﴿(ئى مۇھەممەد!) سەن ‹قۇرئان›دىكى مەريەم (قىسسەسى) نى بايان قىلىپ بەرگىن﴾(19/«مەريەم»: 16)
﴿پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنى تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، سېنى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئارتۇق قىلدى﴾(3/«ئال ئىمران»، 42).
ئىسلام نېمىدېگەن گۈزەل – ھە!
ئىسلام پۈتكۈل بۈيۈكلۈك ۋە ئۇلۇغلۇق ئامىللىرىنى ئۆز قوينىغا ئالغان بىر دىن بولۇپ، كىمكى ئۇنى چىڭ تۇتىدىكەن، قان – تومۇرلىرىدا ئاجايىب بىر كۈچنىڭ دەريانىڭ چۆل – باياۋان ۋە جىلغىلاردا ئاققىنى كەبى ئېقىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ كۈچ ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن بۈيۈكلۈك تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بۈيۈك بىر ئىنسانغا ئايلاندۇرىدۇ. ئىسلام ئىنساننى يەرگە قارىتىپ قويىدىغان ھېچقانداق بىر ئىشقا چاقىرمايدۇ. ئىسلام تىنچلىق دىنىدۇر، سالامىمىز تىنچلىق تىلەشتۇر، ئاخىرەتتىكى يۇرتىمىز ھەم تىنچلىق يۇرتىدۇر، نامىزىمىزمۇ تىنچلىق (سالام) بىلەن ئاياغلىشىدۇ، پەيغەمبىرىمىز ھەم تىنچلىق ئەلچىسىدۇر. يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنى مەنسۇب قىلىدىغان ھەزرىتى مۇسانى ھۆرمەتلىك قىلغان ئىسلامدۇر، ناسارالار ئۆزلىرىنى مەنسۇب قىلىدىغان ھەزرىتى ئىيسانى ھۆرمەتلىك قىلغان ئىسلامدۇر، ئەتىگەن – ئاخشام تاغىسىنىڭ ئوغلىنىڭ شەرەفىگە تىل تەگكۈزىدىغان شىئەلەر ئۆزلىرىنى مەنسۇب قىلىدىغان ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنى ھۆرمەتلىك قىلغان ئىسلامدۇر، ئىنسان بالىلىرىنىڭ رەڭگى ۋە ئىرقلىرىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ھۆرمەتلىك قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانلىقىنى بۈيۈك قىلغان ئىسلامدۇر. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر بىز بۇ دىنغا ھەقىقىي تۈردە دەۋەت قىلالىغان بولساق، ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىدىغان، قىلمايدىغان جىمى ئىنسانلارنىڭ قەلبلىرىنى ئىگىلىۋالغان بولاتتۇق.
ئەمدىكى نۆۋەت ئىسلامنىڭ بۈيۈك شەخسلىرىنىڭ بىرى بولغان بىر بۈيۈك ئايالغا كەلدى. ئۇ شۇنداق بىر ئايالكى، ئاللاھ ھەۋۋادىن تارتىپ تاكى قىيامەتكە قەدەر ئۇنىڭدەك بىر ئايالنى يارىتىپ باقمىغاندۇر. بىز ئىپپەتلىك بىر قىز ھەققىدە، پاك ۋە پاك يارىتىلغان بىر قىز ھەققىدە، تەقۋادار ۋە پاكىز، ئابىد ۋە ئىتائەتكار بىر قىز ھەققىدە سۆزلەيمىز. بىز ئىسلام ئۇنى ھۆرمەتلەپ، تولۇق بىر سۈرىنىڭ ئىسمىنى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىغان، «قۇرئان»دا ئىسمى ئىسلام پەيغەمبىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمىدىنمۇ سەككىز ھەسسە ئارتۇق كەلگەن يېگانە بىر ئايال ھەققىدە توختىلىمىز. ئۇ بولسىمۇ ئىمران قىزى مەريەمدۇر (ئۇنىڭغا سالاملار بولسۇن!).
بىز مەريەم توغرىسىدىكى سۆزىمىزنى مەسىھنىڭ مۆجىزىلىك تۇغۇلۇشىدىنمۇ، بۇ قەھرىمان ئايال لىڭشىتىپ قاققان خورما دەرىخىدىنمۇ باشلىمايمىز. بىز بۇ كىتابتا قەھرىمانلارنىڭ قىسسەلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەيمىز، بەلكى ئۆزىمىزدىن، ئوغۇللىرىمىزدىن ۋە قىزلىرىمىزدىن بۇ ئۈممەتنى قايتىدىن تىرىلدۈرىدىغان قەھرىمانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز ئۈچۈن، قەھرىمانلارنىڭ يېتىشتۈرۈلۈپ چىقىش سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز.
قەھرىمان مەريەمنىڭ يېتىشتۈرۈلۈپ چىقىشى ھەتتا ئۇ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا باشلانغانىدى. ئېنىقراق دېسەك، مۇبارەك پەلەستىن زېمىنىنىڭ دەرەخلىرىدىن بىر دەرەخ ئۈستىگە قونۇۋالغان كىچىك بىر قۇشقاچتىن باشلانغانىدى. شۇ يەردە بىر زەيتۇن دەرىخىنىڭ ئۈستىدە بىر قۇشقاچ كىچىك بالىلىرىغا يېمەك يېگۈزۈۋاتاتتى. تاسادىپەن ئۇ يەرگە فاقۇد قىزى ھىننە ئىسىملىك بەنى ئىسرائىللىك بىر ئالىيجاناب خانىم كېلىپ قالدى. ئۇ بەنى ئىسرائىلگە تەۋە ئىمران ئىسىملىك كاتتا بىر ئالىمنىڭ رەپىقىسى ئىدى. ئىمران دېگەن بۇ كىشى داۋۇد ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. مۇھىمى ھىننە دېگەن بۇ خانىمنىڭ ھالا بۈگۈنگىچە بالىسى يوق ئىدى. ھىننە ئۇ قۇچقاچنىڭ كىچىك بالىلىرىغا يېمەك يېگۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىچىدە ئانىلىق تۇيغۇسى ئويغاندى ۋە بالا خالاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا بالا بېرىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. ئاز ئۆتمەي، ئۇ ئىچىدە تۆرەلمىنىڭ مىدىرلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن، قورسىقىدىكى بالىنى بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ خىزمىتىگە ئاتىدى. بوۋاق قىز تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئەر – ئايال ئىككىسى «مەريەم» دەپ ئات قويدى، بۇ ئىسىم «ئىبادەتگۇي» دېگەن مەنىدە ئىدى. لېكىن، ئىمران ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى مەريەم ئىشىدا گاڭگىراپ قالدى، چۈنكى قۇدۇسقا خىزمەت قىلىشقا پەقەت ئوغۇللارغىلا رۇخسەت قىلىناتتى. لېكىن، شۇنداقتىمۇ، ئۇلار قىزىنى تارىخنىڭ بۈيۈك شەخسلىرىدىن بىرى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققۇدەك تەربىيەلەش ئۈچۈن قىزىنى قۇدۇسقا ئېلىپ باردى. مانا بۇ يەردە بۈيۈك ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتا ئاتا – ئانىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇدۇسقا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بەنى ئىسرائىل ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى داڭلىق ئالىم ئىمراننىڭ قىزىنى تەربىيەلەش شەرەفىگە ئېرىشىشنى كۆزلەپ، بوۋاق تەرەپكە چاپتى. ئۇلار قايسىسىنىڭ ئۇنىڭغا كېپىل بولۇشى توغرىسىدا ئۆزئارا ئىختىلاپلاشتى. ئاخىرى ئۇلار ئۆزلىرى ئارىسىدا قىزىقارلىق بىر شەكىلدە چەك تاشلاشقا كېلىشتى. يەنى ئۇلار ئىچىدىكى ھەربىر ئالىم قەلىمىنى ئىئوردان دەرياسىغا تاشلايتتى، دولقۇنغا قارشى ئۈزەلىگەن قەلەم ئىگىسى مەريەمنى بېقىش شەرەفىگە ئېرىشەتتى. دولقۇن ھەممە قەلەملەرنى ئېقىتىپ كەتتى، ئەمما بىرسىلا دولقۇنغا قارشى ئېقىۋاتاتتى. ئۇلار بۇ قەلەمنى ئەكىلىپ قارىسا قەلەم سالىھ بىر كىشىنىڭ بولۇپ چىقتى. ئۇ كىشى بولسىمۇ ئىبرانىيچە ئىسمىنىڭ مەنىسى «ئاللاھنى ياد ئەتكۈچى» بولغان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام ئىدى. شۇنىڭ بىلەن زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام مەريەمنى ياخشى تەربىيەلىدى. پاك مەريەم گۈزەل باغدىكى ئاق ئەتىرگۈل كەبى ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئاخىرىدا مۇسۇلمانلار «جەننەت ئەھلى ئاياللىرىنىڭ گۈلتاجى» دەپ بىلىدىغان ئۇلۇغ ئىپپەت ئابىدىسىگە ئايلاندى. ھالبۇكى، يەھۇدىيلار ئۇنى يۈسۈف نەججار ئىسىملىك بىر ئەر بىلەن زىنا قىلغان بىر زىناخور ئايال دەپ بىلىدۇ ۋە ئۇ تۇغقان ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ (شىئە مەزھەبىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەﺋ يەھۇدىينىڭ مۇشۇنداق يەھۇدىيچە پىرىنسىپلىرى شىئە ئالىملىرىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىغا ۋە ھەسەن ئىبنى ئەلىنىڭ ئايالىغا تىل تەگكۈزۈشىگە سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن). مۇشۇ ياخشى تەربىيەنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەزرىتى پاك مەريەم پۈتۈن جاھان ئاياللىرىنىڭ ئىپپەت ۋە پاكلىق ئۈلگىسىگە ئايلاندى، شۇنداقلا ئاللاھ تائالا جىبرىل ئارقىلىق تاشلىغان كەلىمەسى (ئىيسا ئەلەيھىسسالام) گە ھامىلىدار بولۇشقا تاللاندى (ئۇلارغا سالاملار بولسۇن!). مەريەم شۇ ئارقىلىق ئەڭ پاك قورساق كۆتۈرۈشكە، ئەڭ پاكىز ھامىلىگە، ئەڭ قۇتلۇق بىر تۇغۇشقا مۇشەررەپ بولدى.
يەھۇدىيلار بۇ پاك خانىمنىڭ شەرەفىگە تىل تەگكۈزۈش بىلەنلا بولدى قىلماستىن، ئۇنىڭغا يەنە زۇلۇم قىلدى ۋە ئازابلىدى. ئاخىرى، ئۇ كىچىك بالىسىنى ئېلىپ قېچىپ، مىسىر زېمىنىغا قەدەم باستى. شۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل كېيىن پەلەستىنگە قايتتى ۋە ئاللاھنىڭ ئەڭ بۈيۈك پەيغەمبەرلىرىدىن بىرىنىڭ سالىھ ئانىسى بولدى.
مەنبە: جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».
تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي