيدۇ.

2. جامائەتنىڭ كۆپچىلىكى يامان كۆرگەن بىر كىشىنىڭ شۇ جامائەتكە ئىمام بولۇشى. ئاز سانلىق يامان كۆرسە ئۇلارغا ئىمام بولۇش مەكرۇھ بولمايدۇ. ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «ئىمام شافىئىي ۋە شافىئىي مەزھەبتىكى ئىماملىرىمىز (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن!) دەيدۇكى، جامائەتنىڭ كۆپچىلىكى يامان كۆرگەن بىر كىشىنىڭ شۇ جامائەتكە ئىمام بولۇشى مەكرۇھ بولىدۇ. ئاز سانلىق يامان كۆرسە، ئۇلارغا ئىمام بولۇش مەكرۇھ بولمايدۇ. شۇنداقلا يېرىمى يامان كۆرسىمۇ مەكرۇھ بولمايدۇ».(8)

ئىمام تىرمىزىي ئېيتىدۇ: «ئەھمەد ۋە ئىسھاقلار بۇ ھەقتە: ‹كۆپچىلىكى يامان كۆرمىگۈچە بىرى ياكى ئىككىسى ياكى ئۈچى يامان كۆرسە ئۇلارغا ئىمام بولىۋەرسە بولىدۇ› دېگەن».(9)

ئىمام غەززالىي، شەۋكانىي قاتارلىق يەنە بىر قىسىم ئالىملار ئىمامنى يامان كۆرىدىغان جامائەتنىڭ كۆپلىكىگە ئەمەس، سۈپىتىگە قارىغان ۋە سانى ئاز بولسىمۇ جامائەت ئىچىدىكى دىيانەتلىك ۋە تەقۋادارلىرى يامان كۆرسە، شۇلارنىڭ يامان كۆرگىنى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ دەپ قارىغان. ئىمام شەۋكانىي ئېيتىدۇ: «باشقىلىرىنىڭ ئەمەس، دىيانەتلىكلىرىنىڭ يامان كۆرگىنى ھېساب».(10)

بۇ قاراشقا ئاساسەن، جامائەت ئىچىدىكى دىيانەتلىك، تەقۋادار ئاز سانلىق كىشىلەر، بىر كىشىنىڭ ئىمام بولۇشىنى يامان كۆرسە، مەزكۇر كىشىنىڭ ئۇلارغا ئىمام بولۇشى مەكرۇھ بولىدۇ.

3. مەيلى قايسى ئىش سەۋەبىدىن بولسۇن، جامائەت بىرەر كىشىنىڭ ئىمامەتچىلىكى ئۈستىدە دەتالاش قىلىپ ئىككى تەرەپ بولۇپ قالغان ئەھۋالدا، بەزى ئالىملار بىرلىك، ئىتتىپاقلىقنى زۆرۈر دەپ قاراپ، جامائەت ھەممىسى رازى بولىدىغان بىر كىشىنى ئىمام قىلىشنى تەكىتلىگەن. مەسىلەن، ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ بىر پەتۋاسىدا مۇنداق كەلگەن: «ئىمام بىلەن جامائەت ئوتتۇرىسىدا ھاۋايى – ھەۋەس بىلەن بىرەر پىكىرنى ياقىلاش ياكى بىرەر مەزھەب ياكى قاراشنى تۇتۇش سەۋەبىدىن ئۆزئارا ئاداۋەت بولسا، ئۇلارغا ئىمام بولماسلىقى لازىم. چۈنكى، جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشتىن ئىتتىپاقلىق مەقسەت قىلىنىدۇ. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹سەپتە ئىلگىرى – كېيىن، ھەر خىل تۇرماڭلار، بولمىسا، دىللىرىڭلارمۇ ھەر خىل بولۇپ كېتىدۇ› دېگەن. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارغا ئىمام بولسا، پىر پەرزنى ئادا قىلىش بىلەن بىللە نامازغا قارشى بىر ھارام ئىشنى قىلغان بولىدۇ – دە، ئۇ ناماز قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى، مەقبۇل بولىدىغان ناماز ساۋاب بېرىلىدىغان نامازدۇر».(11)

ھازىرقى كۈنلەردە قارايدىغان بولساق، نورمال، ئەركىن شارائىتتا ئىمامنى ياقتۇرماسلىق كۆپىنچە دۇنياۋى غەرەز تۈپەيلى كېلىپ چىقىدۇ. قىسمەن ئەھۋالدا دىنىي سەۋەبتىن كېلىپ چىقسىمۇ، لېكىن بۇمۇ كۆپىنچە دىننى خاتا چۈشىنىش ياكى مەزھەب تەئەسسۇبلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ. نەتىجىدە، قارشى تەرەپنىڭ توغرا ئىشىمۇ خاتا كۆرۈنىدۇ.

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئارقىدا ناماز ئوقۇغىلى بولىدىغان ھەقىقىي مۇسۇلمان ئىمام تېپىلغان ئەھۋالدا ئىمام بىلەن جامائەت ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاقلىق، ياخشىلىققا ھەمكارلىشىش، شۇنداقلا شەخسىي غەرەز ۋە ھاۋايى – ھەۋەسكە ئەگىشىپ ئۆزئارا زىددىيەت پەيدا قىلىشتىن يىراق تۇرۇش پەرزدۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 15 – سەپەر/ م. 2016، 15 – نويابىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 12 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «تىرمىزىي»، (360). تىرمىزىي، نەۋەۋىي، ئەھمەد شاكىر ۋە ئالبانىي قاتارلىقلار «ھەسەن» دېگەن بولۇپ، مۇشۇ باھا كۈچلۈك. بەيھەقىي قاتارلىق بەزى ئالىملار «زەئىف» دېگەن.
2. «ئىبنى ماجە»، (971). ئىمام نەۋەۋىي، ھافىز ئىراقىي، بۇسايرىي ۋە شۇئەيب ئەلئەرنائۇتلار «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي قاتارلىق بەزى ئالىملار «زەئىف» دېگەن.
3. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 3/217.
4. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (4106 – 4112).
5. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/240.
6. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/240؛ مۇناۋىي: «فەيزۇلقەدىير»، 3/324؛ ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 1/369.
7. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/32؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 23/373.
8. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/240.
9. «تىرمىزىي»، 2/191.
10. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 3/218.
11. ئىبنى تەيمىييە: «ئەلئىختىياراتۇل فىقھىييە»، 106 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «ئەلفەتاۋا ئەلكۇبرا»، 4/432.

Please follow and like us:
Exit mobile version