(ھىجرىيە 1282 – 1354 / مىلادىيە 1865 – 1935)
شەيخ رەشىد رىزا ئۇستاز، ئىمام مۇھەممەد ئابدۇھ[1]نىڭ شاگىرتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە ئۇنىڭ ئىزباسارى ئىدى. رەشىد رىزا ئىسلاھات ۋە جەدىتچىلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جىم تۇرغاننى مىدىرلاتقۇدەك، غاپىلنى ئويغاتقۇدەك ئۈممەتكە يېڭىچە بىر روھنى ئاتا قىلغان ئىدى. نىشانغا يەتكۈزگۈدەكلا بولسا، تەبلىغ ۋە دەۋەت ۋاسىتىلىرىدىن ھېچبىرىنى ئايرىپ قويماي، ئۇنى ئۆزىنىڭ پىكىرلىرى ۋە دەۋىتىنىڭ مۇنبىرى قىلغان ئىدى.
رەشىد رىزا (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!) تالانتلىق كىشى بولۇپ، ئىسلام مۇتەپەككۇرى ۋە دىنىنى قورۇغۇچى، ئىسلام ئىدىئولوگىيەسىدە چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە «مانار ژۇرنىلى»نى تەسىس قىلغان مۇنەۋۋەر ژۇرنالىست ۋە يېتۈك يازغۇچى، كۆزگەن كۆرۈنگەن تەپسىرشۇناس ۋە يېڭى دەۋر مۇھەددىسلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان پىشقان ھەدىسشۇناش، ئەدىب ۋە تىلشۇناس، مۇنبەرلەرنى تىترىتىۋەتكۈدەك سۆزلەيدىغان پاساھەتلىك ناتىق، ئۈممىتىنىڭ غەملىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرى بىلەن ياشايدىغان سىياسىيون، ئۈممەتنىڭ ئىسلاھاتىنى، ئالغا ئىلگىرىلىشىنى كۆزلەيدىغان بىر مۇئەللىم ۋە بىر مۇرەببىي ئىدى.
خۇلاسە: ئۇ، ئۈممەتنىڭ بۇرۇنقى شان – شەرىپىنى، ياشلىق باھارىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، ئۈممەتنىڭ تىرىلىشى يولىدا ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە دەۋرنىڭ ئۇتۇقلىرى بىلەن ماس ھەرىكەت قىلغان، ھىجرىيە 14 – ئەسىرنىڭ بېشىدا چاقنىغان ئىسلامىي ئىسلاھات يېتەكچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى
ئەلى رىزا ئوغلى مۇھەممەد رەشىد[2] ھىجرىيە 1282 – يىلى جۇمادەلئۇۋلانىڭ 27 – كۈنى (مىلادىيە 1865 – يىلى 23 – سېنتەبىر) قەلەمۇن يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. قەلەمۇن لېۋاندىكى ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان، ترىپولىدىن ئۈچ مىل يىراقلىقتىكى بىر يېزىدۇر. مۇھەممەد رەشىدنىڭ ئائىلىسى نەسەبتە شەرەپلىك پەيغەمبەر جەمەتىگە يەنى ھۈسەين ئىبنى ئەلىگە تۇتىشىدۇ.
ئۇنىڭ دادىسى ئەلى رىزا قەلەمۇننىڭ ئاقساقىلى ۋە قەلەمۇن مەسجىدىنىڭ ئىمامى بولۇپ، بالىسىنىڭ تەربىيەسىگە ۋە تەلىمىگە كۆڭۈل بۆلەتتى. شۇڭا، مۇھەممەد رەشىد دادىسىنىڭ سايىسىدە قۇرئان يادلىدى ۋە ئوقۇش، يېزىش، ھېساب ئۆگەندى، ئاندىن ترىپولىغا يۆتكىلىپ، رەشىدىيە باشلانغۇچ مەكتىپىگە كىردى. بۇ مەكتەپ ئوسمانىيلار دۆلىتىگە قارام مەكتەپ ئىدى. مەكتەپتە گىرامماتىكا، مورفولوگىيە قاتارلىقلارنى، جۇغراپىيە ۋە ھېسابتىن دەسلەپكى ساۋاتلارنى ئۆگەندى. دەرس تۈركچە ئۆتىلەتتى. رەشىد رىزا ئۇنىڭدا بىر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، ھىجرىيە 1299 – يىلى (مىلادىيە 1882 – يىلى) ترىپولىدىكى «ۋەتەن ئىسلام مەكتىپى»گە يۆتكەلدى، چۈنكى بۇ مەكتەپ ئالدىنقىسىدىن تەرەققىي قىلغانراق ۋە دەرسلەر ئەرەبچە ئۆتىلىدىغان مەكتەپ بولۇپ، ئەرەب تىلى، شەرىئەت، مەنتىق، ماتېماتىكا، تەبىئىي پەلسەپە ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرەتتى. بۇ مەكتەپنى شامنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن ۋە ئەرەب مەدەنىيىتى گۈللىنىشىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى بولغان ھۈسەين جىسر قۇرغان ۋە ماڭدۇرغان ئىدى. بۇ كىشى دىن بىلىملىرى بىلەن دۇنيا بىلىملىرىنى ئۆزىمىزدىكى ئىسلام تەربىيەسى ۋە ياۋروپادىكى زامانىۋى ئۇسۇل بويىچە بىرلەشتۈرمىگۈچە، ئۈممەتنىڭ ھالى ئوڭشالمايدۇ ۋە باشقا ئۈممەتلەر ئالدىدا تەرەققىي قىلمايدۇ، دەپ قارايتتى.
بۇ مەكتەپ تېزلا تاقىۋېتىلدى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى باشقا مەكتەپلەرگە چېچىۋېتىلدى. شۇنداقتىمۇ، رەشىد رىزا شەيخ جىسر بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ، ئۇنىڭ دەرس سورۇنلىرىغا باغلاندى. شەيخ جىسر شاگىرتىدىكى چېچەنلىك ۋە ئۆتكۈرلۈكنى بايقاپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. نەتىجىدە ھىجرىيە 1314 – يىلى (مىلادىيە 1897 – يىلى) شاگىرتىغا شەرىئەت، ئەقىل ۋە ئەرەب تىلى بىلىملىرى بويىچە دەرس ئۆتۈش ئىجازىتى بەردى. ئاشۇ بىلىملەرنى ئۇنىڭ پاراسەتلىك ئوقۇغۇچىسى ئۇنىڭدىن ئالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رەشىد رىزا شەيخ مەھمۇد نەششابەنىڭ قولىدا ھەدىس ئۆگەندى. ئۇستازى ئۇنىڭ ھەدىس رىۋايەت قىلىشىغا ئىجازەت بەردى. شۇنىڭدەك يەنە ئۇ شەيخ ئابدۇلغەنى رافىئىي، مۇھەممەد قاۋۇقجى، مۇھەممەد ھۇسەينىيغا ئوخشاش بىر قانچە ترىپولى ئالىملىرىنىڭ دەرسلىرىگىمۇ ئىزچىل قاتناشتى.
يېزىسىدا
شەيخ رەشىد رىزا ئىلىم بىلەن ئوزۇقلىنىپ، مەرىپەت بىلەن قوراللانغان، كۆڭلى روھىي چېنىقىش ۋە تىرىشچانلىقلار بىلەن ئۆز – ئۆزىدىن ھېساب ئېلىشلار سۈزۈلۈپ، قەلبى غەپلەت ۋە دۇنيا قوغلىشىشتىن ئېرىغدالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كىچىك يېزىسىنى ئىسلاھات دەۋىتىنىڭ مەيدانى قىلدى. ئۇ مەسجىدتە شۇ چاغدىكى مۇنبەر خۇتبىلىرىدە ئومۇملاشقان پەدىدىن پەرقلىق ۋە ئوڭاي ئۇسۇلدا دەرس ۋە خۇتبىلەرنى سۆزلىدى. ئۇ كۆپچىلىككە سۇنۇشقا تېگىشلىك قۇرئان ئايەتلىرىنى تاللاپ سۇناتتى، ئۇلارغا فىقھىي مەسىلىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ بېرەتتى ۋە يېزىدىكىلىرى ئارىسىدا تارالغان بىدئەتلەرگە قارشى تۇراتتى.
شەيخ رەشىد رىزا مەسجىدتىكى دەرسلىرى بىلەن كۇپايىلەنمەستىن، چىلىمخانىلاردا ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ قېشىغىچە بېرىپ، خېجىل بولماستىن ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇرۇشقاچ، ئۇلارغا نەسىھەت قىلدى ۋە ئۇلارنى نامازغا ئۈندىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىجادىي دەۋەت سىياسىتى مېۋە بېرىپ، ئۇلاردىن جىقى تەۋبە قىلىپ، ئاللاھقا يۈزلەندى، شەرىئەتنى چىڭ تۇتۇشقا ۋە پەرزلەرنى ئادا قىلىشقا باشلىدى. ئۇ يېزا ئاياللىرىنىڭ قېشىغىمۇ دەۋەتچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مەخسۇس دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئۆيىنى دەرسخانا قىلىپ، ئاياللارغا قولاي ئۇسلۇبتا تاھارەت، ئىبادەت، ئەخلاقتىن، شۇنداقلا ئاز – تولا ئەقىدىدىن دەرس بەردى.
ئۇستاز بىلەن ئالاقە باغلىشى
رەشىد رىزا ترىپولىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، شەيخ مۇھەممەد ئابدۇھ بېيرۇتتا تۇرۇش ئۈچۈن بېيرۇتقا چۈشكەن ئىدى. شەيخ مۇھەممەد ئابدۇھ ئەرەب ئىنقىلابىغا قاتناشقان دېگەن قارىلاش بىلەن سۈرگۈن قىلىنغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېيرۇتتا سۇلتانىيە مەكتىپىدە دەرس ئۆتتى. ئۇنىڭ يېڭىچە ئىدىيە ۋە جۇشقۇن كەيپىياتتىكى دەرسلىرى ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەرنى ئۆزىگە تارتتى. شەيخ مۇھەممەد ئابدۇھ سىياسەتتىن يۈز ئۆرۈپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ يولى تەلىم – تەربىيەدە دەپ قارىغان ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇ تىرىشچانلىقلىرىنى بۇ ساھەگە مەركەزلەشتۈرگەنىدى.
شەيخ مۇھەممەد ئابدۇھ بېيرۇتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرغان بولسىمۇ، شارائىت رەشىد رىزانىڭ سۇلتانىيە مەكتىپىگە يۆتكىلىپ، ئۇستاز ئىمام بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىشىغا ۋە ئۇنىڭ قولىدا شاگىرت بولۇشقا يول قويمىغان ئىدى. ۋەھالەنكى، بۇ زېرەك ئوقۇغۇچى شەيخىگە ئاجايىپ ئامراق ۋە ئىسلاھات يولىدا ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا ھېرىس ئىدى. كېيىن شارائىت يار بېرىپ، ئۇستاز ئىمام ترىپولى چوڭلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ترىپولىغا زىيارەتكە كەلگەندە، ترىپولىدا ئۇنىڭ بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشتى ۋە ئىككىسى ئارىسىدا ئالاقە باغلاندى. رەشىد رىزانىڭ ئۇستازىغا بولغان قايىللىقى تېخىمۇ ئېشىپ، ئۇنىڭ ئىسلاھات ۋە شەرقنى ئۇخلاۋاتقان يېرىدىن ئويغىتىش مەيدانىدا جامالىددىن ئافغانىينىڭ ئەڭ ياخشى ئىزباسارى ئىكەنلىكىگە ئىشەنچى كۈچەيدى.
رەشىد رىزا جامالىددىن ئافغانىي بىلەن ئالاقە باغلاشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرى ئۇچۇرلىشىش ۋە ھەيرانلىقىنى ئىزھار قىلىش دائىرىسىدە توختاپ قالغان ئىدى. جامالىددىن ئافغانىي ئاستانىدە گويا ئىككى قانىتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئۇچالمايدىغان قۇش كەبى كۈن كەچۈرگەن ئىدى. ئۇ تا ھىجرىيە 1314 – يىلى (مىلادىيە 1897 – يىلى) رەببى بىلەن ئۇچراشقانغا قەدەر دۆلەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرغان بولۇپ، رەشىد رىزانىڭ ئۇنى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ قولىدا شاگىرت بولۇش ئارزۇسى ئىشقا ئاشمىغان ئىدى.
قاھىرەدە
رەشىد رىزا ئىسلاھات مەيدانىدا ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن، مىسىرغا ھىجرەت قىلىپ، «شەرق ھەكىمى» ئافغانىينىڭ شاگىرتى مۇھەممەد ئابدۇھ بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىشتىن باشقا چىقىش يولى تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن رەشىد رىزا مىسىرغا سەپەر قىلىپ، ھىجرىيە 1315 – يىلى 8 – رەجەپ (مىلادىيە 1898 – يىلى 3 – يانۋار) جۈمە كەچقۇرۇندا ئىسكەندەرىيەگە چۈشتى، بىر نەچچە كۈن بەزى دېڭىز يۈزى شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، قاھىرەگە كەلدى ۋە دەرھال ئۇستاز ئىمام بىلەن ئالاقىلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، رەشىد رىزانىڭ تەپەككۇرى ۋە ئىسلاھات ئۇسۇلىدا تېخىمۇ كۆپ مېۋىلىك، تېخىمۇ كۆپ تەسىرچان بولغان يېڭى بىر سەپىرى باشلاندى.
قاھىرەگە كېلىپ بىر ئاي ئۆتمەيلا، ئۇستازىغا ژۇرنالچىلىقنى ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ مەيدانى قىلىش نىيىتى بارلىقىنى ئوچۇقلىدى. ئىككى ئۇلۇغ ئىمام ئوتتۇرىسىدا گېزىت – ژۇرنال ماڭدۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى توغرۇلۇق ئۇزۇن مۇھاكىمىلەر بولغاندىن كېيىن، بۇ ئېسىل شاگىرت ئۇستازىنى ئۇنى قۇرۇشتىكى نىشاننىڭ تەلىم – تەربىيە ئىكەنلىكى، جاھالەت، خۇراپات ۋە بىدئەتلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن توغرا پىكىرلەرنى يۆتكەش ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ھېچبىر پايدا كۈتمەيمۇ بىر – ئىككى يىل ئۇنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرۈپ كېتەلەيدىغانلىقى قاتارلىقلارغا قانائەت قىلدۇردى.
مانار ژۇرنىلى
ھىجرىيە 1315 – يىلى 22 – شەۋۋال (مىلادىيە 1898 – يىلى مارت) دا «مانار» ژۇرنىلىنىڭ بىرىنچى سانى نەشردىن چىقتى. شەيخ رەشىد بۇنى تەسىس قىلىشتىكى نىشانىنىڭ ئۈممەتنىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىسلامنىڭ ئەقىل ۋە ئىلىم – پەنگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى، ئىسلامنىڭ ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى ، شۇنداقلا ئىسلامغا چۈشكەن شۈبھىلەرنى بىتچىت قىلىشقا ۋە ئىسلامغا چاپلاپ قويۇلغان خۇراپاتلىقلارنى قامچىلاشقا كۆڭۈل بۆلدى.
ژۇرنالدا تۈرلۈك ئىسلاھات ساھەلىرىگە چېتىشلىق ماقالىلەر بىلەن شەيخ مۇھەممەد ئابدۇھنىڭ تەپسىرىگە بىر باب ئاجرىتىلغان ئىدى. ئېتىقادىي ۋە فىقھىي ئىشلار ھەققىدە ژۇرنالغا كەلگەن سوئاللارغا جاۋاب ۋە پەتىۋالار نەشر قىلىناتتى. ژۇرنالدا ئىسلام مىللەتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئورۇن بېرىلىپ، ئەرەب – ئىسلام دۇنياسىدىكى پىكىر، ھېكمەت ۋە سىياسەت ئىگىلىرى تونۇشتۇرۇلاتتى ھەمدە ماراكەش، ئالجىرىيە، شام ۋە ھىندىستاندىكى ئەركىنلىك مەسىلىلىرى مۇلاھىزە قىلىناتتى.
ژۇرنال چىقىپ بەش يىل ئۆتمەيلا، كىشىلەر ئۇنىڭغا يۈزلەندى ھەم ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ تارقالدى، ھەتتا ژۇرنال ئىگىسىنىڭ ئىسمى مەشھۇر بولۇپ، «مانارنىڭ ساھىبى رەشىد رىزا» دېگەن نام بىلەن تونۇلدى. كىشىلەر ئۇنىڭ قەدىر – قىممىتىنى ۋە ئىلمىنى تونۇدى ۋە يولۇققان مەسىلىلىرىدە ئۇلارنىڭ باشپاناھىغا ئايلاندى. ھەر ياقتىن ئالىملار كېلىپ، ئۇنىڭ ئىشىدىن ئىلھام ئالدى. نەتىجىدە ئۇنىڭ ژۇرنىلى ئىسلام دۇنياسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ئىسلام ژۇرنىلىغا ھەمدە شەرىئەت بىلەن زامانىۋىلىقنى ماسلاشتۇرۇشتىكى گۈزەل ئۈلگىگە ئايلاندى.
شەيخ رەشىد ئۆزىنىڭ مول بىلىمى بىلەن، ئۇزۇن يىل ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرلىكىنى قىلغانىدى. ئۇ ھەقىقەتەن ئىسلام مەدەنىي مىراسلىرىغا پىششىق، قۇرئان بىلىملىرىگە پۇختا، ئىسلام فىقھىسى ۋە پەيغەمبەر سۈننىتىدە كەڭ مەلۇماتلىق، ئىسلام تارىخى بېسىپ ئۆتكەن دەۋرلەر ۋە جەمئىيەت ئەھۋالىدىن خەۋەردار، ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتنى تولۇق ئاڭقىرىغۇچى، ئىسلام دىيارلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىدىن ۋاقىپ، بىر ئېنسىكلوپېدىك ئالىم ئىدى.
ئۇنىڭ ئىسلاھاتتىكى مېتودى
رەشىد رىزا ئۈممەتنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە كۈچلىنىشى بارىسىدا يۈزلەرچە ماقالە ۋە تەتقىقاتلارنى يازدى، ئاتايىن ئالىملار ۋە ھاكىملارغا يوليورۇقلارنى بەردى. چۈنكى، ئۇلار ئىنسانغا نىسبەتەن تەدبىرچان ئەقىل ۋە سەزگۈر روھنىڭ ئورنىدا بولۇپ، ئۈممەتنىڭ ھالىنىڭ ئوڭشىلىشى ئۇلارنىڭ ھالىنىڭ ئوڭشىلىشىغا قاراشلىق ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سەن يالغانچىلىق، ساختىپەزلىك، مۇناپىقلىق، ئۆچ – ئاداۋەت، ھەسەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان رەزىللىكلەرنىڭ بىر مىللەتتە ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرسەڭ، شۇ مىللەتنىڭ باشلىقلىرى، ھاكىملىرى زالىم ۋە مۇستەبىت ئىكەن دەپ، ئالىملىرى ۋە يېتەكچىلىرىگە بىدئەتچى ۋە چىرىك ئىكەن، دەپ ھۆكۈم قىلغىن».
رەشىد رىزا مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بۆلگۈنچىلىك ئامىللىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئېتىقادنى توغرىلاش، ئەخلاقنى تۈزەش، ئەمەلنى ئەستايىدىل قىلىش، شىئەگە ئوخشىغان چوڭ ئىسلامىي تائىپىلەر ئارا ئىختىلاپلىق مەسىلىلەردىن يىراق تۇرۇش قاتارلىقلار ھەققىدە ھەر پىرقىدىكى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقلىشالايدىغان پۈتكۈل ماۋزۇلار كىرگۈزۈلگەن بىر كىتاب يېزىلىش ۋە جىمى ئىسلام يۇرتلىرىغا ئەۋەتىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
تەلىم – تەربىيە
شەيخ رەشىد «رىزا ئىسلاھات تەلىم – تەربىيە ئارقىلىق بولىدۇ» دەيدىغانلارنىڭ ئەك تىپىكلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ بۇنىڭدا ئۇستازى مۇھەممەد ئابدۇھ بىلەن ئورتاق قاراشتا ئىدى. «مىللەتلەرنىڭ سائادىتى ئۆز ئەمەللىرى بىلەندۇر، مىللەتلەرنىڭ ئەمەللىرى ئۇلار ئىچىدە ئىلىم – مەرىپەتلەرنىڭ تارقىلىشىغا باغلىقتۇر» دەيتتى.
رەشىد رىزا كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇلارنى ئىلىم – ئىرپان كارۋانى بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىشقا ئۈندەش ئۈچۈن، تەلىم – تەربىيە مەيدانىغا كىرگۈزۈلۈشكە تېگىشلىك ئىلىملەرنى بېكىتكەن ئىدى. مەسىلەن: ئەقىدە ئىلمى، ھالال – ھارام ۋە ئىبادەت فىقھىسى، تارىخ، جۇغراپىيە، جەمئىيەت ئىلمى، ئىقتىساد ئىلمى، ئائىلە باشقۇرۇش، سەھىيە ساقلاش، خەلقئارالىق تىل ۋە خۇشخەت قاتالىقلار.
ئۇ يوليورۇق بەرگۈچى ۋە نەسىھەتچىلىك رولى بىلەنلا بولدى قىلماستىن، تەلىم مەيدانىغا ئۆزى چۈشتى ۋە ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن توغرا دەپ قارىغىنىنى تەتبىقلاشقا تىرىشتى، ئىسلام دىنىنى تارقىتىدىغان مەخسۇس دەۋەتچىلەرنى تەربىيەلەش ئۈچۈن، «دەۋەت ۋە ئىرشاد يۇرتى» مەكتىپىنى قۇردى. مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىدا ، ھەرخىل ئىسلام يۇرتلىرىدىن ياخشى ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەرنى تاللاش، بولۇپمۇ ياۋا[3] ۋە چىن ئەھلىگە ئوخشاش ئىلىمگە قاتتىق ئېھتىياجلىق بولغانلارنى ئالدىن تاللاش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرالغۇ، تاماق قاتارلىق جىمى ئېھتىياجلىرىغا مەكتەپ ئىگە بولىدىغانلىقى، مەكتەپنىڭ ئىسلام ئەدەپ – ئەخلاقى ۋە ئىبادەتلىرىگە چىڭ ئېسىلغان ئاساستا ئوقۇغۇچىلارغا تەلىم بېرىدىغانلىقى، تەپسىر، فىقھى ۋە ھەدىس ئۆگىتىشكە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، گۈزەل ئەخلاق ۋە يۈكسەك ئەدەپ بىلەن بىرلەشمىگەن ئىلىمنىڭ ھېچبىر پايدىسى يوقلۇقى، مەكتەپنىڭ سىياسەت بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىسلام دەۋىتىگە ئەڭ موھتاج يۇرتلارغا ئەۋەتىدىغانلىقى قاتارلىقلار بارئىدى.
ھىجرىيە 1330 – يىلى (مىلادىيە 1912 – يىلى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش كېچىسى مەكتەپ قاھىرەنىڭ جەزىرە رەۋزەدىكى ئورنىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئېچىۋېتىلىپ، ئەتىسى داغدۇغىلىق ھالدا ئوقۇش باشلىدى. مەكتەپ مەلۇم دەرىجىدە مائارىپ كۆرگەن 20 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ياشلارنى قوبۇل قىلدى. بىراق مەكتەپ زور ئىئانە ۋە كۈچلۈك قوللاشقا ئېھتىياجلىق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن رەشىد رىزا پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئوسمانىيلار دۆلىتىدىن ياردەم سوراشقا ئۇرۇندى – يۇ، ئۇتۇقلۇق بولمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ پىلاننى يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغان دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بەردى. نەتىجىدە، مەكتەپ ئوقۇشتىن توختىدى ۋە ئىشىكىنى قايتا ئاچالمىدى.
سابىت داموللامنىڭ مىسىردا رەشىد رىزا بىلەن كۆرۈشۈشى
1930 – يىلى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن سابىت داموللام ئىككىسى غۇلجىدا تونۇشۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئۇزۇندىن – ئۇزۇن سۆھبەتلىشىدۇ. ئىككىسى ۋەتەننى ئازاد قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىدە بىر پىكىرگە كەلگەندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خوتەنگە، سابىت داموللام دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە سىياسىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، تاشقى دۇنيانىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈمىدىدە چەتئەلگە قاراپ يولغا چىقىدۇ.
سابىت داموللام ئالدى بىلەن رۇسىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە، ئاندىن مىسىرغا كېلىدۇ. مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن، قاھىرەدە شەيخ رەشىد رىزا بىلەن تونۇشۇپ، ئىلمىي سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ، رەشىد رىزادىن دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ئەھۋالى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان سوئاللارنى سورايدۇ. سابىت داموللام رەشىد رىزانىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئەينى زاماندا نەشر قىلىنغان يېڭى – يېڭى كىتابلارنى مۇتالىئە قىلىپ، قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرىنى قايتىدىن ئوقۇپ چىقىپ ئىلمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. جۈملىدىن، شەكىب ئارسلاننىڭ «مۇسۇلمانلار نېمە ئۈچۈن ئارقىدا قالدى؟» دېگەن ئەسىرىنى دىققەت بىلەن ئوقۇيدۇ. سابىت داموللام مىسىردا تۇرۇش جەريانىدا مىسىردىكى «مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى» قاتارلىق جەمئىيەتلەردە بىر قانچە قېتىم لېكسىيە سۆزلەيدۇ. سۆزلىگەن لېكسىيە ماقالىلىرى مىسىرنىڭ داڭلىق ژۇرناللىرىدا نەشر قىلىنىدۇ. مىسىردىكى بىر نەچچە ئايلىق زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شەيخ رەشىد رىزانىڭ تېخى تاماملانمىغان «مانار» ناملىق تەپسىرىدىن بىر يۈرۈش ئېلىپ، مەخسۇس مۇقاۋا قىلدۇرۇپ، مۇقاۋىسىنىڭ ئۈستىگە «سابىت» دېگەن خەتنى ئالتۇن ھەل بىلەن يازدۇرۇپ، سەئۇدىي ئەرەبىستانغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.[4]
ئەسەرلىرى
ئاللاھ بۇ ئۇلۇغ شەيخنىڭ ئۆمرىگە ۋە ۋاقتىغا بەرىكەت بەرگەن بولۇپ، «مانار» ژۇرنىلى ئۇنىڭ كۆپىنچە ۋاقتىنى ئالغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى روياپقا چىقارغانىدى. شەكسىزكى، «مانار» ژۇرنىلى ئۇنىڭ ئەڭ بۈيۈك خىزمىتى بولۇپ، بۇ ژۇرنال ھىجرىيە 1316 – يىلىدىن 1354 – يىلىغىچە (مىلادىيە 1899 – يىلىدىن 1935 – يىلىغىچە) داۋاملاشقان ۋە 160 مىڭ بەت، 33 جىلد چىقىرىلغان. ئۇنىڭ ۋاقىتلىرى شۇنداق زىچ تۇرۇقلۇق، ياۋروپا، ئاستانە، ھىندىستان، ھىجازلارغا سەپەر قىلغان ۋە باشقا ئىسلام خىزمىتى مەيدانلىرىغىمۇ قاتناشقان ئىدى.
ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى «تەپسىرى مانار» بولۇپ، ئەسلىدە ئۇستازى مۇھەممەد ئابدۇھ باشلاپ، سۈرە «نىسا»نىڭ 125 – ئايىتىدە توختاپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەردىن باشلاپ، سۈرە «يۈسۈف»كىچە داۋاملاشتۇرغان. ۋاپاتى ئۇنىڭ تەپسىرنى تاماملىشىغا توسالغۇ بولغان. بۇ تەپسىر 12 جىلد بولۇپ، ئەڭ كاتتا تەپسىرلەردىندۇر. ئۇنىڭ يەنە «الوحي المحمدي (ئەلۋەھيۇل مۇھەممەدىي)»، «نداء للجنس اللطيف (نىدائۇن لىلجىنسىل لەتىف)»، «تاريخ الأستاذ الإمام (تارىيخۇل ئۇستازىل ئىمام)»، «الخلافة (ئەلخىلافە)»، «السنة والشيعة (ئەسسۈننە ۋەششىيەئە)»، «حقيقة الربا (ھەقىيقەتۇر رىبا)»، «مناسك الحج (مەناسىكۇل ھەجج)» قاتارلىق كىتابلىرى بار.
ۋاپاتى
شەيخ رەشىد رىزانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئەمىر سۇئۇد ئىبنى ئابدۇلئەزىزنى ئۇزىتىش ئۈچۈن، ماشىنا بىلەن سۇۋەيش قانىلىغا سەپەر قىلدى ۋە ئۇنىڭغا كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلدى، ئاندىن ئۇ شۇ كۈنىلا قايتتى. ۋەھالەنكى، ئۇ كېچىچە ئۇيقۇسىز قالغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئاجىز تېنى يول ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتاتتى. ئۇ سۇۋەيشتە قونۇپ ئارام ئېلىشنى رەت قىلىپ، قايتىشتا چىڭ تۇرۇۋالدى. يول بويى ئادىتى بويىچە قۇرئان ئوقۇدى، تۇيۇقسىز ماشىنا سىلكىنگەنلىكتىن بېشى قېيىپ، ئىككى ھەمراھىدىن ماشىنا ئىچىدە بىر دەم ئارام ئېلىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. ئاندىن ئاز ئۆتمەيلا، ھىجرىيە 1354 – يىلى 23 – جۇمادەلئۇۋلا (مىلادىيە 1935 – يىلى 22 – ئاۋغۇست) پاك روھى تېنىدىن جۇدا بولدى. ئۇنىڭ تەپسىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىبارىسى «ئاللاھ تائالادىن ئىسلام يولىدا ئۆلۈشنى بىزگە نېسىپ قىلىشىنى سورايمىز» بولغانىدى.
مەنبە
· أحمد الشرباصي: رشيد رضا صاحب المنار – إصدارات المجلس الأعلى للشئون الإسلامية – القاهرة.
· إبراهيم العدوي – رشيد رضا الإمام المجاهد – المؤسسة المصرية العامة للتأليف – القاهرة – بدون تاريخ.
· أنور الجندي – أعلام وأصحاب أقلام – دار نهضة مصر للطبع والنشر – القاهرة – بدون تاريخ.
مەنبە: www.midad.com www.islamonline.net
تەييارلىغۇچى: قاراخانىي
[1] ئىمام مۇھەممەد ئابدۇھ (ھىجرىيە 1266 – 1323 / مىلادىيە 1849 – 1905) مىسىرلىق ئىسلاھاتچى ئالىم بولۇپ، ئىسلاھات يولىدا جامالىددىن ئافغانىينى ئۇستاز تۇتقان ۋە كېيىنكى ئۆمرىدە مىسرنىڭ مۇپتىسى بولغان. دادىسى تۈركمەن، ئانىسى ئەرەب. رەشىد رىزا ئۇنى «ئۇستاز ئىمام» دەپ سۈپەتلەيدىغان بولغاچقا، شۇ نام بىلەن ئاتالغان.
[2] تولۇق ئاتىلىشى مۇھەممەد رەشىد رىزا بولۇپ، كۆپ ھاللاردا قىسقارتىلىپ رەشىد رىزا دېيىلىدۇ.
[3] ھىندىنوزىيەدىكى بىر ئارالنىڭ ئىسمى.
[4] «شېرىن كالام» ناملىق كىتابىنىڭ بېشىدىكى تەرجىمىھالى.