قىز بالىنىڭ ئۆگەي دادىسى ئالدىدا كىيىنىشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۆگەي دادا ئالدىدا قىز بالا تولۇق كىيىنىپ يۈرۈشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئۆگەي دادا قىزغا نىسبەتەن مەھرەم قاتارىدا بولغاچقا، قىز بالا ئۆگەي دادىسى ئالدىدا يات كىشىگە ئوخشاش تولۇق يۆگىنىشى كېرەك ئەمەس.

ئاللاھ تائالا: ﴿سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ (باشقا ئەردىن بولغان) قۇچىقىڭلاردا بېقىلغان ئۆگەي قىزلىرىڭلار سىلەرگە ھارام قىلىندى﴾(4/«نىساﺋ»: 23) دېگەن.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆگەي قىزى دۇررە بىنتى ئەبى سەلەمە ھەققىدە: «ناۋادا ئۇ مېنىڭ قۇچىقىمدا بېقىلىۋاتقان ئۆگەي قىزىم بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۇ ماڭا ھالال بولمايتتى، چۈنكى مەن بىلەن ئۇنىڭ ئاتىسى (ئەبۇ سەلەمە) ئىككىمىزنى سۇۋەيبە ئېمىتكەن. شۇڭا، ماڭا قىزلىرىڭلارنىمۇ، ھەمشىرىلىرىڭلارنىمۇ نىكاھلىنىشقا كۆرسەتمەڭلار» دېگەن.(1)

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ سۆزىنىڭ مەنىسى: ئۇ ماڭا ئىككى سەۋەبتىن ھارام: بىرى، ئۆگەي قىزىم بولغانلىقىدىن. يەنە بىرى، ئېمىلداش قېرىندىشىمنىڭ قىزى بولغانلىقتىن. ناۋادا ئىككى سەۋەبنىڭ بىرى يوق بولغان تەقدىردە، يەنە بىرى بىلەن ھارام بولۇپ كەتكەن بولاتتى».(2)

يەنە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان كىچىك بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن﴾(24/«نۇر»: 31) دېگەن سۆزىمۇ ئايال كىشىنىڭ مەھرەملەرگە زىننەتلىرىنى كۆرسەتسە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆگەي ئاتىمۇ مەھرەملەر قاتارىدا.

يۇقىرىقى ئايەت بىلەن ھەدىستىن مەلۇم بولىدۇكى، قىز بالا ئۆگەي دادىسىغا نىسبەتەن نىكاھلىنىش مەڭگۈلۈك ھارام بولغان يېقىنلار قاتارىغا كىرىدۇ، يەنى ئۆگەي دادىسى قىزغا نىسبەتەن مەھرەم بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن قىز بالا ئۆگەي دادا ئالدىدا باشقا مەھرەم تۇغقانلىرىنىڭ ئالدىدا يۈرگەندەك يۈرسە بولىدۇ. يەنى بېشى، چېچى، يۈزى، بويۇن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، قۇلاق، بىلەك ۋە پۇتلىرىنى ئاچسا بولىدۇ. يەنى ئۆگەي دادا ئالدىدا ئۆي ئىچىدە دادىسى، ئاكىسى ۋە تاغىسىنىڭ ئالدىدا كىيىپ يۈرىدىغان كىيىملىرى بىلەن يۈرسە بولىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا كۆكسى، ئۇچىسى، قورسىقى ۋە يوتىلىرىنى ئۆگەي ئاتا ئالدىدا ئاچسا بولمايدۇ.

ئېچىشقا رۇخسەت قىلىنغان يەرلەرنى تۇتسا بولىدۇ. چۈنكى، «مەھرەملىرىدىن قاراشقا رۇخسەت قىلىنغان يەرلەر تۇتۇشقا رۇخسەت قىلىنغان» دەيدىغان فىقھىي قائىدە بار.

بۇلارنىڭ ھەممىسى فىتنەدىن خاتىرجەم بولغان نورمال ئەھۋالدىكى ساغلام تەبىئەتلىك كىشىلەرگە قارىتىلغان كۆرسەتمىلەر بولۇپ، ئۆگەي دادا تەبىئىتى ساغلام بولمىغان، ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا، تولۇق يۆگىنىش لازىم بولىدۇ.

شۇنداقتىمۇ ئۇرۇق – تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن مەھرەم بولغان ئۆز ئاتا، ئاكىلىرى بىلەن قۇدا – باجىلىق تەرەپتىن مەھرەم بولغان ئۆگەي ئاتا قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش مۇۋاپىق. يەنى ئۆگەي ئاتىغا نىسبەتەن سەل ئېھتىيات قىلىش، ئۇلارنىڭ ئالدىدا مۇمكىنقەدەر ئېچىلىپ قالماسلىق، تولۇقراق يۆگىنىش ياخشى.

يەنە ئۆگەي دادا قاتارلىق مەھرەملەر ئالدىدا ئۇلار كۆرسە بولمايدىغان ئەۋرەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان نېپىز كىيىملەر، ياكى بەدەننىڭ ئېگىز – پەس جايلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرىدىغان تار كىيىملەرنى كېيىشكە ھەم بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 10 – شەئبان / م. 2011، 11 – ئىيۇل

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 196 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5372)؛ «مۇسلىم»، (1449).
2. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 10/25.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (25) ئاياز شىكەستە – جاھاننامە

قوليازمىنىڭ ئىسمى: جاھاننامە تۈر: تارىخىي داستان، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 62 (124 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەربىر…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (24) موللا مۇسا سايرامىي –  تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. ۋاراق سانى: 207…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (23) ئەللامە ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلخوتەنىي- شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي تۈر: ئەقىدە، تەۋھىد، كالام. ۋاراق سانى: 34…

1 ئاي ago

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…

2 ئاي ago

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي   ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…

2 ئاي ago

ئۈممىتىگە مېھرىبان پەيغەمبەر

دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…

2 ئاي ago