(ھىجرەتتىن بۇرۇنقى 28 – ھىجرىيە 36 / مىلادىيە 594 – 656)
«ھەرقانداق بىر پەيغەمبەرنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى بولىدۇ، مېنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىم زۇبەيردۇر»
__ رەسۇلۇللاھ
مىلادتىن 480 يىل بۇرۇن، يۇناننىڭ سپارتا مەملىكىتىدىن 300 جەڭچى يۇناننى بېسىۋېلىش ئۈچۈن ئاتلانغان 50 مىڭدىن ئارتۇق زور بىر پارس قوشۇنىنىڭ ئالدىنى توسىدۇ. جەڭ يۇنان ساھىللىرىدىكى فەرموپىل جىلغىسىدا 300 جەڭچىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئاياغلاشقان بولسىمۇ، يۇنانلىقلار بۇ قەھرىمانلارنىڭ باتۇرلۇقى ۋە پىداكارلىقىنى ياد ئېتىپ كەلمەكتە. بۇ پىدائىي قوشۇننىڭ قوماندانى لىيونايدۇس يۇناندا تا مۇشۇ كەمگىچە مىللىي قەھرىمان ھېسابلىنىدۇ. گەرچە يۇنانلىقلار بۇ قىسسىنى يوغىنىتىپ، ئۇنىڭغا قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەن ۋە تارىخىي جەھەتتىن پارس قوشۇنىنىڭ سانى مۇبالىغىلەشتۈرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇلار پارس تاجاۋۇزچىلىرىدىن ئىبارەت زور قوشۇنغا قارشى تۇرۇشقا چىققان قەھرىمانلىرىنى ئۇلۇغلاشقا تولۇق ھەقلىقتۇر، دەپ قارايمەن.
لېكىن تارىختا ئىسپاتلانغان بىر نەرسە شۇكى، ئاشۇ ھادىسىدىن مىڭ يىل كېيىن، پارسلارنىڭ بىرەر قوشۇنىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ خەرىتىسىنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتكەن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەل قىلغۇچ بىر ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنىپ، پارس ئىمپېرىيىسىنى مەڭگۈلۈك يوقىتىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ جەڭ ماھارەتلىرىگە ئۇستا جەڭچىلىرى ۋە زور قوشۇنلىرى بىلەن نەچچە يۈز يىل دۇنياغا ھۆكۈم سۈرگەن كاتتا رىم ئىمپېرىيىسىنى تىز پۈكتۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان بۇ يەردە 314 نەپەر ئەركەك بار. ئارانلا 314 نەپەر بۇ ئەركەكلەر ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىغان، ئاللاھ تا قىيامەتكە قەدەر تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان كىتابىدا «ھەق بىلەن ناھەق ئايرىلغان كۈن» دەپ ئاتىغان ئۆچمەس بىر جەڭدە تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى. بۇ جەڭ ھەقىقەتەن زامان ۋە ئەسىرلەر ئارا ئىنسانىيەت تونۇغان ئەڭ بۈيۈك بىر جەڭ ئىدى، بۇ چەۋەندازلار ئىنسانىيەت تونۇغان ئەڭ بۈيۈك چەۋەندازلار ئىدى. ئۇ جەڭ بولسىمۇ چوڭ بەدر جېڭىدۇر. بۇ چەۋەندازلار بولسا بەدر ئەھلىدۇر. بەزىلەر بەلكىم بۇ 314 كىشى خەرىتىدە ئانچە كۆرۈنۈپ كەتمەيدىغان، ئەرەب چۆللۈكىدىكى بىر مەجھۇل يەردە، مەلۇم بىر جەڭدە غەلىبە قىلدى خالاس، پارس ساسانىيلار ئىمپېرىيىسى بۇ جەڭدىن 20 يىل كېيىن يىقىلدى، ۋىزانتىيە رىم ئىمپېرىيىسى شۇنىڭدىن سەككىز ئەسىر كېيىن تۈرك – ئىسلام قوماندانى مۇھەممەد فاتىھنىڭ قولىدا يوقالدى، دېيىشى مۇمكىن. لېكىن، مەن بىلەن بىرگە تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، پارسلارنىڭ كىسراسى ۋە رىملارنىڭ قەيسەرى ئاشۇ 314 چەۋەندازنىڭ ئىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تارىخقا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىمپېرىيەلىرىگە قانچىلىك تەھدىد كەلتۈرىدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. پارس ۋە رىم قوشۇنلىرى ئۇلارنى ئۆز ھالىغا قوپقويدىمۇ؟ ناۋادا بۇ ئوغلانلار كىچىككىنە پىداكارلىقىنى ئاياپ قالغان بولسا، مۇھەممەد دەۋىتى ماڭا ۋە سىزگە يېتىپ كېلەلەرمىدى؟ ئەگەر بۇ چەۋەندازلار يېڭىلگەن بولسا، ئىنسانىيەت مەۋجۇتلۇققا ھەقلىق بولالارمىدى؟ سىز بەدر ئۇرۇشىنى نوقۇل 314 نەپەر مۇسۇلمان بىلەن 1000 نەپەر كاپىر ئوتتۇرىسىدا بولغان ئۇرۇش ئىدى، دەپ قارايدىغان بولسىڭىز، ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدىغان ئىشەنچىلىك ۋە راستچىل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ بەدر قوشۇنى توغرىسىدىكى سۆزىگە قۇلاق سېلىڭ! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، رەببىگە مۇنداق دەپ مۇناجات قىلىشقا باشلىدى:
«ئى ئاللاھىم! ئەگەر ئىسلام ئەھلى ئىچىدە بۇ جامائەت ھالاك بولسا، يەردە ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان ئادەم قالمايدۇ».
غەرب تارىخنى «AD» ۋە «AC» سۆزلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئوڭايلا ئايرىغان بولسا، غەرب ۋە شەرقنىڭ رەببى ئاللاھ ھەقىقەتەن تارىخنى ئۆچمەس بەدر جېڭى بىلەن ئايرىغاندۇر، بۇ ھەق – ناھەق كۈنى بىلەن ئايرىغاندۇر. بۇ كۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قوماندانلىقىدا ۋە چەۋەنداز ساھابىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىنسانىيەت زۇلۇم ۋە جاھالەت كۈچلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان كۈندۇر.
ئاللاھ ئاشۇ 314 نەپەر بەدر چەۋەندازلىرىنىڭ قەلبلىرىدىكى ئىماننىڭ چىنلىقىنى بىلگەچكە، جەڭدە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشىدىغان نىشانلىق پەرىشتىلەردىن بىر قوشۇن بىلەن ئۇلارغا ياردەم بەردى، ئۇلارغا بەش مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بەردى. ئەنە شۇ پەرىشتىلەر چوڭ بەدر جېڭىدىن ئىبارەت بۇ ئۆچمەس جەڭگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈنلا، تارىختىكى ئەڭ بۈيۈك پەرىشتىلەردۇر. ھەيران قالارلىق يېرى، ئاشۇ جەڭچى پەرىشتىلەرنىڭ پۈتۈن ھەممىسى 314 قەھرىمان ئىچىدىكى بىر قەھرىماننىڭ سۈرىتىدە چۈشكەنىدى.
ئۇنداقتا، جىبرىل زېمىندا جەڭ قىلىش ئۈچۈن سۈرىتى بىلەن چۈشكەن بۇ ئىنسان كىم؟ ئۇلۇغ پەرىشتىلەردىن بىر تولۇق قوشۇن سۈرىتى ۋە شەكلى بىلەن چۈشكەن ئاشۇ ئەپسانىۋى پىدائىي كىم؟
سىز ئاشۇ چەۋەندازنىڭ كىملىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، چوڭ بەدر جېڭىدىن ئون يىلچە ئالدىغا قايتىڭ ۋە روھىڭىز بىلەن مەككە مۇكەررەمەگە سەپەر قىلىڭ! شۇ يەردە، مەككە كوچىلىرىدا كىشىلەر بىر كىچىك بالىنىڭ قىلىچىنى سۇغۇرغان ھالدا، چوڭ قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، گويا يىرىتقۇچ ئارسلان بالىسى كەبى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ تۇراتتى. خۇددى قەھرىمانلاردىن تەركىب تاپقان بىر قوشۇننى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغاندەك، قىلىچىنى يالىڭاچلاپ كېتىۋاتقان بۇ كىچىك يىگىتتىن كىشىلەر ھەيران قېلىشتى. كىشىلەر ئۇنىڭغا تەئەججۈپ بىلەن بېقىپ، بىر – بىرىگە: – قىلىچلىق بالا، قىلىچلىق بالا، – دېيىشىپ كەتتى. بالا مەككە كوچىلىرىدا ئىلدام قەدەم ئېلىپ كېتىۋاتاتتى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى بۇ ھەيران قالارلىق ھالەتتە كۆرۈپ، تەئەججۈپ بىلەن ئۇنىڭدىن: – نېمە بولدى ساڭا زۇبەير! – دەپ سورىدى. كىچىك يىگىت ئۆزىنى توختىتىپ، ئېغىر بىر تىنىق ئېلىۋالغاندىن كېيىن: – يا رەسۇلۇللاھ! سىزنى تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلدى، دەپ ئاڭلىغانىدىم، – دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ كىچىك كۆزلىرىگە مېھىر بىلەن قاراپ، ئۇنىڭغا: – (شۇنداق بولۇپ قالسا) قانداق قىلاتتىڭ؟ – دېۋىدى، زۇبەير ناھايىتى كەسكىن ھالدا: – سىزنى تۇتقان ئادەمنى قىلىچىم بىلەن چاپاي دەپ كەلگەنىدىم، – دېدى.
ئەنە شۇ بالا مۇھەممەد ئۈممىتى ئىچىدە قىلىچ سۇغۇرغان يەر يۈزىدىكى تۇنجى ئىنسان ئىدى.
چوڭ بەدر ئۇرۇشىدا پەرىشتىلەر قوشۇنى ئەنە شۇ بالىنىڭ سىياقىدا چۈشكەن ئىدى.
ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دادا تەرەپ ھاممىسىنىڭ ئوغلىدۇر، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جۈپتى خەدىجەنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئوغلىدۇر، ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ قىزى ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئاچىسى ئەسمانىڭ جورىسىدۇر، جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون كىشىنىڭ بىرىدۇر، ئىشەنچىلىك جىبرىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە نەچچە مىڭ پەرىشتە چوڭ بەدر ئۇرۇشىدا ئۇشبۇ قەھرىماننىڭ سۈرىتىدە چۈشكەن. شۇنداقلا ئۇ ھەمزەنىڭ ئاچىسىنىڭ ئوغلىدۇر، ئەلى ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنىڭ دادا تەرەپ ھاممىسىنىڭ ئوغلىدۇر. ئۇ مەخلۇقاتلارنىڭ سەردارىنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسىدۇر. بىز ھازىر كۈندۈزلىرى روزىدار، كېچىلىرى قىيامدار، باتۇر چەۋەنداز، ئىلغار قەھرىمان ھەققىدە سۆزلەۋاتىمىز، بىز پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى، بۈيۈك قەھرىمان زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەققىدە سۆزلەۋاتىمىز.
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدە پەرىشتىلەرنىڭ چوڭى جىبرىل زېمىندا جەڭ قىلىش ئۈچۈن سۈرىتىدە چۈشكەن زۇبەير ئىبنى ئەۋۋامدەك بىر قەھرىمان تۇرۇپ، خىيالىي شەخس «رامبو»نى ئۇلۇغلايدىغان بىر ئۈممەتتىن تولىمۇ ھەيران قالىمەن.
ئەگەر سىز بىزنىڭ قايسى ئەپسانىۋى قەھرىمان توغرىسىدا سۆزلەۋاتقانلىقىمىزنى تېخىچە بىلمىگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا، مەن بىلەن بىرگە ئوھۇد تېغىغا بېرىڭ. ئۇ يەردە، قاقاس چۆلنىڭ ئاپتىپىدا، مۇسۇلمانلار قوشۇنى بىلەن كاپىرلار قوشۇنى تۇتۇشۇشتىن بۇرۇن، قاتتىق كۈچتۈڭگۈرلۈكى ۋە ياۋۇزلارچە ئۇرۇشىدىغانلىقىدىن «قوشۇن قوچقىرى» دېيىلىدىغان، كاپىرلار قوشۇنىدىكى ئەڭ ئۇستا چەۋەنداز ھېسابلىنىدىغان يوغان بىر دىۋە ئادەم ئوتتۇرىغا چۈشتى. ئۇ كىشى تەلھە ئىبنى ئەبۇ تەلھە ئەبدەرىي ئىدى. بۇ ياۋايى ئادەم گويا تاغدەك يوغان بىر تۆگىگە مىنگەن ھالدا، مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشىنىڭ ئۆزى بىلەن دۇئېلغا چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغانچە، مۇشرىكلارنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئالدىغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن، قاقاس چۆلنىڭ قۇم دۆۋىلىرى ۋە يالقۇنلۇق قۇياش نۇرلىرى ئارىسىدىن، مۇھەممەد يىگىتلىرى ئارىسىدىن، پارقىراق قىلىچلارنىڭ بىسلىرى ۋە ئېگىز نەيزىلەرنىڭ ئۇچلىرى ئارىسىدىن مۇسكۇللىرى تولغان، قەددى – قامەتلىك، ئىككى دولىسى كەڭرى بىر ياش ئېتىلىپ چىقتى. ئۇ ئات ياكى تۆگە مىنمەستىن، بەلكى تولۇق ئىشەنچ بىلەن «قوشۇن قوچقىرى» تەرەپكە گويا چېقىن كەبى يوغان قەدەم تاشلاپ ماڭدى. بۇ ياش بولسىمۇ بىرقانچە يىل ئىلگىرى تاغىسى ئابدۇللاھنىڭ ئوغلىنى قوغداش ئۈچۈن قىلىچ كۆتۈرگەن ھېلىقى كىچىك بالا شۇدۇر. ئۇ بولسىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى قەھرىمان زۇبەير ئىبنى ئەۋۋامدۇر. بۇ قەھرىمان ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ كاتتا چەۋەندازى مىنىۋالغان يوغان تۆگىنىڭ ئالدىغا كەلگەندىن كېيىن، يىرىتقۇچ يولۋاس كەبى تۆگىنىڭ ئۈستىگە سەكرىدى – دە، كۈچلۈك بىلەكلىرى بىلەن تۆگىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئادەمنى يەرگە تارتتى، ئاندىن «قوشۇن قوچقىرى»نىڭ ئۈستىگە ئارتىلىپ، ئۇنىڭ بېشىدىن تۇتتى – دە، بېشىنى بوينىدىن يۇلۇپ، ئۇنى باشسىز تەنگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاممىسى (سەفىييە) نىڭ ئوغلى زۇبەيرگە چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە سۆيۈنۈش بىلەن قارىدى – دە، ئۈنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ: «ئاللاھۇ ئەكبەر!» دەپ توۋلىدى. سىز ئەمدى قايسى قەھرىمان ھەققىدە سۆزلەۋاتقىنىمىزنى بىلدىڭىزمۇ؟! ئۆزىڭىزنىڭ قايسى ئۈممەتكە مەنسۇپ ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدىڭىزمۇ؟!
بۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى يەنە ئاڭقىرالمىغان بولسىڭىز، بىرئاز ئالدىغا، ئاللاھنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ كۈنلىرىدىن بىر كۈنگە، ئېنىقراق ئېيتقاندا ھىجرەتنىڭ 15 – يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ تۆتىنچى كۈنىگە قايتىڭ ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ شىمالىغا يۈزلىنىپ، شام ئېلىغا كېلىڭ. ئۇ كۈن بولسىمۇ يەرمۇك كۈنىدۇر. ئۇ يەردە رۇملار جەڭ باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئۆزى يالغۇز ئېتى بىلەن بۈركۈتتەك ئالغا ئىلگىرىلەپ كېلىۋاتقان بىر چەۋەندازدىن ھەيرانۇھەستە قېلىشتى. ئۇ ئىلگىرىلەپ كېلىپ، ئېتى بىلەن رۇم قوشۇنىغا بۆسۈپ كىردى، ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا بىر قىلىچ، سول قولىدا بىر قىلىچ بار بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى قىلىچ بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئوڭ – سولىغا كاللىلار توپ – توپ بولۇپ يىقىلىۋاتاتتى.
ئەمدى شامدىن مىسىرغا… شۇ يەردە، مىسىرنىڭ قەلبىدە رۇملار يەتتە ئاي مۇستەھكەم بابىلۇن قورغىنىدا پاناھلاندى. بۇ ۋاقىت ئىچىدە بۈيۈك ئىسلام قوماندانى ئەمر ئىبنى ئاس ئۇنىڭغا بۆسۈپ كىرىشتىن ئاجىز كەلدى. شۇ چاغدا فارۇق ئۆمەر بۇ مۈشكۈلنى ھەل قىلىشنى قارار قىلىپ، ئەمرگە بىر ياردەمچى قوشۇن يوللىدى، بۇ قوشۇن ئىچىدە گىگانىتلاردىن بىر گىگانىت بار ئىدى. ئاشۇ ئىسلام گىگانىتى قورغانغا يېتىپ كېلىشىگىلا، زېمىن تونۇغان ئىنسانىي قەھرىمانلىق دەقىقىلىرى ئىچىدىكى نادىر بىر دەقىقىدە، رۇملار تەن قۇرۇلمىسى يوغان، مۇسكۇللىرى تولغان بىر كۆلەڭگىدىن ھەيرەتتە قالدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئىنسانمۇ ياكى باشقا ئالەمنىڭ مەخلۇقىمۇ بېكىتەلمىدى. ئۇ خۇددى سېپىللارنى ئىككى قولى بىلەن يېرىپ كىرىۋاتقان دىۋىدەك، قورغانغا يامىشىۋاتاتتى. بىرنەچچە سىكۇنت ئۆتمەيلا، بۇ بۈيۈك ئىسلام گىگانىتى قورغاندىكى ئەڭ ئېگىز نۇقتىنىڭ ئۈستىگە چىقتى. مۇشۇ لەھزىدە… بۇ قارام تەۋەككۇلچى قىلىچىنى ئاسماننىڭ قەرىگە كۆتۈرۈپ، «ئاللاھۇ ئەكبەر» ساداسى بىلەن گۈلدۈرمامىدەك يەر – جاھاننى لەرزىگە كەلتۈردى. رۇملار بۇ مەخلۇقنىڭ ھەيران قالارلىق كۆرۈنۈشىدىن قورقۇپ، لاگىرلىرىدىن بەدەر تىكىۋېتىشتى. مۇسۇلمانلار قوشۇنىمۇ ئوخشاش ھەيرەتتە قالدى. ئۇلار بۇ گىگانىت كۆلەڭگىنىڭ كىملىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا چوڭقۇر نەزەر تاشلىدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ پەرىشتىلەرنىڭ بۈيۈكى جىبرىل سۈرىتى بىلەن چۈشكەن ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆزى ئىدى. بۇ قەھرىمان راستتىنلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئالايھى ۋەسەللەمنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى ئىدى. ئۇ بولسىمۇ گىگانىت ئىسلام قەھرىمانى زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر. شۇ چاغدا مۇسۇلمانلار تەكبىر ئېيتىشتى ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى قورغانغا بۆسۈپ كىردى، مىسىرنى فەتىھ قىلدى. نەتىجىدە، مىسىر بۇ كۈنىمىزگىچە ئىسلام يۇرتى بولۇپ قالدى.
زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەقىقىي ئىسلام قەھرىمانى بولۇپ، ياشلىرىمىز كىنوخانا ئىكرانلىرى ۋە خىيالىي قىسسىلەردىن باشقىدا ھېچبىر ئورنى يوق ساختا قەھرىمانلارغا مەپتۇن بولغاننىڭ ئورنىغا ئۇنى ئۈلگە قىلىشى ۋە ئۇنىڭ سىيرىتىنى ئۆگىنىشى ئەڭ لايىقتۇر. دورامچىلىقنىڭ ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتتى، ئەمدى بۇ ئۈممەت ياشلىرىنىڭ تارىخ ھۇجۇمچىلىرىنىڭ توقۇلمىلىرىغا ئالدانماي، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي قەھرىمانلىرىنى تونۇپ يېتىدىغان ۋاقتى كەلدى.
سىز ئەمدى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نېمە ئۈچۈن: «تەلھە ۋە زۇبەير جەننەتتىكى قوشنىلىرىمدۇر» دېگەنلىكىنى بىلدىڭىزمۇ؟
ئەگەر سىز بۇ ئىككى قەھرىماننىڭ ئىشلىرىدىن بىرنەرسە بىلمەيدىغان بولسىڭىز، بىلىڭكى، بىز غاپىل قېلىۋاتقان قەھرىمانلىرىمىزنى ۋە سىمۋوللىرىمىزنى ئىسلام دۈشمەنلىرى ئوبدان بىلىدۇ. 2009 – يىلى پارس ئىران دۆلىتى رەئىسى نىجاتى ئەھمەد رەسۇلۇللاھنىڭ جەننەتتىكى قوشنىلىرى بولغان تەلھە ۋە زۇبەيرنى ئىران تېلېۋىزىيىسىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىشىدا ئوچۇق تىللىدى.
پارسلارنىڭ چوڭى نىجاتى نېمە ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى تەلھە ۋە زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارنى يامان كۆرىدۇ؟
مەنبە: جىھاد تۇربانىينىڭ «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ» ناملىق كىتابى.
تەرجىمىدە: قاراخانىي.