Categories: ماقالىلەر

تۆكۈلگەن سۈت ئۈچۈن يىغلىما!

بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىدە تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ بار بولغان، كىشىلەر تونۇغان، كىشىلەرنىڭ زېھنىدە سۈرىتى شەكىللەنگەن تەبىئىتىنى (خۇيىنى) ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ۋە كىشىدىن ئايرىلمايدىغان نەرسە دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا تەسلىم بولىدۇ ۋە بۇيسۇنىدۇ. مەسىلەن، بوي ئىگىزلىكىنى ياكى تېرە رەڭگىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا تەسلىم بولغىنىغا ئوخشاش.

ئەقىللىق كىشىلەر تەبىئەتلەرنى ئۆزگەرتىش كىيىم – كېچەكلەرنى ئۆزگەرتىشتىنمۇ ئاسانراق بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىسىمۇ، تەبىئەتلىرىمىز قايتۇرۇۋالغىلى ياكى توپلىۋالغىلى بولمايدىغان تۆكۈلگەن سۈتكە ئوخشاش ئەمەس، ئەكسىچە بىزنىڭ قولىمىزدا، بەلكى بىز مۇئەييەن ئۇسۇللار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تەبىئەتلىرىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەقىللىرىنىمۇ ئۆزگەرتەلىشىمىز مۇمكىن.

ئىبنى ھەزم «تەۋقۇل ھەمامە» دېگەن كىتابىدا تىلغا ئېلىشىچە، ئەندەلۇستا مەشھۇر بىر سودىگەر بار ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن باشقا تۆت سودىگەر ئوتتۇرىسىدا رىقابەت پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇلار ئۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى بىئارام قىلىش قارارىغا كەلدى.

ئۇ سودىگەر بىر كۈنى سەھەردە ئۆيىدىن چىقىپ دۇكىنىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ ئاق كۆڭلەك بىلەن ئاق سەللە كىيىۋالغانىدى. تۆت سودىگەرنىڭ بىرى ئۇنىڭغا ئۇچرىشىپ سالام بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ سەللىسىگە قاراپ:

— بۇ سېرىق (رەڭلىك) سەللە بەك چىرايلىقكەن! — دېدى.

— كۆزۈڭ قارىغۇ بولۇپ قالدىمۇ؟!! بۇ دېگەن ئاق سەللە، — دېدى سودىگەر.

— ياق، سېرىقكەن، سېرىقكەن، ئەمما چىرايلىقكەن.

سودىگەر ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا تۆت سودىگەرنىڭ يەنە بىرى ئۇچراشتى. ئۇمۇ سودىگەرگە سالام بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ سەللىسىگە قاراپ:

سەن بۈگۈن نېمىدېگەن چىرايلىق بولۇپ كەتتىڭ، بۇ كىيىملىرىڭ، بولۇپمۇ بۇ يېشىل سەللەڭ بەك چىرايلىقكەن! — دېدى.

— ھەي ئادەم، بۇ دېگەن ئاق سەللە، — دېدى سودىگەر.

— ياق، يېشىلكەن.

– ئاق دېدىمغۇ ئاق، مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن.

بۇ بىچارە ئۆز – ئۆزىگە سۆزلەپ، سەللىسىنىڭ رەڭگىنىڭ ئاق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن دولىسىغا ساڭگىلاپ چۈشكەن ئۇچىغا پات – پات قاراپ ماڭدى. دۇكىنىغا يېتىپ كېلىپ، دۇكىنىنى ئېچىش ئۈچۈن قۇلۇپىنى ھەرىكەتلەندۈرۈۋاتقان ۋاقتىدا تۆت سودىگەرنىڭ ئۈچىنچىسى كېلىپ:

— ھەي پالانچى، بۈگۈن ئەتىگەن بولۇپمۇ كىيىملىرىڭ بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ. بۇ كۆك سەللە سېنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىۋېتىپتۇ.

سودىگەر سەللىسىگە رەڭگىنى تەكىتلەش ئۈچۈن قارىۋەتكەندىن كېيىن كۆزىنى ئۇۋىلاپ تۇرۇپ:

— ھەي قېرىندىشىم، بۇ دېگەن ئاق سەللە، — دېدى.

– ياق، كۆككەن، ئەمما يەنىلا چىرايلىقكەن، قايغۇرما، — دېگەندىن كېيىن ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى سودىگەرلەرنىڭ ئۈچىنچىسى. سودىگەر:

— سەللەم ئاق، — دەپ ۋارقىراپ، سەللىسىگە قاراپ، سەللىسىنى ئۇياق – بۇياققا ئۆرۈشكە باشلىدى. دۇكىنىدا سەللىسىنىڭ ئۇچىدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي ئازراق ئولتۇردى. ئۇنىڭ يېنىغا سودىگەرلەرنىڭ تۆتىنچىسى كىرىپ مۇنداق دېدى:

— ھەي بۇرادەر، قانداق ئەھۋالىڭ؟ ماشائاللاھ، بۇ قىزىل سەللىنى نەدىن سېتىۋالدىڭ؟!

— بۇ دېگەن كۆك سەللە، — دەپ ۋارقىرىدى سودىگەر.

– ياق، قىزىلكەن.

– ياق، يېشىل… ياق… ياق… ئاق… ياق، كۆك… قارا…

سودىگەر كۈلدى… ۋارقىرىدى.. يىغلىدى… ئاندىن قالايمىقان سەكرەشكە باشلىدى!!

ئىبنى ھەزم مۇنداق دەيدۇ: مەن كېيىن ئۇنى ئەندەلۇس كوچىلىرىدا كۆردۈم. ئۇ ساراڭ بولۇپ قاپتىكەن، كىچىك بالىلار ئۇنىڭغا تاش ئېتىۋېتىپتىكەن.

بۇ سودىگەرلەر ئادەتتىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ تەبىئىتىنى، ھەتتا ئەقلىنى ئۆزگەرتىۋەتتى.

ئۇنداقتا ۋەھيى دەلىللىرى بىلەن نۇرلاندۇرۇلغان، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن قىلىنىدىغان، ئۆگىنىش ئارقىلىق قولغا كېلىدىغان ئىقتىدارلارنىڭ ئۈنۈمى قانچىلىك بولار؟

بەختلىك بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭدە بار بولغان ياخشى ئىقتىدارلارنى ئەمەلىيەتتە قوللانغىن! سەن ماڭا: قىلالمايمەن، دېسەڭ، مەن ساڭا: ئۇرۇنۇپ باققىن، دەيمەن. بىلمەيمەن، دېسەڭ، ئۆگەنگىن، دەيمەن. چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىلىم پەقەت ئۆگىنىش بىلەنلا (قولغا كېلىدۇ)، كەڭ قۇرساقلىقمۇ پەقەت كەڭ قۇرساق بولۇشقا تىرىشىش بىلەنلا (ھاسىل بولىدۇ)» دېگەن.

 

بىر كۆزقاراش

باتۇر دېگەن ئۆز ئىقتىدارلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرالىغاندىن سىرت باشقىلارنىڭ ئىقتىدارلىرىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، ھەتتا ئۆزگەرتەلەيدۇ.

 

دوكتور مۇھەممەد ئەرىفىينىڭ «استمتع بحياتك» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: پىنھان

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

4 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago