Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

گۋىنىيەدە ئىسلامىي دۆلەت قۇرغۇچى ئىمام سامورى تۇرې

گۋىنىيەدە ئىسلامىي دۆلەت قۇرغۇچى ئىمام سامورى تۇرې

گۋىنىيەدە ئىسلامىي دۆلەت قۇرغۇچى ئىمام سامورى تۇرې

(ھىجرىيە ؟ – ؟ / مىلادىيە 1830~ 1835– ؟)

 

ئىسلام ئۈنۈمدار بىر دىندۇر. ئىسلام ھەر ساھە ۋە ھەر كەسىپتە سان – ساناقسىز ئەزىمەتلەرنى، رەھبەر – قوماندانلارنى، قەھرىمانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتىكى يۈكسەك قۇدرىتى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. ئىسلام ئۆزىنىڭ مېتودى، ئەقىدە ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن ئارقىمۇئارقا بايراقدار ئەۋلادلارنى مەيدانغا چىقىرىپ كەلدى. بۇ ھاياتىي كۈچ بىلەن ئىسلام زېمىننىڭ ھەر خىل يەرلىرىدە ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى قۇرۇشقا ۋە ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشقا قادىر بولدى.

ياۋروپالىقلار ئافرىقىنى بايقاشتىن ئىلگىرى ئافرىقىلىقلار ئۇنچە ئىپتىدائىي قالاق ئىنسانلار ئەمەس ئىدى، بەلكى ھەر خىل مەدەنىيەت ۋە مەملىكەتلەرنى قۇرغان ئاڭلىق خەلقلەر ئىدى. لېكىن، ئىشغالىيەتچىلەر شۇ مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى ئۇستىلىق بىلەن ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئافرىقىنى دائىما قالاق قىتئە دەپ تونۇشتۇردى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ فىلىملىرى ۋە كىتابلىرى ئارقىلىق ئافرىقا قىتئەسىنى مەدەنىيەتسىز، زۇلمەتلىك بىر قىتئە، ئۇ يەردە ئادەم گۆشى يەيدىغان، ئورمان – چۆللەردە يېرىم يالىڭاچ يۈرىدىغان بىر توپ ياۋايىلار ياشايدۇ دېگەن پىكىرنى ئەقىللەرگە سىڭدۈردى. لېكىن، ھەقىقەت شۇكى، ياۋروپا ئىشغالىيەتچىلىرى ئافرىقا زېمىنىغا قەدەم باسقان چاغدا، ئافرىقا زۇلمەتلىك بىر جاي ئەمەس ئىدى، ئاھالىلىرىمۇ بىر تەخسە ئۈنچە – مارجان ئۈچۈن ياكى ئازراق كەمپۈت – ھالۋا ئۈچۈن ئىشغالىيەتچىلەرنى قوشقوللاپ قارشى ئالىدىغان ئۇنچە قالاق ئىپتىدائىي ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇلار كاتتا مەدەنىيەت ۋە قالتىس رەھبەرلىكلەرگە ئىگە ئىدى. بۈيۈك ئىسلام قوماندانى قەھرىمان سامورى تۇرېنىڭ رەھبەرلىكىدە غەربىي ئافرىقا ۋە گۋىنىيەدە قۇرۇلغان ئىسلام دۆلىتى ئەنە شۇ ئىسلام بارلىققا كەلتۈرگەن مەدەنىيەت ۋە رەھبەرلىكلەرنىڭ مىساللىرىدىن بىرىدۇر.

سامورى تۇرې كىم؟ ئۇ بۇ دۆلىتىنى قانداق قۇرغان؟

تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى

سامورى 1830 – يىلى بىلەن 1835 – يىلى ئارىسىدا ھازىرقى گۋىنىيەنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى بېيلا دېگەن يەردە تۇغۇلغان. سامورى كىچىكلىكىدە دادىسى لافىيا تۇرېدىن دىنىي تەلىم ئالغان ۋە دىنىي ئوقۇشىنى مۇرابىتۇنلارنىڭ بىرىنىڭ قولىدا تولۇقلىغان. بۇ مۇرابىتىي شەيخ ياش سامورىنىڭ قەلبىدە چوڭ تەسىر قالدۇرغان ئىدى. سامورى شارائىت يار بەرسە، شانلىق مۇرابىتۇنلار دۆلىتىگە ئوخشاش بىر دۆلەت قۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى.

سامورىنىڭ ھەربىي تەلىم ئېلىشىغا چوڭ تەسىرى بولغان بىر ۋەقە يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئانىسى 1851 – يىلى بۇتپەرەس بىساندوگۇ پادىشاھى تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئانىسىنى قۇتقۇزۇشنىڭ بىردىنبىر يولى ئۇنىڭ يەتتە يىل شۇ پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولۇشى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوبۇل قىلدى. بۇ يەتتە يىل جەرياندا سامورى بۇ بۇتپەرەس پادىشاھنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش بۇتپەرەس رەقىبلىرىگە قارشى ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىپ، ھەربىي رەھبەرلىك سەنئەتلىرىنى ئۆگەندى ھەمدە دىپلوماتىيە ئۇسۇللىرى ۋە رەھبەرلەر ئارا سۆھبەتلىشىش سەنئىتىنى ئۆگەندى. شۇنداقلا پىل چىشى قىرغىقىقا قىلغان بىر ئايلىق سەپىرىدىن پايدىلىنىپ، قورال سودىسىنى ئۆگەندى ۋە شۇ يەرلەردىكى كۆپلىگەن جەمئىيەتنىڭ ياشاش تۈزۈمىدىن خەۋەدار بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيەتلىرى، خۇسۇسەن، مۇسۇلمان سۇلتان ئۆمەر فۇتىينىڭ قول ئاستىدىكى مۇسۇلمان قەبىلىلەرنىڭ ۋەزىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى. بۇ ھال ئۇنى ئىسلام تارقىتىشقا چوڭ رولى بولغان بۇ بۈيۈك مەملىكەتنى ئافرىقىنىڭ غەربىدە ياشىتىشنى ئويلىدى. سامورى تۇرې ھاجى ئۆمەردىن ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئۇسۇلىدىن كۆپ تەسىرلەنگەنىدى.

دۆلەت قۇرۇش سەپىرى

قەھرىمان سامورى تۇرې تەسىرىگە ئۇچرىغان ھاجى ئۆمەر ئىبنى سەئىد تال غەربىي ئافرىقا تارىخىدا غەربىي ئافرىقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن، بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ئالىملىرى ۋە مۇجاھىدلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ھاجى ئۆمەر ئىسلامنى ئەتراپقا يېيىش ۋە جىھاد روھىنى تىرىلدۈرۈشنى نىشان قىلغان ھەمدە سېنېگال – نىگېر دەرياسىدىن ئىبارەت كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ ئىسلاھات ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان.

ھاجى ئۆمەرنىڭ دۆلەت قۇرۇش پىكرى بىرقانچە نىشانغا مەركەزلەشكەن ئىدى. ئۇلار:

1.     غەربىي ئافرىقىدىن مۇستەملىكىچى خىرىستىيانلارنىڭ خەتىرىنى توسۇش. چۈنكى، ياۋروپالىقلار شۇ رايونلارنىڭ ئادەملىرى بىلەن تىجارەت قىلىشاتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي نوپۇزىنى يېيىشقا ئۇرۇناتتى، گاھىدا خىرىستىيانلىقنى تاڭاتتى.

2.     مۇسۇلمان بولمىغان رايونلاردا ئىسلام تارقىتىش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىلىرىدىن قايمۇققان تەرەپلىرىنى تۈزىتىش، بۇلغانمىلار ۋە باتىللاردىن پاكلاش.

3.     ئىسلامنىڭ تەئەللۇقاتلىرىنى قوغداش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش.

ئافرىقا مۇھىتىدەك بىر خەتەرلىك مۇھىتتا، سامورى بۇ ئىسلامىي دۆلەت چۈشەنچىسىنى چىقىش قىلىپ، نىگېر دەرياسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى ئۆزى مەنسۇپ ماندىنگو قەبىلىلىرىدىن چوڭ بىر ئىمپېرىيە بەرپا قىلماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن سامورى بىر جامائەت تەشكىللەپ، جامائەتكە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە شۇ رايوندا بىر ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇشقا ئانت ئىچتى. ئاندىن ئادەملىرىنى جەڭ سەنئەتلىرى بىلەن مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇلارنى قوراللاندۇردى. بۇنىڭ نەتىجىسدە، ئۇنىڭ نوپۇزى كېڭىيىشكە باشلىدى.

1874 – يىلى پايتەختىگە قوشنا بولغان بارلىق يېزىلارغا تەدرىجىي ھۇجۇم قىلىشنى باشلاپ، كانكان شەھىرىدە مۇسۇلمانلار بىلەن ئىتتىپاقلاشتى. بۇ ئارقىلىق ئۇ مۇھىم قەبىلىلەرنى مەغلۇب قىلدى ۋە پۈتۈن فوتاجالونغا كونتروللۇقى ئاشتى ھەمدە ئۆزى بىلەن رىقابەتلەشكەن بارلىق كۈچلەرنى بىتچىت قىلىشتا ئۇتۇق قازىنىپ، مالېنك خەلقى تونۇغان بىر ئىسلامىي ئىمپېرىيەنىڭ ئەڭ چوڭ رەھبىرىگە ئايلاندى. 1884 – يىلى 25 – ئىيۇلدا سامورى تۇرې خەلقىنى بىر مۇراسىمغا توپلاپ، ئۆزىنى ئىمام دەپ ئاتايدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە پۇقرالىرىنى ئىسلامنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى. شۇ يىلى نويابىردا ئۆز مەملىكىتىدە ھاراق ئىچىش ۋە سېتىشنى چەكلەپ ھەمدە بۇتپەرەسلىك ئادەتلىرىنى مەنئى قىلىپ، ئىسلام شەرىئىتىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.

سامورىنىڭ دۆلىتىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈش مۇمكىن. بىرىنچى باسقۇچ يېڭى جەمئىيەت ۋە يېڭى دۆلەت بەرپا قىلىش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بۇ باسقۇچ 1884 – يىلىدىن بۇرۇنقى ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ دۆلەتنى 162 رايونغا بۆلگەن بولۇپ، ئۇ رايونلارنى ئۇنىڭ يېقىنلىرىدىن بىردىن ۋالىي، بىر ھەربىي خادىم ۋە بىر دىنىي ئالىمنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىدارە قىلاتتى. ئۇ ئادەملىرىنى زامانىدىكى ئافرىقىلىقلار ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىپتىدائىي قوراللارنىڭ ئورنىغا زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرەتتى. تارىخچىلار ئۇنىڭ بالىلارنى ئاتا – ئانىسىدىن ئېلىپ، ئۇلارنى ئاساسلىقى ھەربىي ۋە دىنىي مەشىق بىلەن تەربىيەلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ۋە دەۋىتىگە ئاۋاز قوشقۇچىلارنىڭ دائىرىسى كېڭەيگەن. ئىقتىساد ساھەسىدە سامورى ھەر خىل تىجارەتلەر ئۈچۈن كۆپلىگەن بازارلارنى سالغان. پىل چىشى بازىرى، ئالتۇن بازىرى، چارۋا بازىرى دېگەندەك بازارلارنى قۇرغان ئىدى. نەتىجىدە، ئۇنىڭ دۆلىتىدە تىجارەت گۈللەنگەن. ئۇ يەنە قورال ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى ۋە زاپچاس زاۋۇتلىرىنى ئىنشا قىلغان. بۇ نىگېر رايونىدا ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان ئىش ئىدى.

ئىككىنچى باسقۇچ 1885 – يىلىدىن 1888 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتۇر. بۇ باسقۇچ قويۇق دىنىي تۈس بىلەن ۋە سامورىنىڭ بۇتپەرەسلەر ئارىسىدا ئىسلام تارقىتىش ئۈچۈن جىھاد ئېلان قىلىشى، نۇرغۇن قۇرئان مەكتەپلىرىنى ئېچىشى ۋە كۆپلەپ مەسجىد سېلىشى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. ئۇ دىننىڭ ئەھمىيىتىگە ۋە قۇرئاننىڭ ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىدىكى ھالقىلىق رولىغا ئىشىنەتتى. سامورى تۇرې ھەربىر يېزىنىڭ ئاقساقىلىغا ئەسكەرلىككە يارايدىغان بىر توپ ياشلارنى كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيتتى. تىنچ ۋاقىتلاردا زاپاس قىسىملار دېھقانچىلىق ۋە باشقا ئىشلىرىنى قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئالتە ئاي قويۇپ بېرىلەتتى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن قايتىپ كېلەتتى. ئەگەر ئۇلارغا ئېھتىياج چۈشسە، ئېلىپ قالاتتى. بولمىسا ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم قويۇپ بېرەتتى.

ئۈچىنچى باسقۇچقا كەلسەك، بۇ 1889 – يىلدىن 1898 – يىلىغىچە بولىدۇ. بۇ باسقۇچ قويۇق ھەربىي تۈس بىلەن پەرقلىنىدۇ. سامورى ئۈچىلا باسقۇچتا فرانسۇزلار بىلەن توقۇنۇشقان، لېكىن بۇ توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىكى ئۈچ باسقۇچتا بىر – بىرىدىن پەرقلىقتۇر. 1884 – يىلى ئۇنىڭ بىلەن فرانسۇزلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە نوقۇل ھەربىي كۈچ سىنىشىش بولدى، 1884 – يىلىدىن كېيىن سامورى فرانسۇزلارغا قاتتىق ھۇجۇم قىلدى.

ئۆلگىچە جىھاد قىلىش

19 – ئەسىردە ئافرىقا قىتئەسى غەربنىڭ قاتتىق ئىشغال قىلىشىغا ئۇچرىدى. شۇ جەرياندا مۇستەملىكىچى غەرب كۈچلىرى بايلىقلارغا ۋە تەبىئىي كانلارغا ئىگە ئافرىقىنى بۆلۈشۈشكە كېلىشتى. ئىتالىيە لېۋىيە تەرەپكە يول ئالدى. ئەنگىلىيە مىسىرنى ئىگىلىدى. فرانسىيە ماراكەش، ئالجىرىيە ۋە تۇنىسنى باستى. فرانسىيە بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماي، چوڭ نىگېر رايونىنى بېسىشنى ئويلىدى. بۇ رايونغا ئىسلام تارىختا ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئۆمەر لەمتۇنىينىڭ فەتھىلىرى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن بولۇپ، شۇ رايوننىڭ كۆپلىگەن قەبىلىلىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان، يەنە بەزى قەبىلىلىرى رايونغا فرانسىيە ئىشغالىيىتى كەلگەن مەزگىلگىچە بۇتقا ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانىدى.

ياۋروپا جاھانگىرلىرى ئافرىقىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن ئاچقان 1884 – يىلىدىكى بېرلىن يىغىنىدىن كېيىن، فرانسىيە سامورىنىڭ مەملىكىتىگە كۆز تىكتى. چۈنكى، ئۇنىڭ دۆلىتى مول بايلىققا ئىگە ۋە داغدام ئىسلام يولىدا ماڭغانىدى. بۇ سەۋەبتىن، بۇ ئىسلامىي دۆلەت ئافرىقا قىتئەسىنىڭ غەربىدە فرانسۇز ئەھلىسەلىپنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا زور خەتەر كەلتۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن قەھرىمان سامورى جان تىكىپ فرانسىيەگە قارشى تۇردى ۋە فرانسىيەنى ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەتكۈزدى. ئۇنىڭ تالانتى ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچلىرىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈشتە نامايان بولىدۇ. بىرىنچى قىسىمنى ئۇ فرانسۇزلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى توسۇشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى شۇ چاغدىكى ئەڭ يېڭى قوراللار بىلەن جابدۇيدۇ. بۇلار تەرتىپ ۋە ئىمانىي تەييارلىق جەھەتتە ئەڭ ئىلغار كۈچلەر ئىدى. ئىككىنچى قىسىمغا فرانسىيەگە دوستلۇقىنى ئىزھار قىلغان بۇتپەرەسلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىدۇ. ئۈچىنچى قىسىم سامورىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلاردا بىخەتەرلىكنى ساقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ.

سامورى تۇرېنىڭ ئومۇمىي ئارمىيەسى پىيادە قىسىملاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاز بىر بۆلۈكىلا ئاتلىق ئىدى. سامورى ئۇلارنى ئالتۇن، پىل چىشى ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرىنىڭ بەدىلىگە فرېتاۋۇندا ئەنگىلىيەلىكلەردىن سېتىۋالغان ياۋروپانىڭ يېڭى قوراللىرى بىلەن قوراللاندۇردى. ئۇنىڭ شەخسىي مۇھاپىزەتچىلىرى 500 كىشىدىن تەركىب تاپاتتى. ئۇنىڭ قېرىندىشى مالىنكى تۇرېنىڭمۇ 200 ئاتلىق ۋە مىڭ پىيادىلىك ئەسكەر ئەتراپىدا خاس قىسمى بار ئىدى. فرانسۇزلار نىگېر دەرياسى ئاقىدىغان بارلىق رايوننى ئىگىلەشنى مەقسەت قىلغانىدى. نەتىجىدە ئاللاھ ئۇلارغا بۇ قەھرىمان سامورى تۇرېنى ئەۋەتكەندىن كېيىن، سامورى فرانسۇزلارنىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىقىپ، ئۇلارغا ئىقتىساد ۋە ئادەم جەھەتتە كۆپ چىقىم تارتقۇزدى. ئۇنىڭ قوراللىرى فرانسىيەنىڭ زەربىدار ئۇرۇش قوراللىرى ئالدىدا ئىپتىدائىي ھېسابلانسىمۇ، 13 يىل داۋاملاشقان مۇبارەك جىھادى بىلەن ئۇ فرانسۇزلارنى ھالسىراتتى. چۈنكى، ئىمان قەلبلەرگە ئورنىسا، ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ نەرسە تۇرالمايتتى. سامورى فرانسىيە كۈچلىرىنى نەچچە قېتىم تىنچلىق تەلەپ قىلىشىغا مەجبۇر قىلغىنىدەك، ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۇنىڭ ئىستىراتېگىيەسى ئۇزۇن مۇددەتلىك جەڭلەردە رەقىبلىرىنى خورىتىشنى ئاساس قىلاتتى. 20 يىل جەرياندا ئۇ بۇنىڭدا ئۇتۇققا ئېرىشتى. بۇ سەۋەبتىن، فرانسۇزلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە ئارامسىزلىق كىرىۋېلىپ، ئارقىمۇئارقا قوماندانلىرى ۋە ئوفىتسېرلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. سامورى ئۆز ۋەتىنىدە ۋە خەلقى ئارىسىدا جەڭ قىلغاچقا، ئافرىقا قەبىلىلىرىنىڭ تەبىئىتى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىنى دۈشمىنىدىن بەكرەك چۈشىنەتتى. دۈشمەنلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ نىشانى پايدا قازىنىش ۋە بايلىققا ئېرىشىش ئىدى.

ئۇ كېندېنگو ئەمىرلىكىنىڭ ھاكىمى بولغان تېيبا ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان دۈشمەنگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ تېيبا ئۇنىڭ جىھادىغا توسالغۇ بولۇپ، ئۇنىڭغا قارشى فرانسۇزلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىدۇ ۋە فرانسۇزلارنىڭ سامورىغا زەربە بېرىشىگە كۆپ ياردەملىشىدۇ. ئۇنىڭغا فرانسۇزلار بىر تەرەپتىن، تېيبا يەنە بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ، سامۇرى بولقا بىلەن سەندەل ئارىسىدا قالىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ ھۇجۇم ئۇنى توسۇپ قالالمايدۇ. شۇ ھالەتتە ئۇ ئىككىلى تەرەپكە ئېغىر زىيانلارنى ۋە ئارقىمۇئارقا مەغلۇبىيەتلەرنى يەتكۈزۈپ، فرانسۇزلارنى نەچچە مەررە قوماندانلىرىنى ئالماشتۇرغىلى سالىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭدىن يەنە سۈلھى تەلەپ قىلىدۇ. سۈلھى تۈزگەندىن كېيىن سامورى تۇرې دۈشمىنى تېيبانى يوقىتىش ئۈچۈن ئاتلىنىپ، ئۇنى پايتەختى سىكاسودا ئالتە ئاي قامال قىلىدۇ. لېكىن، ئۇ يەرنى فەتھى قىلىشتا مەغلۇپ بولىدۇ. فرانسۇزلار ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاقدىشى تېيبادىن قامالنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ھىيلە ئىشلىتىدۇ. نەتىجىدە ئىمام سامورى پايتەختتىن قامالنى توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە ئۆز ئېلىغا قايتىدۇ، لېكىن چوڭ زىيانلارنى تارتقاندىن كېيىن قايتىدۇ. ئىسلامغا يالغاندىن مەنسۇپ بولىۋالغان تېيبانىڭ خىيانىتى نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىدىن يەتتە مىڭى، ئەڭ داڭلىق قوماندانلىرىدىن ئىككىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ.

سامورى ساھابىلەرنىڭ يولىدا

ئىمام سامورىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ يارقىن پوزىتسىيەگە كەلسەك، بۇ ئۇنىڭ مۇھەببەت ۋە نەپرەت ئەقىدىسىنى يۈكسەك دەرىجىدە تەتبىقلىغانلىقىدا ئەكس ئېتىدۇ. بۇ ئىشنىڭ خۇلاسىسى مۇنداق: فرانسۇزلار ئۇنىڭ 12 ياشلىق بالىسىنى ئېلىپ قېچىپ، بالىسىنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئۇ رازى بولمايدىغان شەرتلەرنى قويىدۇ. ئۇ قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇ غۇرۇرلۇق كىشى ئىدى، خارلىقنى قوبۇل قىلمايتتى، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە مۇخالىپ بولغان شەرتلەرگە خوپ دېمەيتتى. فرانسۇزلار ئۇنىڭدىن ئۈمىد ئۈزگەندىن كېيىن، شەيتانىي بىر ھىيلىنى قوللىنىدۇ. ئۇلار بالىنى فرانسىيەگە ئېلىپ كېتىپ، ئۇنىڭغا سىكولارىزم، مودېرنىزم دېگەندەك ئىدىيەلەرنى سىڭدۈرىدۇ. بالا دادىسىنىڭ يولىغا تامامەن مۇخالىپ قاراشتا چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار بالىنى دادىسى يېنىغا ئەۋەتىدۇ. بالا كەلگەندىن كېيىن يۇرتىدىكى كىشىلەرگە ئاشۇ چىرىك غەربچە ئىدىيەلەرنى تارقىتىدۇ ۋە دادىسىنىڭ جىھادىغا قارشى بولىدۇ. دادىسى ئۇنداق قىلىشتىن توسىدۇ، لېكىن فرانسىيە ۋە بىرىتانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇپ زىيالىي بولغان بۇ ياش خەلقنى ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت ۋە ئاقارتىشقا قارشى تۇرماسلىق، مەدەنىيەت مەشئىلىگە بويسۇنۇپ، قاراڭغۇلۇقتىن چىقىش دېگەندەك ئىمپورت ئىدىيەلەرگە چاقىرىدۇ، قەبىلىلەرنى دادىسىغا ئەگەشمەسلىككە، ئۇنىڭغا قارشى چىقىشقا، فرانسىيەنىڭ ھامىيلىقى ۋە ئىتائىتىگە كىرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. مۇجاھىد ئاتا سامورى كىشىلەرنى توپلاپ، كىشىلەر ئالدىدا ئوغلىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ دىنغا، ئۈممەتكە ۋە ئۈممەتنىڭ كۈرىشىگە خىيانەت ئىكەنلىكىنى، بۇنداق قىلىۋەرسە ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئوغلىغا ئەسكەرتىدۇ. ياش ئوغۇل دادىسىنىڭ نەسىھىتىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، دادا جىھاد ھەرىكىتىگە ئوغلىنىڭ تەسىر كۆرسىتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئىسلامنىڭ سۆيگۈ ۋە نەپرەت پىرىنسىپىغا بىنائەن، خەلقىئالەم ئالدىدا ئوغلىنى بوغۇزلايدۇ ۋە يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دەيدۇ:

«كاپىر غەرب شۇنى بىلسۇنكى، مۇسۇلماننىڭ نەزىرىدە دىنىدىنمۇ قىممەتلىك ھېچ نەرسە يوق، ئۇلار بالىلىرىمىزنىڭ ئەقلىنى تارتىۋېلىش بىلەن بىزنى ھەرگىزمۇ جىھادتىن توسالمايدۇ. بىز ئۇنداق بالىلارنى كاپىرلارغا قارشى جىھادقا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆز قولىمىز بىلەن بوغۇزلايمىز. بىزگە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە دىنىدىنمۇ سۆيۈملۈكرەك ھېچنېمە يوقتۇر».

ئۇنىڭ بۇ ئۇلۇغ مەۋقەسىنى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى تەستىقلايدۇ: ﴿ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلارنى – ئۇلارنىڭ ئانىلىرى، ئوغۇللىرى، يا قېرىنداشلىرى، يا ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ – دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇشى مۇمكىن ئەمەس)، ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا ئاللاھ ئىماننى مەھكەم قىلدى ۋە ئۆز دەرگاھىدىن بولغان روھ بىلەن ئۇلارنى كۈچەيتتى﴾ ([1]).

ساھابە كىراملارغا ئوخشايدىغان نېمىدېگەن ئۇلۇغ ئىمام بۇ! چوڭ بەدر كۈنى ساھابىلەردىن ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ كاپىر دادىسىنى ئۆلتۈرگەن، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب كاپىر تاغىسىنى ئۆلتۈرگەن، ئەبۇ بەكرى ئوغلىنى ئۆلتۈرۈشكە بەل باغلىغان ئىدى. ئاللاھ ساھابىلەردىن ۋە ئۇلارنىڭ يولىدىن ماڭغانلاردىن رازى بولسۇن!

قەھرىماننىڭ كېيىنكى ئەھۋالى

رايوندىكى فرانسىيە ئارمىيەسىگە Archinard ئىسىملىك ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قاتتىق ئاداۋىتى بار بىر قوماندان رەھبەرلىك قىلىپ، 1889 – يىلى سامورىغا يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى تاڭدى. بۇ كېلىشىمدە سامورى تۇرې بەزى تۇپراقلاردىن ۋاز كەچكەن بولدى ۋە فرانسىيە بېسىۋالغان يۇرتلارغا ھۇجۇم قىلماسلىققا ئەھدە قىلدى. چۈنكى، ئۇ ئاجىز ھالەتتە ئىدى، سەپلىرىنى قايتىدىن تۈزەشتۈرۈپ، يەنە بىر قېتىملىق ھەرىكەتكە نەپەس ئېلىۋېلىشنى ئىستىگەنىدى. بۇ فرانسىيە قوماندانى سامورى تۇرېنىڭ شەھەرلىرىدىن كانكان ۋە بىساندوگۇ دېگەن ئىككى شەھەرنى بېسىۋالغانىدى. لېكىن، فرانسۇزلار بۇ ئىككى شەھەرگە كىرگىنىدە، قۇم دۆۋىلىرىنى كۆردى. چۈنكى، ئىمام ئۇلارنىڭ پايدىلانماسلىقى ئۈچۈن ئىككى شەھەرنى كۆيدۈرۈۋەتكەنىدى.

سامورىنىڭ مەملىكىتىنى فرانسۇزلار «يۆتكىلىشچان ئىمپېرىيە» دەپ ئاتايتتى. چۈنكى، سامورى ئۆزىنىڭ مەملىكىتىنىڭ بىرەر پارچىسىنى يوقىتىپ قويسا، قوشنا بۇتپەرەس پادىشاھلىقلاردىن تولۇقلىۋالاتتى. شۇنىڭ بىلەن گويا ھېچنېمىنى يوقىتىپ قويمىغاندەك، پەقەتلا مەملىكىتىنىڭ چېگرالىرىنى ئۆزگەرتكەندەك بولاتتى.

فرانسىيە ھۆكۈمىتى سامورىنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ مۇددىتى ئۇزىراپ كەتكەندىن كېيىن، تېز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، قوماندان Archinard نى قالدۇرۇپ، bonnerr ئىسىملىك يەنە بىر قومانداننى ئەكەلدى. يېڭى قوماندان ھۇجۇملارنى قوزغىدى – يۇ، ئىمام سامورىنىڭ قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېغىر مەغلۇپ بولدى ۋە فرانسىيە ئەسكەرلىرىدىن خېلى جىقى ئەسىركە ئېلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن فرانسىيە يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئىلگىرىكىدەكلا يېڭىلدى. فرانسىيە ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى سۇنۇپ، فرانسىيە ئاستىدىكى سېنېگال ھاكىمىنى ئىمام بىلەن تىنچلىك كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتتى. ئىمام بىرئاز تىنىۋېلىشقا، تەييارلىق كۆرۈشكە، بۇتپەرەسلەر ئارىسىدا ئىسلام تارقىتىش ئۈچۈن بوشىنىشقا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، كېلىشىمنى قوبۇل قىلدى. لېكىن، فرانسىيە بۇ توختامدا ھىيلە – نەيرەڭ ئىشلەتتى. توختامدىن كېيىنلا 1898 – يىلى ئىيۇلدا ئىمام سامورى فرانسىيە قوماندانى lartigue غا قارشى چوڭ بىر ئۇرۇشتا ئۇتۇق قازانغاندىن كېيىن، ئۇلار ئىمامنىڭ پېيىغا چۈشتى. ئىمام خاتا ھالدا غەرب تەرەپكە ھەرىكەتلىنىپ، يامغۇرلۇق پەسىلدە تروپىك ئورمانلىققا كىردى. نەتىجىدە، ئەسكەرلىرىگە ئاچارچىلىق يېتىپ، ئەسكەرلىرى چېچىلىپ كەتتى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن يىغىلمىدى.

سامورى سانانكوروغا قايتماقچى بولدى – يۇ، لېكىن فرانسۇزلار رەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى گۆرۈگە قويۇپ، قوراللىرىنى تاپشۇرسا يولنى ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئىش ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىپ، ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى. ئاخىرىدا دۈشمەننىڭ خىيانىتى بىلەن ئەسىرگە چۈشۈپ، مىلادىيە 1898 – يىلى ougoue ئارىلىغا پالاندى ۋە ھىجرىيە 1319 – يىلى، مىلادىيە 1900 – يىلى ۋاپات بولدى. فرانسىيە ئۆزىنىڭ كۈتۈلمىگەن بۇ غەلىبىسىدىن كېيىن غەربىي ئافرىقىغا ئورۇنلاشتى.

ئىمام سامورى نەۋرىسى ئەھمەد سېكو تۇرېنى ئارقىسىدا قالدۇرغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن نەۋرىسى قارشىلىق ھەرىكىتىگە باش بولۇپ، 1958 – يىلى گۋىنىيە مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن چاغدا، ئۇ گۋىنىيەنىڭ بىرىنچى رەئىسى بولدى، لېكىن ئۇ بوۋىسىنىڭ يولىغا قارشى يول تۇتۇپ، فرانسىيەنىڭ كارۋىنى ئىچىدە ماڭدى.

ئىمام سامورى تۇرې ئۆز زامانىسىنىڭ يېگانىسى ئىدى. ئۇنى دوستلىرىدىن بۇرۇن دۈشمەنلىرى ماختىغان بولۇپ، ھەتتا فرانسۇزلار ئۇنى «ئافرىقىنىڭ ناپولېئونى» دەپ سۈپەتلەيتتى. ئۇ توغرىسىدا ئىتالىيەلىك گېنېرال Orist Paratera مۇنداق دېگەن: «سامورى پۈتۈن غەربىي ئافرىقا رەھبەرلىرىدىن ئۈستۈنلۈكىنى نامايان قىلدى. چۈنكى، ئۇ رەھبەرلىك سۈپەتلىرى بىلەن ئالاھىدە پەرقلەنگەن بىردىنبىر كىشىدۇر. چۈنكى، ئۇ كۈتۈش قىيىن بولغان ھەربىي پىلانلارنى تۈزۈش قۇدرىتىگە ئىگە قوماندان، تەجرىبىلىك سىياسىيون ئىدى».

ئاللاھ بۈبۈك ئىمامغا رەھمەت قىلغاي ۋە مۇھەممەد ئۈممىتى ئىچىدە ئۇنىڭ ئىزىنى بويلاپ ماڭىدىغان ئىزباسارلارنى چىقىرىپ بەرگەي!

 

مەنبە:

1.     https://khutabaa.com/

2.     https://www.sasapost.com/opinion/samori – ture/

تەرجىمىدە: قاراخانىي


([1]) سۈرە «مۇجادەلە»، 22 – ئايەت.

Please follow and like us:
Exit mobile version