سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن توشقان گۆشىگە ئامراق ئىدىم. بىراق، بەزىلەر ئۇنى ھارام دەپ قارايدىكەن. بەزىلەر: «توشقاننىڭ سۈيدۈكى ئىشەكنىڭ سۈيدۈكىگە ئوخشايدۇ» دېدى. يەنە بەزىلەر: «توشقان ھەيز كۆرىدىغان بولغاچقا، ئۇنى يېسە بولمايدۇ» دەپ قارايدىكەن. شۇڭا، ئۇستازنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ باقاي دېگەن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
توشقان گۆشى ھالال. ھىشام ئىبنى زەيد ئىبنى ئەنەس ئىبنى مالىك رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ بوۋىسى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىز «مەررىززەھران» دېگەن جايدا بىر توشقاننى قاچۇرۇپ قويدۇق. كىشىلەر خېلى يۈگۈرۈپ بېقىپ، ئۇنى تۇتالماي ھېرىپ قېلىشقاندا مەن ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋالدىم. ئۇنى ئەبۇ تەلھەگە ئېلىپ كەلسەم، ئۇنى بوغۇزلاپ ئىككى سېنىنى – ياكى ئىككى قولىنى – رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى قوبۇل قىلدى.(1)
ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ : «توشقان گۆشىنى يېيىش مالىك، ئەبۇ ھەنىفە، شافىئىي، ئەھمەد ۋە بارلىق ئۆلىمالار نەزەرىدە ھالالدۇر، پەقەتلا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن ئىبنى ئەبى لەيلا ئىككىيلەندىن مەكرۇھ دەپ قارىغانلىقى ئېيتىلغان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ دەلىلى مۇشۇ ھەدىس ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەدىسلەردۇر، ئۇنى چەكلەش توغرىسىدا بىرەر سەھىھ دەلىل ئىسپاتلانمىغان».(2)
ئىمام كەرخى: «ئىماملىرىمىز توشقان گۆشىنى يېسە بولىدۇ، ئۇ يىرتقۇچمۇ ئەمەس، تاپ يەيدىغان ھايۋانلاردىنمۇ ئەمەس، دەپ قارايدۇ» دېگەن.(3)
دىيارىمىزدىكى بەزى نادان كىشىلەردىن ئاڭلىشىمچە: توشقاننى يىلدا بىر قېتىم يەپ قويسا بولارمىش، ئۇندىن كۆپ يېسە بولمايمىش. بۇنىڭغا ئوخشىغان ئاساسى يوق گەپلەر كۆپ. يەنە بەزىلەر: توشقاننى ھەيز كۆرىدىغان بولغاچقا، ئۇنى يېسە بولمايدۇ، دېيىشىدۇ.
ئەسلىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توشقاننى ھەيز كۆرىدىغانلىقى سەۋەبىدىن يېمىگەنلىكى ھەققىدە بەزى ھەدىسلەر كەلگەن بولسىمۇ بۇ ھەدىسلەر زەئىف.(4)
ھافىز ئىبنى ھەجەر: «بۇ رىۋايەتلەر سەھىھ بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدا مەكرۇھلۇققا دەلىل يوق» دەيدۇ.(5)
ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئىدۇق، ئەئرابىيلاردىن بىرى ئۇنىڭغا بىر توشقان ھەدىيە قىلىۋىدى، بىز ئۇنى يېسەك، ھېلىقى ئەئرابىي: مەن ئۇنىڭدا قان كۆردۈم، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «چاتاق يوق» دېدى.(6)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەيد ئىبنى ئۇمەير رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر كىشى ئۇنىڭ ئاتىسىدىن توشقان توغرىسىدا سورىۋىدى، ئۇ:
— يېسە بولىدۇ، —دېدى. ھېلىقى كىشى:
— ئۇ ھەيز كۆرىدۇ، —دېۋىدى، ئاتام:
— ئۇنىڭ ھەيزىنى بىلگەن زات پاكلىقىنىمۇ بىلىدۇ، ئۇ ھامىلىدارلاردىن بىرى خالاس، — دېدى.(7)
ئابدۇللاھ تابىئىنلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇبەيد رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا تۇغۇلغان چوڭ تابىئىي، بەزىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرگەن دەپمۇ قارايدۇ.
ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ھالال دېگەن نەرسە ھالالدۇر، ھېچكىمنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ ئورنىدا بىرنەرسىنى ھارام ياكى ھالال دەۋېلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 8 – شەۋۋال / م. 2011، 6 – سېنتەبىر
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 174 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5535)؛ «مۇسلىم»، (1953).
2. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 13/105.
3. ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 21/136.
4. ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 21/136.
5. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 9/662.
6. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (24277).
7. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (24275).