نامازخاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولامدۇ؟
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆتكەندە بىر ئاكىمىز بىلەن بىر مەسجىدكە كىرىپ، سومكىمىزنى مەسجىدنىڭ ئوڭ تەرەپ تام يېنىغا قويۇپ ناماز ئوقۇدۇق. ئوقۇپ بولۇپ قارىساق، باشقىلار بىز سومكىنى ئالىدىغان يەرنىڭ ئۇدۇلىدا نامازغا تۇرۇۋاپتۇ. ئارىلىقى 10 مېتىردىن ئاشاتتى. مەن باشقىلاردىن سورىسام: «قەتئىي ئۆتۈشكە بولمايدۇ» دېدى. ھېلىقى ئاكىمىز: «سومكىمىزنى ئېلىۋالساق بولىدۇ، لېكىن ئىختىلاپ قىلماي، ئېلىۋالمايلى. رەسۇلۇللاھنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان جايىنىڭ ئالدىدىن بىر قوي ئۆتكىدەك ئارىلىق بار ئىدى» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىدىكى ئۇ ئورۇن نامازخاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەمدۇ ياكى ئۇنداق ئەمەسمۇ؟
يەنە بىر سوئال: مەن بىر ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان بولسام، ئالدىمدىكىلەر ئىمام بىلەن نامىزىنى تۈگىتىپ بولغان بولسا، مەن كەم نامىزىمنى ئوقۇۋاتقان ھالەتتە بىراۋ مېنىڭ ئالدىمدىن ئۆتسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ناماز ئوقۇۋاتقان ئادەمنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈش دۇرۇس ئەمەس، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى چەكلىگەن.
ئۆمەر ئىبنى ئۇبەيدۇللاھنىڭ ئازادگەردىسى ئەبۇننەزر بۇسر ئىبنى سەئىدتىن خەۋەر بەردىكى: «ﺯﻩﻳﺪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ مېنى ﺋﻪﺑﯘ ﺟﯘﮪﻪﻳﻢ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﺩﯨﻦ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘۋاتقان كىشىنىڭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚتكۈچى ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﺪﯨﻦ نېمە ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯞﻩتكەنىدى، ﺋﻪﺑﯘ ﺟﯘﮪﻪﻳﻢ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدىكى: ‹ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ: ”ئەگەﺭ ناماﺯ ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچى ئۆﺯىگە قاندﺍﻕ گۇناھ بولىدىغانلىقىنى بىلسە ئىدﻯ، قىرىق تۇرغىنى ئەﯞﺯﻩﻝ بوﻻتتى“› دېگەن» ئەبۇننەزر: «ئۇ (بۇسر) ‹قىرىق كۈﻥ› (دېدىمۇ) ياكى ‹(قىرىق) ئاي› (دېدىمۇ) ۋەياكى ‹(قىرىق) يىل› دېدىمۇ، بىلمەيمەﻥ» دېگەن(1).
ئۆز ئالدىغا ياكى ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى ئالدىدىن ئادەمزات ئۆتۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، دالدا بولغۇدەك، مەسىلەن ئورۇندۇق، سومكا، ئاياغ ۋە تاياققا ئوخشاش بىرەر نەرسىنى ئالدىغا قويۇشى ياكى تۈۋرۈكنى دالدا قىلىپ نامازغا تۇرۇشى سۈننەتتۇر.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىرەر نەرسىنى دالدا قىلماي ناماز ئوقۇمىغىن»(2) دېگەن. يەنە: «بىرىڭلار ناماز ئوقۇسا، بىرەر نەرسىنى دالدا قىلىپ ئوقۇسۇن، ئۇنىڭغا يېقىن تۇرسۇن» دېگەن(3).
بۇنداق ئەھۋالدا دالدىنىڭ ئارقىسىدىن ئۆتسە بولىدۇ. بۇنىڭ نامازغا تەسىرى بولمايدۇ.
ئەبۇ جۇھەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەﻡ بىز بىلەن بەتھائ ﺩېگەﻥ جايدﺍ ئالدىغا نەيزە تىكلەﭖ قويۇﭖ، ناماز پېشىننى ئىككى ﺭﻩكئەﺕ، ئەسىرنى ئىككى ﺭﻩكئەﺕ ئوقۇﺩﻯ، نەيزىنىڭ ئۇ تەﺭىپىدىن ئاياللاﺭ ﯞﻩ ئېشەكلەﺭ ئۆتۈﭖ تۇراتتى» دېگەن(4).
ئىمامنىڭ ياكى يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ئالدىدا دالدا بولمىغان ئەھۋالدا سەجدىگاھىدىن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يىراقتىن ئۆتسە بۇنىڭ نامازغا تەسىرى بولمايدۇ. ئەمما، جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغاندا ئېھتىياج كۆرۈلسە ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ ئالدىدىن، سەپلەرنىڭ ئارىلىقلىرىدىن ئۆتسە بولىدۇ. بۇنىڭ نامازغا تەسىرى بولمايدۇ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «مەﻥ بىر ماﺩﺍ ئېشەككە مىنىپ مىناﺩﺍ ﺭﻩسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەمنىڭ ئالدىدﺍ سۈترﻩ يوﻕ ھالدﺍ جامائەﺕ بىلەﻥ ناماﺯ ئوقۇﯞﺍتقاﻥ جايىغا كەلدىم، بۇ مېنىڭ باﻻغەتكە يېتەﻱ ﺩﻩﭖ قالغاﻥ چاغلىرىم ئىدﻯ، مەﻥ بەﺯﻯ سەپلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈﭖ، مادا ئېشىكىمنى ئوتلاشقا قويۇﯞېتىپ سەپكە كىرﺩىم، بۇنىڭغا ھېچكىم بىرنەﺭسە ﺩېمىدﻯ» دېگەن(5).
ناماز ئوقۇغۇچى بىلەن توسۇقنىڭ ئارىلىقىنىڭ قانچىلىك بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا بىر ھەدىستە سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ﺭﻩسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەمنىڭ نامازگاھى(6) بىلەﻥ مەسجىدنىڭ قىبلە تېمىنىڭ ئاﺭىلىقى بىر قوﻱ ئۆتۈﭖ كەتكۈﺩﻩﻙ ئىدﻯ» دېگەن(7).
ئالىملار: «ئۈچ گەزدىن ئاز ئارىلىق بولسا تەسىرى بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئۈچ گەز 1.5 (بىر يېرىم) مېتىرغا يېقىن كېلىدۇ.
يەنە بىر ھەدىستە ناﻓﯩﺌ رىۋايەت قىلىدۇكى: «ئابدﯗللاھ ئىبنى ئۆمەﺭ ﺭﻩﺯىيەللاھۇ ئەنھۇما كەئبەگە كىرسە، ئىشىكنى ئارقىسىغا قىلىپ ئۇدۇل مېڭىپ، ھەتتا تامغا ئۈﭺ گەﺯچە يېقىنلىشىپ بېرىپ، بىلاﻝ ئۇنىڭغا ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەﻡ مۇشۇ يەﺭﺩﻩ ناماﺯ ئوقۇغاﻥ› ﺩﻩﭖ كۆﺭسىتىپ بەﺭگەﻥ ئوﺭﯗندا ناماﺯ ئوقۇيتتى. ئۇ (يەنە): ‹كەئبەنىڭ ئىچىدﻩ خاھلىغاﻥ جايدﺍ ناماز ئوقۇساق بولىۋېرىدۇ› دېگەن»(8).
ئالىملار بۇ ھەدىسنى سۈترە(9) بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن كىشىنىڭ ئارىلىقى ئۈچ گەزدىن يىراق بولسا تەسىرى بولمايدىغانلىقىغا دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن.
ئادەتتە بىز مەسجىدتە جامائەت بولۇپ نامازنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن مەسجىدتىن چىقماقچى بولغىنىمىزدا كەينى سەپلەردىكى نامازغا تولۇق ئۈلگۈرەلمىگەنلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىپ قالىدۇ. بۇ مەسىلىگە كۈندە دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىمىز.
بۇ ئەھۋالدا، نامازغا تولۇق ئۈلگۈرەلمىگەنلىكتىن نامىزىنى تولۇقلاپ ئوقۇۋاتقان كىشى سۈترە بار تەرەپكە يۆتكىلىشى ياكى بىرەر نەرسىنى سۈترە قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك ئەمەس. دالدىلىنىش ئۈچۈن بىر قەدەم ئالسا ياكى ئازغىنە ھەرىكەت قىلسا مەيلى.
لېكىن، كۆپ ھەرىكەت قىلماي نامىزىنى تۇرغان جايىدا داۋاملاشتۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىمامغا ئىقتىدا قىلغاندا ئىمامىنىڭ دالدىسى ھېساب بولغان، كېيىن نامازنى يالغۇز تاماملىغاندىمۇ نامازغا تۇرغان چاغدىكى ئىمامىنىڭ ئالدىدىكى سۈترە تاكى ئۇ نامىزىنى تۈگىتىپ بولغۇچە كۈچكە ئىگە. ئىمامنىڭ دالدىسى سالام بېرىش بىلەن ئاياغلاشقان بولسىمۇ، نامىزىنى تاماملىماقچى بولغان نامازخاننىڭ نامازدا تۇرۇپ سۈترە تەييارلىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. سۈترە نامازدىن بۇرۇن تەييارلىنىدۇ. ساھابە كىراملاردىنمۇ نامازغا تولۇق ئۈلگۈرەلمىگەنلىكتىن نامىزىنى تولۇقلاپ ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ سۈترە قىلغانلىقى نەقىل قىلىنمىغان. لېكىن، بۇ ئەھۋالدا سەجدە قىلىدىغان جايغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىن ئۆتمەكچى بولغانلارنى توسىدۇ. بۇ ئارىلىقتىن ئۆتكەنلەر گۇناھكار بولىدۇ(10).
بولۇپمۇ نامازدا مېڭىش ياكى كۆپ ھەرىكەت قىلىش نامازنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئالدىدىن بىراۋنىڭ ئۆتكىنىدىنمۇ ئېغىر ئىش. شۇڭا، نامازدا تۇرۇپ دالدىغا يۆتكىلىش چەكلىنىدۇ. تۇرغان جايىدىن مىدىرلىماي بىرەر ھەرىكەت بىلەن ئالدىغا بىرنەرسە قويسا مەيلى، بولىدۇ. قويىدىغان بىرنەرسە بولمىسا، ئالدىدىن بىرسى ئۆتمەكچى بولسا، ئۇنى تەسبىھ ئېيتىش ياكى ئىشارەت قىلىش بىلەن توسىدۇ(11).
ئۆتمەكچى بولغان كىشىمۇ نامازخاننىڭ سەجدىگاهىنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە بولىدۇ. بىراق، سەجدە قىلىدىغان جاي بىلەن نامازخاننىڭ ئارىلىقىدىن ئۆتسە بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كۈتۈپ تۇرسا ياكى باشقا جايدىن ئۆتسە بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1440، 8 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2019، 9 – ئاپرېل
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (510)؛ مۇسلىم (507). «قىرىق»نىڭ كۈن ياكى ئاي، ياكى يىل ئىكەنلىكى راۋىي تەرىپىدىن نائېنىق رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئىبنى ماجەنىڭ بىر رىۋايەتىدە «يۈز يىل» دەپ كەلگەن. بەززارنىڭ رىۋايەتىدە «قىرىق يىل» دەپ كەلگەن. لېكىن، قىرىق ياكى يۈز دەپ بېكىتىشنىڭ مەلۇم سەۋەبى بارمۇ – يوق؟ بۇ تۈرلۈك بېكىتىشلەرنىڭ ئاستىدىكى سىرلارنى بىر ئاللاھ ئۆزى بىلۇر. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 4 – ج، 294 – بەت.
2. ئىبنى خۇزەيمە (800). ئالبانىيمۇ «سەھىھ» دېگەن.
3. ئىبنى خۇزەيمە (840). ئىمام نەۋەۋىي، ئالبانىيلارمۇ «سەھىھ» دېگەن.
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (495)؛ مۇسلىم (503).
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (861)؛ مۇسلىم (504).
6. بۇ سۆزنى بەزى ئالىملار «سەجدىگاھى» دەپ ئىزاھلىسا، يەنە بەزىلەر: «دەسسەپ تۇرغان جايى» دەپ ئىزاھلايدۇ. ئىمام ئەبۇ داۋۇد (696): «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇرغان جايى بىلەن قىبلە تام ئارىلىقى بىر ئۆچكە ئۆتكۈدەك ئىدى» دەپ رىۋايەت قىلغان. بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەتىدە (بۇخارىي ‹ھەج بۆلۈمى› 1599) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەئبەنىڭ ئىچىدە ناماز ئوقۇغاندا، تام بىلەن بولغان ئارىلىقى ئۈچ گەزگە يېقىن ئىدى. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 4 – ج، 279 – بەت.
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (496)؛ مۇسلىم (508).
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (506)؛ مۇسلىم (1329).
9. سۈترە (السُّتْرَةُ): سۆزلۈكتە «پەردە، توسۇق، يوپۇق ۋە دالدا» مەنىسىدە بولۇپ، فىقھتا كىشىلەرنىڭ ئۆتمەسلىكى ئۈچۈن، ناماز ئوقۇغۇچى ئالدىغا تىكلەپ قويىدىغان نەيزە ياكى هاسىغا ئوخشىغان نەرسىدۇر. يەككە ناماز ئوقۇغۇچى ياكى ئىمامنىڭ ئالدىغا سۈترە قويۇشنىڭ ھۆكمى سۈننەت ۋە مۇستەھەبتۇر. ئەمما، ئىقتىدا قىلغۇچىغا ئىمامىنىڭ سۈترەسى ھېساب بولغاچقا، ئۇنىڭ سۈترە قويۇشى مۇستەھەب ئەمەس. سۈترە دالدا بولىدىغان تۈۋرۈك، تام ياكى ئورۇندۇق ۋە سومكا قاتارلىق يەردىن بىر گەز ياكى بىلەكچىلىك (ئوتتۇز – قىرىق سانتىمېتر ئەتراپىدا) ئېگىزلىكتە بولغان نەرسىلەرنى ئالدىغا قويۇش بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. قويىدىغان بىرەر نەرسە تاپالمىغانلار سىزىق سىزىپ قويسىمۇ بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇغۇچى بىلەن ئۇنىڭ سۈترەسى ئارىلىقىدىن ئۆتۈشى ھارام بولۇپ، ئۆتۈپ قالسا نامازنى بۇزۇۋەتمەيدۇ. ناماز ئوقۇغۇچى سۈترەسى ئارىلىقىدىن ئۆتكەن كىشىنى ئەڭ يەڭگىل ھەرىكەت بىلەن توسۇۋالسا ياكى قولى بىلەن ئىتتىرىۋەتسە بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 24 – ج، 177 – 188 – بەت.
10. غەرناتىي: «ئەتتاجۇ ۋەلئىكلىل»، 1 – ج، 433 – بەت؛ ئىبنى رۇشد: «ئىبنى رۇشد پەتىۋالىرى»، 2 – ج، 904 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 1 – ج، 638 – بەت؛ ئىبنى ئۇسەيمىن: «لىقائۇل بابىل مەفتۇھ»، 30 – ج، 232 – بەت.
11. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 4 – ج، 223 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىر قېرىندىشىمىز ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مال - دۇنياسى مەلۇم مىقداردا نەق…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: رىسالەتۇ مەنشۇرىل ۋىلايە فى ئىسباتىز زىكرى بىل جەھرى بىددەلائىلىن نەقلىييە ۋەلئەقلىييە ئەلمۇفىيدە…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: جاھاننامە تۈر: تارىخىي داستان، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 62 (124 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەربىر…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. ۋاراق سانى: 207…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي تۈر: ئەقىدە، تەۋھىد، كالام. ۋاراق سانى: 34…
ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…