Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە تارىخ پەلسەپەسىدىن ئىبارەت ئىككى ئىلىمنىڭ پاسىبانى ئىبنى خەلدۇن

جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە تارىخ پەلسەپەسىدىن ئىبارەت ئىككى ئىلىمنىڭ پاسىبانى ئىبنى خەلدۇن

جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە تارىخ پەلسەپەسىدىن ئىبارەت ئىككى ئىلىمنىڭ پاسىبانى ئىبنى خەلدۇن

(ھىجرىيە 732 _ 808 / مىلادىيە 1332 _ 1406)

 

 

«جەمئىيەتشۇناس ئالىملار ‹المقدمة (مۇقەددىمە)[1]›دىن ئۆز ۋاقتىدىلا خەۋەر تاپالىغان بولسا بۇ ئىلىمدە ھازىرقىدىنمۇ كۆپ ئىلگىرىلەپ كەتكەن بولار ئىدى».

جەمئىيەتشۇناسلىق يېڭى پەن بولۇپ، تېخى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بويىچە قىياپىتىنى تولۇق شەكىللەندۈرۈپ بولالمىغانىدى. بۇ پىشىپ يېتىلىش ۋە تاكامۇللىشىش پەقەت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بېشىدا ئاندىن ئىشقا ئاشقانىدى. ئېھتىمال، بۇ پەننىڭ پەن سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىپ مۇكەممەللىشىشىنىڭ كېچىكىشى كىشىلىك تەبىئەتنىڭ جەۋھىرى بولغان ھۆرلۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، كىشى ئۆزى ھۆرلۈك ھېس قىلغاندىلا ئاندىن تەبىئىي يوسۇندا باشقىلارنىڭ ھۆرلۈكى ھەققىدە باش قاتۇرىدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىمۇ دەل شۇنداق بولۇپ، قانۇن ۋە باشقا ھەرقانداق نەرسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي خالىغىنىنى قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئىنسانىيەت ئالەمى بۇنداق ھەممە ئىنتىلىدىغان ئەركىنلىكتىن ئۇزۇن ۋاقىت مەھرۇم قالغان بولغاچقا، ئومۇمىيلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بىر تۈركۈم قانۇن – قائىدىلەر تۈزۈپ چىقىلدى. ئۇزۇن ئەسىرلەر مابەينىدە، دەل مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلى ئىجتىمائىي ئالماشتۇرۇش ئىلمىنى بەرپا قىلىش مۇمكىن ئەمەس دېگەن قاراش ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن. جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمى «ئىنسانىيەت ئالەمىدە ۋەقە – ھادىسىلەر بويسۇنىدىغان قانۇنىيەت بولغىنىدەك ماددىي ئالەمدىمۇ ھادىسىلەر بويسۇنىدىغان قانۇنىيەتلەر بولىدۇ» دەيدىغان ئىدىيە پىشىپ – يېتىلگەندىلا ئاندىن مەيدانغا چىققان.

ئۆتمۈشتە نۇرغۇن ئىجتىمائىي تەتقىقاتلار مەيدانغا چىققان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەتقىقاتلار ئىجتىمائىي ئالماشتۇرۇشقا خاس ئىلىم شەكىللەندۈرۈش پىكىرى تەرەپكە ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىلمى بولغان سىياسەت تەرەپكە قارىتىلغان ئىدى. جەمئىيەت ئەركىنلىكتىن بەھرى ئالىدىغان ئىنسانلاردىن شەكىللىنىدىغان بولغانلىقتىن، ئەزالىرىنىڭ، بولۇپمۇ يېتەكچى – داھىيلىرىنىڭ ئارزۇسى تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ. شۇڭلاشقا، جەمئىيەت ھەققىدە باش قاتۇرغان پەيلاسوپ ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋەزىپىسى جەمئىيەت ئەزالىرىغا نېمىنى ئارزۇ قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ بېرىش بولغان. بۇ ھەم ئەپلاتوننىڭ«الجمهورية (جۇمھۇرىيەت)» ۋە «القوانين (قانۇنلار)» دېگەن ئىككى دىئالوگىدىكى، ئەپلاتوندىن كېيىن كەلگەن شاگىرتى ئارستوتېلنىڭ «السياسية (سىياسەت)» دېگەن كىتابىدىكى، شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئىنگلىز پەيلاسوپى ھوبىس قاتارلىقلارنىڭمۇ نىشانىدۇر.

14 – ئەسىردە مۇشۇ قائىدىگە تايانغان ئەرەب مۇتەپەككۇرى مەيدانغا چىقتى. ئۇ ئىبنى خەلدۇن بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا جەمئىيەتنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇستەقىل ئىلىم يەنى جەمئىيەت ھادىسىلىرىنى ئالاھىدىلىكى ۋە كونتروللۇقىدىن چىقالمايدىغان قانۇنىيىتىنى بايقاپ چىقىش ئۈچۈن تەتقىق قىلىنىدىغان باشقا ئىلىملەرگە ئوخشاش يوسۇندا تەتقىق قىلغىلى بولىدىغان ئىلىم ئىكەنلىكى تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇنى «المقدمة (مۇقەددىمە)» دېگەن كىتابىدا مەخسۇس توختىلىپ تەتقىق قىلغان ھەمدە: «تارىخ پەقەت ۋەقە – ھادىسىلەرنى ئاددىيغىنە بايان قىلىپ قويۇشتۇر، خالاس. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئارقىمۇئارقا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھوشيارلىق بىلەن تەكشۈرۈش، ئۇنىڭ ئىچكى سەۋەبلىرىنى ئىنچىكە سۈرۈشتە قىلىش ۋە ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلىش بولۇشى كېرەك ئىدى» دېيىش ئارقىلىق تەكىتلىگەن.

تۆۋەندە بىز بۇ ئىجادكار ئالىمىمىزنىڭ يېتۈك ئالاھىدىلىكلىرىدىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن تەرجىمىھالى ھەققىدە بىر ئاز توختىلىمىز.

ئىبنى خەلدۇننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئىش – پائالىيەتلىرى

ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇراھمان ئىبنى خەلدۇن بولۇپ، ھىجرىيە 732 – يىلى رامىزان ئېيىنىڭ بېشى (مىلادىيە 1332 – يىلى 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى) دا تۇنىستا تۇغۇلغان، كۇنيەتى ئەبۇ زەيد. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە «قۇرئان كەرىم» يادلىغان ۋە باشقا ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن. ئۇ دادىسى ۋە ئۆز دەۋرىدىكى تۇنىسنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىنىڭ قولىدا ئوقۇغان. ئۇ ئۇلارنىڭ قولىدا شەرئى بىلىملەر، ئەرەب تىلى، تەبىئەت بىلىملىرى، ماتېماتىكا، مەنتىق ۋە پەلسەپە قاتارلىقلارنى ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ دادىسىغا ئوخشاش پۈتۈنلەي ئىلىمغىلا بېرىلىش نىيىتى بار ئىدى. لېكىن، ئۇ 18 ياشقا كىرگەندە مۇنداق ئىككى ئىش ئۇنىڭ دەرسىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ: بىرى، دادىسىنىڭ ۋە مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۇستازلىرىنىڭ ھىجرىيە 8 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت سالغان ۋابا كېسىلىدە ۋاپات بولۇشى. يەنە بىرى، بۇ ۋابادىن ئامان قالغان ئالىم – ئۆلىما ۋە ئەدىبلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تۇنىستىن ماراكەشكە كۆچۈپ كېتىشى.

بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇنىڭ ھايات پىلانىنىڭ يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش بولدى ۋە ئاممىۋى ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ سىياسەت مەيدانىغا كىرىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت ۋەزىپىلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتلەر ئۇنىڭ ھىجرىيە 751 – يىلىدىن 776 – يىلىغىچە بولغان 25 يىللىق ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەپ كەتكەنىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىشلار ئۇنىڭ غايىسىنى ۋە مەلۇم بىر ئىشقا بولغان ھەقىقىي تەييارلىقىنى نامايان قىلىپ بېرەلمىگەنىدى. ئۇ، ئۇ ئىشقا مەجبۇر ئىدى، ئۇنىڭغا خالىماي كىرىپ قالغانىدى. شۇڭا، بۇ مەزگىلدە يېڭىۋاشتىن ئوقۇ – ئوقۇش ساھەسىگە قايتىپ كېلىش ئۈچۈن داۋاملىق پۇرسەت ئىزدەپ يۈرگەنىدى. ئۇ ھەقىقىي خاراكتېرىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان ئوقۇ – ئوقۇتۇشقا بولغان كۈچلۈك رىغبىتى بىلەنلا كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزۇپ كەلگەنىدى. ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىي مىراسلىرىغا غايەت زور پايدا يەتكۈزگەن. شۇڭا، نامى تىللاردا داستان بولغان.

ئۇ ھىجرىيە 755 – يىلى شۇ ۋاقىتتىكى ماراكەشنىڭ سۇلتانى ئەبۇ ئىنان بىلەن بىللە فاس شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان ۋە سۇلتاننىڭ سارىيىدا كاتىپلىق قىلغان. بۇ مەنسەپكە شۇ ۋاقىتتا پەقەت مەشھۇر يازغۇچىلارلا ئېرىشەلەيتتى. بۇ ئىبنى خەلدۇننىڭ مۇشۇ يېشىدىلا (شۇ ۋاقىتتا 22 ياش ئەتراپىدا ئىدى) ئەدەبىيات ۋە يېزىقچىلىق ساھەسىدە يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نام – شۆھرىتى مەغرىبنىڭ ھەممە يېرىگە تاراشقا باشلايدۇ.

ئىبنى خەلدۇن سۇلتاننىڭ كاتىپلىقىنى تەخمىنەن ئىككى يىل ئەتراپىدا قىلغان. كېيىن يەنە ئىككى يىلنى سۇلتانغا سۇيىقەسىت قىلىشقا چېتىلىپ قالغان دېيىلىپ مەھبۇس ھالىتىدە زىنداندا ئۆتكۈزگەن. زىنداندىن چىققاندىن كېيىن ۋەزىپىسىنى يەنە قايتا قولىغا ئېلىپ تەخمىنەن 4 يىل ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرغان.

ئىبنى خەلدۇنغا فاستىكى ۋاقتىدا ئەندەلۇس ۋە تۇنىس قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئالىم – ئۆلىما ۋە ئەدىبلەردە ئوقۇش پۇرسىتى بولىدۇ. ئۇ دائىم شۇ ۋاقىتتا كىتابلار ئەڭ كۆپ ئىسلامىي كۇتۇپخانىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان فاستىكى كۇتۇپخانىغا بېرىپ -كېلىپ، ئۆزىنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ، نەزەر – دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. بۇ پۇرسەت ئۇنىڭ ھەقىقىي ئارزۇ – ئارمىنىنى قاندۇرۇش پۇرسىتى بولىدۇ. ئۇ مۇشۇنداق قىلىپ بۇ مەزگىلىنى يۇقىرى مەمۇرىي مەنسەپ بىلەن يۇقىرى ئىلمىي مەرتىۋە ئارىسىدا ئۆتكۈزىدۇ.

ھىجرىيە 779 – يىلى تىلمەسانغا كەلگەندە پۈتۈنلەي ئوقۇش ۋە كىتاب يېزىش بىلەن مەشغۇل بولۇشنى ئويلايدۇ – دە، (ھازىرقى ئالجىرىيەنىڭ بىر شەھىرى بولغان) ئىبنى سەلامە قەلئەسىگە بېرىپ، ئەرىيف جەمەتىنىڭ مېھمىنى سۈپىتىدە بۇ جايدا قالىدۇ. ئۇ ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە بۇ جايدا تۆت يىل تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ جەرياندا مۇقىم ۋە تىنچ – ئامانلىقتىن بەھرىمان بولغانلىقتىن زور ئىلمىي ئەسەرلەرنى مەيدانغا چىقىرىدۇ. ئۇ يەنە ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرى ۋە قانۇنلىرى ھەققىدىكى بىر تەتقىقات ئەسىرىنىمۇ مەيدانغا چىقىرىدۇ. بۇ ئەسەر كېيىنچە «مقدمة ابن خلدون (ئىبنى خەلدۇن يازغان مۇقەددىمە)» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولىدۇ. ئۇ بۇ كىتابىنى يېزىشنى 776 – يىلى باشلاپ 780 – يىلى ئاخىرلاشتۇرغان.

ئىبنى خەلدۇن بۇ چاغدا 45 ياشتا بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئىلمىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەن، نەزەر دائىرىسى كېڭەيگەن، پىكىر – ئىدىيەلىرى يۈكسەلگەن، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرى ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە كۆرگەن – بىلگەنلىرىدىن مەلۇم پايدىلارنى كۆپچىلىككە سۇنىدىغان ۋاقىتلىرى ئىدى. بولۇپمۇ ئۇ 25 يىللىق ھاياتىنى ئوردا – قەسىرلەردە، ئەندەلۇس ۋە مەغرىب دۆلەتلىرىدە سىياسىي بوران – چاپقۇنلار قاينىمىدا ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۆتكەن – كەچكەن ئىشلارنى تەتقىق قىلاتتى، يۆنىلىشىنى مۇلاھىزە قىلاتتى، ئۇچۇر – مەلۇماتلارنى رەتلەپ يەكۈنلەيتتى. قەبىلىلەر ئارىسىغا كىرىپ ئۇلارنىڭ خاراكتېرلىرى، ئەھۋاللىرى ۋە ئەنئەنىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشتە بولاتتى. ئۇنىڭ زېھنى ئۆتكۈر، تەپەككۇرى مەنتىقىلىق، مۇلاھىزىسى كەڭ دائىرىلىك بولغاچقا، بۇ ھادىسىلەرنى تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش، بىر رىتىمدىكىلىرىنى بىر رامكىغا قويۇش، مەنبەسى ۋە كېلىپ چىقىشى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش، مۇھىملىقى بويىچە دەرىجىگە تىزىش، كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللار ۋە ئۇنى ئۆز قانۇنىيىتىگە سېلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ بۇ كىتابى ئىجتىمائىي تەتقىقات ئالەمىدە چوڭ بىر ساھەنى ئاچقان. ئۇ بۇ كىتابىنى يېزىشقا، ئۆزىنىڭ كىتابنىڭ خاتىمىسىدە ئېيتىشىچە، پەقەت 5 ئايلا سەرپ قىلغان بولۇپ، بۇنچىلىك قىسقا ۋاقىتتا يېزىپ چىقالىغانلىقىغا ئۆزىنىڭمۇ ھەيران قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ راستىنلا ھەيران قېلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىدى. چۈنكى، بۇنچىۋالا مۇھىم تەتقىقاتلار ئادەتتە ئىككى يىلدا ئاران پۈتەتتى.

ھادىسىلىرى بىلەن قاينام – تاشقىنلىققا ئىگە بولغان بۇ ھاياتنىڭ ھەممە تارماقلىرى ئۇنىڭ ئۆتكۈر نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋەزىپىلىرىنى جىسمى بىلەن ئادا قىلغان بولسىمۇ روھى پۈتۈنلەي ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرى ۋە ئىلىم – مەرىپەت قولغا كەلتۈرۈش دېگەندەك ئىشلار ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئۇنىڭ زېھنى داۋاملىق مەلۇماتلارنى توپلىسا ئەقلى ئۇنى رەتكە تۇرغۇزاتتى، سېلىشتۇرۇش ئېلىپ باراتتى، نەتىجىلەرنى يەكۈنلەپ چىقىراتتى. ئۇنىڭ تۇرمۇشى مۇقىم ۋە خاتىرجەم بولغاندا بۇ توپلانغان مەلۇماتلار تەسىرىنى كۆرسىتىپ ھېسسىيلىقتىن خالىي، ئەقلىي بولغان نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. «المقدمة (مۇقەددىمە)»مۇ مۇشۇ قاتاردا مەيدانغا چىققان ۋە ھەتتا ئۆزىنىمۇ ھەيران قالدۇرغان دەرىجىدىكى كۆزقاراش ۋە ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەلۋەتتە. بۇ ئەسەر نۇرغۇنلىغان تالانتلىق ۋە ئىجادكار ئالىملارنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان. ئۇ يازغان نەرسىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئىبنى سەلامە قەلئەسىدىكى تىپتىنچ ئۆيىدە ئەستە ساقلىۋالغانلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان.

ئاندىن ئۇ يازغانلىرىنى تەھرىرلەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىبنى سەلامە قەلئەسىدە ئېرىشەلمىگەن كەڭ دائىرىدىكى ماتېرىيال مەنبەلەرگە ئېھتىياجى چۈشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئائىلىسىنى ئېلىپ، مول كۇتۇپخانىلىرى بىلەن موھتاج بولۇۋاتقان ماتېرىيال مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان تۇنىسقا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇ تۇنىسقا كەلگەندىن كېيىن ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەنلا شۇغۇللىنىپ تۆت يىلنى ئۆتكۈزگەن. بۇ جەرياندا ئەسىرىنى تۈزىتىپ ۋە تەھرىرلەپ، 784 – يىلىنىڭ باشلىرىدا تۇنىسنىڭ سۇلتانى ئەبۇ ئابباس ئەھمەدكە بىر نۇسخىسىنى سوۋغا قىلغان. بۇ نۇسخا ھازىر تۇنىس نۇسخىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇنىڭ مىسىرغا كېلىشى

784 – يىلىنىڭ ئاخىرىلىرىدا ئۇنىڭ قۇلىقىغا تۇنىس سۇلتانى ئەبۇ ئابباسنىڭ ئۆزىنى سىياسىي ئىشلاردا ياردەم قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنىڭ خەۋىرى يېتىپ قالىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ بۇ چاغلاردا ئۆزىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئارزۇ – ئارمانلىرىغا يات بولغان بۇنداق ئىشلاردىن رايى يانغان، تەتقىقات ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇش بىلەنلا شۇغۇللىنىپ ئەسلىي تەبىئىتىنى قاندۇرۇشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇنۇستىن كېتىشنى قارار قىلىدۇ. شۇ ئەسنادا توساتتىن ئۇنىڭ خىيالىغا ھەج قىلىش ئويى كېلىدۇ ۋە سۇلتاندىن تەكرار – تەكرار تەلەپ قىلىپ ئاخىرى رۇخسەت ئالىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىچاقىلىرىنى تۇنىستا قويۇپ قويۇپ، دېڭىز يولى ئارقىلىق ئىسكەندەرىيەگە قاراپ يولغا چىقىپ 784 – يىلى روزا ھېيت كۈنى ئەتىگەن يېتىپ بارىدۇ. ئاندىن قاھىرەگە بارماقچى بولىدۇ. قاھىرە شۇ چاغدا مەشرىق ۋە مەغرىبتىكى ئىسلامىي پىكىر – ئىدىيەلەرنىڭ ئەڭ مەشھۇر بۆشۈكى ئىدى. ھۆكۈمرانلىقى بولسا مەملۇكىيلارنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بەرپا قىلغان مەكتەپلەر ۋە ئۇلاردىن بۇرۇن فاتىمىيلار دەۋرىدە بىنا قىلىنغان جامەلەردە ئوقۇتۇلۇۋاتقان ھەر خىل بىلىم – مەرىپەت ۋە ھۈنەر – سەنئەت كەسىپلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشتە نامى جاھانغا مەشھۇر ئىدى. ئىبنى خەلدۇننىڭ نامى مىسىرغا ئۆزىدىن بۇرۇن يېتىپ كېلىپ بولغانىدى. مىسىر جەمئىيىتى شۇ چاغدا ئۇنىڭ قانداق شەخس ئىكەنلىكى، تەرجىمىھال – كەچمىشلىرى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي تەتقىقاتلىرى قاتارلىقلار ھەققىدە ئوبدانلا تونۇشقا ئىگە ئىدى. بۇ دەۋرلەردە كىتابچىلارنىڭ ئەسەرلەرنى كۆپەيتىپ دۇنيانىڭ ھەر يېرىگە تارقىتىش دېگەندەك پائالىيەتلىرى راۋۇرۇس جانلانغان ئىدى.

شۇ تۈپەيلى ئىبنى خەلدۇن قاھىرەدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئالىملارنىڭ، بولۇپمۇ قاھىرە خەلقىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشى ۋە قەدىرلىشىگە نائىل بولدى. كىشىلەر توپى ئۇنى ئورۇۋېلىشاتتى. ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ ئىلمى ۋە تەتقىقاتلىرىدىن نېسىۋە ئېلىشاتتى. ئۇ دەرس ۋە لېكسىيەلىرىنى ئەزھەر جامەسىدە سۆزلەيتتى. مىسىر جەمئىيىتى ئۇنىڭ دەرسلىرى ۋە لېكسىيەلىرىدە بۇرۇن ھېچ ئاڭلاپ باقمىغان، ئەتراپلىق سۆزلەنگەن يېڭى – يېڭى بىلىملەر بىلەن ئۇچراشتى. بۇ ئۇنىڭ نوپۇزى ۋە شان – شۆھرىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى، شۇ ۋاقىتتىكى مىسىرنىڭ ھۆكۈمدارى زاھىر بەرقۇقنىڭ نەزىرىدە ئورنى تېخىمۇ يۈكسەلدى. شۇڭا، ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا سالاھۇددىن ئەييۇبى بىنا قىلىپ مالىكىي مەزھەپ فىقھىشۇناسلىرىغا ۋەخپە قىلغان «قەمھىييە مەدرىسەسى»دە مالىكىي فىقھىسىنى ئوقۇتۇشقا تەيىنلىدى. بۇ مەنسەپ مىسىردىكى دەرىجىسى ئەڭ ئۈستۈن ئىلمىي ۋە ئەدلىيە مەنسەپلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

ئىبنى خەلدۇن مىسىردىكى ئۇزۇن مەزگىللىك تۇرۇپ قېلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تارىخ ئەسىرى بولغان «تاريخ العبر (ئىبرەتلىك ئىشلار تارىخى)» دېگەن كىتابى بىلەن «المقدمة (مۇقەددىمە)» ناملىق كىتابىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققان ۋە ئالدىنقىسىغا بىر قانچە بۆلەكنى قوشقان. دەسلەپ «التعريف بابن خلدون مؤلف هذا الكتاب (بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى بولغان ئىبنى خەلدۇندىكى مەلۇمات)» دەپ ئاتىغان «التعريف» ناملىق كىتابىنى رەتلەپ چىققان. ئۇنىڭغا «العبر» دېگەن كىتابىنى ئىلاۋە قىلىپ، كۆپ قېتىم تۈزەتكەن، رەتلىگەن ۋە ئۆزى دەسلەپ ئوتتۇرغا قويغان تارىخ باسقۇچلىرىنى تېخىمۇ بېيىتقان، بايان قىلغان تارىخنى ۋاپاتىدىن بىر قانچە ئاي بۇرۇنغىچە يەنى ھىجرىيە 807 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىغا قەدەر ئەكەلگەن. پادىشاھ زاھىر بەرقۇق بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى ماراكەشنىڭ سۇلتانى بولغان ئەبۇ فارس ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئەبۇلھەسەننىڭ ھەر بىرىگە «المقدمة (مۇقەددىمە)»، «تاريخ العبر (ئىبرەتلىك ئىشلار تارىخى)» ۋە «التعريف بابن خلدون مؤلف هذا الكتاب (بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى بولغان ئىبنى خەلدۇندىكى مەلۇمات)» قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ ھەر بىرىدىن بىر نۇسخىدىن ھەدىيە قىلغان. كېيىنكى پادىشاھقا ھەدىيە قىلىنغان نۇسخىسى سۇلتان ئەبۇ فارسقا نىسبەت بېرىلىپ «فارس نۇسخىسى» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. بۇنى ئۇنىڭغا 799 – يىللىرى ئەتراپىدا سوۋغا قىلغان.

ئىبنى خەلدۇن 808 – يىلى رامىزاننىڭ 26 – كۈنى (مىلادىيە 1406 – يىلى 3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى) 76 يېشىدا ۋاپات بولغان. شۇ ۋاقىتتا مىسىردا مالىكىي مەزھەپ سوتچىلىرىنىڭ باشلىقى ئىدى.

مول – ھوسۇللۇق ئىلمىي خىزمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئۇزۇن ھاياتنىڭ بۇ قىسقىغىنا كارتىنىسى ئارقىلىق بۇ يېتۈك شەخسنىڭ قىياپىتىنى ئاز بولسىمۇ نامايان قىلالايمىز، ئۇنى ئۇ كېلىشتىن بۇرۇنقى دەۋرلەرنىڭ يالدامىسى بولغان مەدەنىي مىراسلارنىڭ ھەممىسىدىن دېگۈدەك خەۋەردار بولۇپ چىقالىغان يۈكسەك ئەقلىيىتى، ئۆتكۈرلۈكى ۋە چېچەنلىكى بىلەن ئۇ ياشىغان دەۋر ۋە ئەرەب دىيارلىرىنىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغا قەدەر سوزۇلغان سەپەرلىرى، ئەمەلىي رەۋشتە سىياسىي ساھەگە كىرىشى ۋە ئوخشىمىغان رايونلاردا مۇھىم مەنسەپلەرنى تۇتۇشى قاتارلىقلارنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ئاساستا مۇجەسسەملىيەلەيمىز.

مانا مۇشۇنداق ئىمكانىيەتلەر ئىبنى خەلدۇننى مول تەجرىبە ۋە ئىنچىكە ئەقىل بىلەن تەمىن ئەتكەن بولۇپ، ئۇ بۇ ئارقىلىق يۈز بېرىۋاتقان ۋە يۈز بەرگەن ۋەقە – ھادىسىلەرنىڭ تېگىگە يېتەلىگەن، ئەمەلىي ياشىغان ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قايناق ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدىن خۇلاسىلەرنى چىقىرالىغان ۋە شۇ ئاساستا بۇ تەجرىبىلەرنى، ۋەقە – ھادىسىلەرنى ۋە يەكۈنلەرنى ئىلمىي رەۋشتە نەزەرىيەلەشتۈرگەن. پىكىر دۇنياسىدىكىلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت چۆكمىسىنىڭ ئالاھىدلىكلىرىنى موللاشتۇرىدىغان ئاساسىي لىنىيەلەرنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

مەنبە: ئەھمەد مۇھەممەد ئەششىنەۋانىينىڭ «موسوعة عباقرة الحضارة العلمية في الاسلام» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: بىلىميار


[1] شۇ ناملىق كىتاب كۆزدە تۇتۇلغان.
Please follow and like us:
Exit mobile version