(ھ. 164 – 241 / م. 780 – 855)
نەسەبى ۋە سۈپەتلىرى
ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجىرىيە 164 (م. 780) – يىلى رەبىيەلئەۋۋەل ئېيىدا باغدات شەھرىدە بىر ساپ ئەرەب ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى شەيبان قەبىلىسىدىن بولۇپ، نەسەبى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن تۇتىشىدۇ. ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېلىپ چىققان شەيبان قەبىلىسى قەدىمدىن بۇيان قەيسەرلىك، ھىممەت ۋە غەيرەت بىلەن داڭ چىقارغان قەبىلە بولۇپ، ئىسلامىيەتتىن كېيىن كۆپ مەيدانلاردا غەيرەت كۆرسەتكەن.
ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاتىسى مۇھەممەد ئەسكەر ئىدى، چوڭ دادىسى ھەنبەل سەرەخس شەھرىگە ۋالىي بولغان. كىشىلەر ئىمام ئەھمەدنى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل دەپ ئاتىسىغا ئەمەس، چوڭ دادىسىغا مەنسۇب قىلىپ كەلگەچكە شۇنداق تونۇلغان، ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئائىلىسى باغدادتا ئابباسىيە خەلىفەلىكىدىكى دۆلەتتە خىزمەت قىلاتتى.
ئىمام ئەھمەد ئائىلىسىدىن ئىززەت – غۇرۇر، قەيسەر ئىرادە، مۇستەھكەم ئىمان، سەۋرچانلىق ۋە چىداملىق بولۇش قاتارلىق سۈپەتلەرنى مىراس ئالغان، ئۇ چوڭ بولغانسېرى بۇ سۈپەتلەر ئۇنىڭدا تېخىمۇ تولۇقلىنىشقا باشلىدى، ھەرتۈرلۈك ۋەقە – ھادىسىلەرگە يولۇققانسېرى تەجرىبىسى ئاشتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇ سۈپەتلەر ئۇنىڭدا تېخىمۇ ئېنىق گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. ئۇ ئاتىسىدىن كىچىك قالغاچقا، ئۇنى ئانىسى بىلەن قالغان تۇغقانلىرى تەربىيەلەپ ئۆستۈردى.
ئاتىسى ئۇنىڭغا ئولتۇرۇشقا بىر ئۆي، بىر پارچە تېرىلغۇ يەر مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەردىن ھاياتىنى قامداشقا ئاران يەتكۈدەك ھوسۇل چىقاتتى، بۇ ئاز مەھسۇل بىلەن ئىمام ئەھمەد باشقىلارغا ھاجەتمەن بولماي ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان.
جانابىي ئاللاھ ئىمام ئەھمەدكە بۇ ئېسىل نەسەب بىلەن بىرگە بەش خىسلەت ئاتا قىلغان، بۇ بەش خىسلەت قانداق بىر كىشىدە بولىدىكەن، ئۇ كىشى كىچىك ۋە بىمەنە ئىشلاردىن يىراقلىشىپ، ئۈستۈنلۈككە ۋە چوڭ ئىشلارغا قاراپ يۈزلىنىدۇ. بۇ بەش خىسلەت تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1. شەرەپلىك ئېسىل نەسەب.
2. كىچىكىدىن تارتىپ ئۆزىگە تايىنىپ ياشاشقا كۆندۈرگەن يېتىملىك.
3. نورمال كەمبەغەللىك. شۇڭا، ئۇ بايلارنىڭ ھاكاۋۇرلىقىدىن، كەمبەغەل – نامراتلارنىڭ خارلىقىدىن خالىي بولغان.
4. قانائەت. پەقەت بىر ئاللاھتىنلا قورقۇپ، باشقا ھېچقانداق كۈچكە پەرۋا قىلماسلىق، ئىلمىي ئۈستۈنلۈككە ئىنتىلىش.
5. زېرەك ئەقىل ۋە ئالاھىدە ھوشيارلىق.
ئىمام ئەھمەد يۇقىرىقى سۈپەتلەردە ئۇستازى ئىمام شافىئىيغا ئوخشايتتى، ئەمما ئىمام ئەھمەدنىڭ ئەرەب نەسەبى بىلەن پەخىرلەنگەنلىكى كۆرۈلمىگەن.
تەربىيەسى
ئىمام ئەھمەد باغدادتا تەربىيەلەنگەن، ئانىسى ئۇنى كىچىكىدىن تارتىپ «قۇرئان كەرىم»گە يۈزلەندۈرگەن. ئۇ كىچىك چېغىدىلا «قۇرئان كەرىم»نى يادلاپ بولغان ۋە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا ئۇنىڭدا زېرەكلىك ۋە تەقۋادارلىق سۈپەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇ ئۆز دېمەتلىكلىرى ئىچىدە ئۆرنەك قىلىنىدىغان بالا ئىدى. «قۇرئان كەرىم»نى يادقا ئېلىپ تىل بىلىملىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇ يېزىقچىلىق ۋە تەھرىرلەش بىلىملىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن دىۋانغا كىرگەن. ئۇ دىۋاندا ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىسىگە ئەۋەتىدىغان خەتلىرىنى يېزىپ بەرگەن، ئۇنىڭ دۇرۇس ۋە ئەدەب – ئەخلاقى ئۈستۈن بولغانلىقى ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار ئىمام ئەھمەدتەك بىر بالىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشاتتى.
ئەگەر ئۆسمۈر بالا چوڭ ئادەمنىڭ ئۇرۇقى دەپ قارالسا، ئىمام ئەھمەدنىڭ كىچىك چاغلىرىدىكى سۈپەتلىرى ئۆلىمالارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
ئەينى زامانلاردا باغدادتا شۇ ئەسىردىكى بارلىق ئىلىم – پەنلەر بار ئىدى، ئىمام ئەھمەدنىڭ مايىللىقى دىنىي بىلىملەرگە بولغاچقا، ئالدى بىلەن تىل ۋە لۇغەت بىلىملىرىنى ئۆگەندى، چۈنكى بۇ بىلىملەر دىنىي بىلىملەرنىڭ قورالى. تىل بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئىمام ئەھمەدنىڭ ئالدىدا ئىككى يولدىن بىرىنى تاللاش بار ئىدى، بۇ ئىككى يول فۇقەھائلار يولى بىلەن مۇھەددىسلەر يولى ئىدى.
دەسلەپتە ئىمام ئەھمەد مۇھەددىسلەرنىڭ يولىنى تاللىغان. ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ شاگىرتى ئىمام ئەبۇ يۈسۈف رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن ھەدىس ئۆگەنگەن، كېيىن باشقا مۇھەددىسلەرگە يۈزلەنگەن، ئۇ باغدادتا ھەدىس ئوقۇپ يەتتە يىل (ھ. 179 – 186) نى ئۆتكۈزگەن.
ئىلىم يولىدىكى رىيازەتلىرى
ئىمام ئەھمەد ھ. 186 – يىلىدىن تارتىپ ھەدىس ئۆگىنىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلانغان. ئۇ بەسرە، كۇفە، ھىجاز ۋە يەمەن قاتارلىق يۇرتلارغا سەپەر قىلىپ ھەدىس ئالىملىرىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن دەرس ئاڭلاپ ھەدىس ئۆگەنگەن، بەسرەگە بەش قېتىم، ھىجازغىمۇ بەش قېتىم سەپەر قىلغان. ھىجازدا ئىمام شافىئىي بىلەن ئۇچراشقان ۋە كېيىن ئۇنىڭ بىلەن باغدادتا ئىككىنچى قېتىم ئۇچرىشىپ ئىمام شافىئىيدىن ئۇسۇلۇلفىقھ ئۆگەنگەن، ئۇندىن كېيىن ئىمام شافىئىي بىلەن مىسىردا كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشكەن بولسىمۇ ماددىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن مىسىرغا سەپەر قىلالمىغان.
ئىمام ئەھمەد ھىجازغا ئۈچ قېتىم پىيادە مېڭىپ بارغان، ئۇ ئىلىم ئىزدەشتە جاپا – مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرىشنى مۇھىم دەپ قارايتتى، چۈنكى ئاسانلا قولغا كېلىپ قالغان نەرسە ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەدىس ئىلمىنى ئۆگىنىش يولىدا ھىجرەت نىيىتى بىلەن سەپەرگە چىقاتتى.
ئىمام ئەھمەد ئىلمىي تەرەپتىن يېتىشىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئىلىم يولىدا سەپەرگە چىقىشنى توختىتىپ قويمىغان، ئۇ كىتابلىرىنى يۈدۈپ ھەدىس ئىزدەپ ئىسلام ئەللىرىنى كېزىپ يۈرگەن، كۆپ ئىلمى بىلەن كۇپايىلىنىپ توختاپ قالمىغان، ھەتتا ئۇ ئىماملىق مەرتىۋىسىگە يەتكەندىن كېيىنمۇ ھەدىس ئىزدەشكە بولغان تىرىشچانلىقىنى جىددىي تۈردە داۋاملاشتۇرغان. بىر كۈنى ئۇنىڭ دەرس ئاڭلاپ، يېزىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن بىرى ئۇنىڭغا: «سىز بۇ مەرتىۋىگە يەتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمامى تۇرۇقلۇق دەرس ئاڭلاپ، يېزىپ ئولتۇرامسىز؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ : «قەلەم بىلەن قەبرگە» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «مەن قەبرگە كىرگۈچە ئىلىم ئىزدەيمەن». ئۇ ئىلىم ئېلىشتا يادلاشقىلا تايانمايتتى، بەلكى ئاڭلىغان ھەرقانداق دەرسنى يېزىپ ساقلايتتى.
ئىمام ئەھمەدنىڭ فىقھىسىنىڭ ھەدىسكە تايىنىدىغانلىقى
ئىمام ئەھمەد ئوقۇشتا ھەدىس رىۋايەت قىلىش ئىلمى بىلەن بىرگە فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىنى ئوقۇغان.
ئۇ ئىراق فۇقەھائلىرىنىڭ كىتابلىرىدا ئىلمىي ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرالمىغان بولسىمۇ ياكى بەزى فۇقەھائلارنىڭ تۇتقان يولىنى ياقتۇرمىسىمۇ يەنىلا فىقھ ئىلمىنى ئوقۇشقا كۆڭۈل بۆلگەن.
ئۇ ھەدىس ئوقۇشتا يادلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ھەدىسنىڭ غايىلىرىنى ۋە فىقھىي مەنىلىرىنى چۈشۈنۈپ ئوقۇغان. ئۇ ساھابەلەرنىڭ پەتۋالىرىنى ۋە فىقھىسىنى تەتقىق قىلغان، شۇنداق قىلىپ ھەدىس بىلەن فىقھ ئىمام ئەھمەدتە جەم بولغان. بۇنىڭغا ئاساسەن ئىمام ئەھمەدنى خۇددى ئىمام مالىك رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىگە ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا ھەم مۇھەددىس ھەم فەقىھ دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن ئىمام مالىك فىقھىي تەرەپتىن تېخىمۇ ئوچۇقراق ئىدى.
دېمەك، ئىمام ئەھمەد ھەدىس، فىقھ ۋە ئەرەب تىلى بىلىملىرىدىن باشقا ئىلىم ئوقۇشقا يۈزلەنمىگەن.
ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى خاۋارىج، شىئە، جەھمىييە ۋە مۇئتەزىلە قاتارلىق ھەرخىل پىرقە – ئېقىملارنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ۋە پىرىنسىپلىرىدىن خەۋەردار بولغان.
ئىمام ئەھمەد ھەدىس ئىلمىنى ئۆز ئەسرىدىكى بارلىق مەنبەلەردىن ئۆگەنگەن، ئۆز ئەسرى بىلەن پىكرىي جەھەتتىن تۇتاشقان، دىنغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ بەزى بىلىملەردە چوڭقۇرلاپ مۇتەخەسسىس بولغاندىن كېيىن مېۋە بېرىش پەيتى كەلگەن. ئۇ قىرىق ياشقا كىرگەندىن كېيىن دەرس ئوقۇتۇش ۋە پەتۋا بېرىشكە ئولتۇرغان، كىشىلەرگە كەمتەر بولۇشى، زۇھدى – سالاھى (زاهىد ۋە ئېسىللىقى) ۋە شۆھرەتتىن قېچىش رىغبىتىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن تونۇلۇپ مەشھۇر بولۇپ كەتكەن، ئۇ شەرەپ ۋە شۆھرەتتىن قاچسىمۇ شەرەپ بىلەن شۆھرەت ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ماڭغان.
بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىمام ئەھمەد ساپ سەلەفىي ھايات كەچۈرەتتى، ئۇ شۇ دەۋرنىڭ جېدەل – ماجىرالىرىدىن يىراقلىشىپ، ھەرتۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي، پىكرىي ۋە ھەربىي تالاش – تارتىشلاردىن يىراق تۇرۇپ، ئۆز روھى ۋە پىكرى بىلەن ساھابەلەرنىڭ ساماسىدا پەرۋاز قىلىشنى تاللىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىلمى ھەدىس ۋە ھەدىس فىقھىسىدىن ئىبارەت ئىدى. ھەرقانداق بىر مەسىلىدە ساھابەلەرنىڭ ئىزدەنگەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسا ئاندىن ئىزدىنەتتى، ئەقلىي مەسىلىلەردە چوڭقۇرلاپ كىرىشكە كۈچىمەيتتى.
ئىمام ئەھمەد ياشىغان ئەسىردە ئىسلامىي ئەقىلگە يات بولغان پىكىر ۋە كۆزقاراشلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى، سەلەفىيلەر بۇنىڭغا قارىتا ئىككى خىل پوزىتسىيەدە بولدى: بىرىنچىسى، تاقابىل تۇرۇش ۋە ئېلىشىش ئۇسۇلى. ئىمام ئەھمەد ئىككىنچى تەرەپتە تۇرۇپ، بۇ ئېقىملار قاينىمىدىن ئايرىم ياشاشنى تاللىدى، ئۇ روھى ۋە پىكرى بىلەن بىرىنچى دەۋردىكىلەرنىڭ دۇنياسىدا ياشىدى، ھەتتا ئۇنى كۆرگەن بەزى كىشىلەر ئۇنى: «زامان جەھەتتە كېچىكىپ كەلگەن چوڭ تابىئىن» دەپ سۈپەتلىگەن.
ئىمام ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇرۇنقىلار ئىزدەنمىگەن مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغانلار بىلەن مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۈزگەن، ھەتتا ئۇ تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇلارغا رەددىيە بېرىشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمىگەن، ئۇ بۇ يولدا « قۇرئان مەخلۇقمۇ (يارىتىلغۇچىمۇ) ئەمەسمۇ؟» دېگەندەك پىكرىي غەلۋىلەردە قىيىن – قىستاقتا، ئىسكەنجىلەردە قالغان، تۈرلۈك ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىمانى، قەيسەر ئىرادىسى ۋە بەرداشلىق بېرىش كۈچىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىدىن ھەممە سىناق ۋە بالايى – قازالاردىن ساق – سالامەت ئۆتۈپ، ئىسلام تارىخىدىكى داڭلىق قەھرىمانلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ بىرىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ئىمام ئەھمەد ھ. 241 – يىلى باھار ئايلىرىدا باغدادتا ۋاپات بولغان، جىنازىسىغا سەككىز يۈز مىڭ كىشى قاتناشقان، ئاللاھ ئۇ زاتقا كەڭ رەھمەت قىلغاي.
(ئىمام ئەبۇ زۇھرەنىڭ «ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل» ناملىق ئەسەرىدىن سۈزۈپ ئېلىندى)
تەييارلىغۇچى: ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1418، جامادىيەلئەۋۋەل / م. 1997، سېنتەبىر.