رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىگە مۇناسىپ ئۇسۇلدا كىرىشنى ياخشى بىلەتتى. تاغىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن قۇرەيشلىكلەر ئۇنىڭغا تېخىمۇ قاتتىق ئەزىيەت بېرىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سەقىف قەبىلىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ۋە ئۆز قەۋمىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن تائىفقا بارماقچى بولدى. ئۇلارنى ئاللاھ تەرەپتىن ئېلىپ كەلگەن دىننى قوبۇل قىلىپ قالار دەپ ئۈمىد قىلىپ، يالغۇز يولغا چىقتى. تائىفقا يېتىپ بېرىپ، سەقىف قەبىلىسىنىڭ يولباشچىلىرى ۋە شەرەپلىك كىشىلىرى بولغان ئابدۇ يالەيل، مەسئۇد، ھەبىب قاتارلىق ئۈچ قېرىنداشنىڭ يېنىغا باردى. ئۇلار ئەمر ئىبنى ئۇمەيرنىڭ بالىلىرى ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنى ئاللاھقا دەۋەت قىلدى. بۇ يەرگە كېلىش سەۋەبىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىسلامغا ياردەم بېرىشى ۋە قۇرەيشتىن ئۆزىگە قارشى تۇرۇۋاتقان كىشىلەرگە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھقا بولمىغۇر جاۋاب قايتۇردى. ئۇلارنىڭ بىرى: ئەگەر سەن ئاللاھ ئەۋەتكەن پەيغەمبەر بولساڭ، كەئبەنىڭ پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلايمەن، دېدى. يەنە بىرى: ئاللاھ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدىغانغا سەندىن باشقا ئادەم تاپالمىدىمۇ؟ دېدى. ئۈچىنچىسى پەلسەپە سۆزلەپ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن بىلەن ئەسلا سۆزلەشمەيمەن. ئەگەر سەن، ئۆزۈڭ دېگەندەك، ئاللاھ تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى بولساڭ، سۆز قايتۇرۇشۇمدىنمۇ خەتەرلىكرەك بىرى بولىسەن؛ ئەگەر ئاللاھ نامىدىن يالغان سۆزلىگەن بولساڭ، ساڭا سۆزلەشنىڭ لازىمى يوق، دېدى.
رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن يۇقىرىقىدەك بولمىغۇر جاۋابنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ياخشىلىق قىلىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ئۇلارنىڭ يېنىدىن كەتمەكچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى، لېكىن ئۇلار بىلەن بولغان ئىشلارنى قۇرەيشنىڭ بىلىپ قىلىپ، ئۆزىگە تېخىمۇ جۈرئەتلىك بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارغا: قىلغۇلۇقۇڭلارنى قىلدىڭلار، بولغان ئىشلارنى ئاشكارىلىمىساڭلار… دېدى. ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلماي، نادانلىرى ۋە قۇللىرىنى كۈشكۈرتتى، ئۇلار رەسۇلۇللاھنى تىللاپ، ۋارقىرىدى. كىشىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، ئۇنى ئۇتبە ئىبنى رەبىئە بىلەن شەيبە ئىبنى رەبىئەلەرنىڭ بېغىغا كېرىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئىككىسى شۇ باغدا بار ئىدى. رەسۇلۇللاھنى قوغلاپ كەلگەن سەقىفنىڭ نادانلىرى بولدى قىلىپ قايتىپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۈزۈم تېلىنىڭ سايىسىغا بېرىپ ئولتۇردى. رەبىئەنىڭ ئىككى ئوغلى ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى ۋە سەقىفنىڭ نادانلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرغانىدى. ئۇلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئىچى ئاغرىپ قالدى. ئەدداس ئىسىملىك ناسارا خىزمەتچىسىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: بۇ ئۈزۈمدىن بىر ساپاق ئېلىپ، بۇ تەخسىگە قويغىن، ئاندىن ئاۋۇ ئادەمگە ئاپىرىپ بەرگىن، ئۇنىڭغا: بۇنىڭدىن يېگىن، دېگىن، دېدى. ئەدداس خوجايىنى دېگەندەك قىلدى، ئۈزۈمنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا قويدى. ئاندىن ئۇنىڭغا: يېگىن، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا قولىنى سۇنۇپ، «بىسمىللاھ» دېگەندىن كېيىن يېدى. ئەدداس ئۇنىڭغا قاراپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ يۇرتتىكىلەر بۇ سۆزنى دېمەيتتى» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «ئەدداس، سەن قايسى يۇرتتىن؟ دىنىڭ نېمە؟» دېدى. ئەدداس: «نەينەۋادىن، ناسارامەن» دېدى. رەسۇلۇللاھ: «سالىھ كىشى يۇنۇس ئىبنى مەتتانىڭ يۇرتىدىنمۇ؟» دېدى. ئەدداس: «يۇنۇس ئىبنى مەتتانى قانداق بىلىلا؟» دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇ مېنىڭ قېرىندىشىمدۇر، ئۇ پەيغەمبەر ئىدى، مەنمۇ پەيغەمبەرمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەدداس رەسۇلۇللاھنىڭ بېشى، قولى ۋە پۇتلىرىنى سۆيدى. رەبىئەنىڭ ئىككى ئوغلى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغانىدى. ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىگە: بۇ ئادەم خىزمەتچىڭنى يولدىن چىقىرىپتۇ، دېدى.
ئەدداس خوجايىنىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن چاغدا، ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھنى كۆرۈپ، سۆزىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
خوجايىنى ئۇنىڭغا: ۋاي ساڭا، ئەدداس، نېمىشقا بۇ ئادەمنىڭ بېشى، قولى ۋە پۇتلىرىنى سۆيىسەن؟ دېدى.
ئەدداس: ئى خوجايىن! يەر يۈزىدە بۇ ئادەمدىن ياخشىراق ئادەم يوق، ئۇ ماڭا پەيغەمبەرلەرلا بىلىدىغان سۆزنى قىلدى، دېدى.
خوجايىنى: ۋاي ساڭا، ئەدداس، ئۇ سېنى دىنىڭدىن ھەرگىز ياندۇرۇپ قويمىسۇن، چۈنكى سېنىڭ دىنىڭ ئۇنىڭ دىنىدىن ياخشىدۇر، دېدى.
بىز بۈگۈن، كىشىلەرنىڭ تەبىقىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن گۈزەل بىر شەكىلدە مۇئامىلە قىلالامدۇق؟
تېز بىر قاراش:
كىشىلەرگە قىياپىتى، مال – مۈلكى ياكى ۋەزىپىلىرىگە ئاساسەن ئەمەس، ئىنسان بولغانلىقىغا ئاساسەن مۇئامىلە قىلغىن.
دوكتور مۇھەممەد ئەرىفىينىڭ «استمتع بحياتك» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى: پىنھان