ھارام پۇل بىلەن تىجارەت قىلىش
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھارام پۇل بىلەن قەرز ھېسابىدا تىجارەت قىلىپ لېكىن، نىيىتىدە كېيىن پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۇ ھارام پۇللارنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ ياخشىلىق يوللىرىغا ئىشلەتسە (گەرچە ساۋاب بېرىلمىسىمۇ) توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
دەرھال راستچىل، سەمىمىي تەۋبە قىلىپ بۇ ھارام پۇلدىن قۇتۇلۇش ۋاجىبتۇر. ئەگەر بۇ پۇللارنىڭ ئىگىسى مەلۇم بولسا، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش، ئىگىسى نامەلۇم بولسا، كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ پۇللاردىن قۇتۇلۇش زۆرۈر.
تەۋبە دېگەن ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ئېيتقاندەك: «قىلىپ سالغان گۇناھلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاش، قولدىن كەتكەن ھەربىر پەرزنى ئادا قىلىش، شۇنداقلا زۇلۇم قىلغان تەقدىردە، ھەربىر ھەق ئىگىسىگە ھەققىنى قايتۇرۇشتىن ئىبارەت».
تەۋبە قىلىشنى، ھەق ئىگىلىرىگە ھەقلىرىنى قايتۇرۇشنى كېچىكتۈرمەسلىك ئىنتايىن زۆرۈر، بولمىسا، ئۆلگەندىن كېيىن قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا پۈتۈن خالايىق ئالدىدا ھېساب ئېلىپ باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمىكى ئۆزىدە قېرىندىشىنىڭ بىرەر ھەققى قالغان بولسا، قېرىندىشىغا ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ئېلىپ بېرىلىپ، ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، قېرىندىشىنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ ئۇنىڭغا يۈكلىنىدىغان كۈن كەلگۈچە ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئېلىۋالسۇن، چۈنكى ئۇ دۇنيادا بىرەر تىللا ياكى بىرەر تەڭگە بولمايدۇ».(1)
ھارام مالنىڭ مىساللىرى تۆۋەندىكىچە:
يېتىم – يېسىرنىڭ ھەققى، ئوغرىلانغان، بۇلانغان، زالىملار بىلەن ھەمكارلىشىپ تاپقان، زەھەرلىك چېكىملىك – ئىچىملىكلەرنى تېرىش، ياساش ۋە تىجارەت قىلىشتىن تاپقان پۇل، ساختىلىق، ئالدامچىلىق، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن تاپقان، پارا يېگەن، قىمار، زىنا – پاھىشەدىن تاپقان ۋە ئۆسۈم – جازانىدىن تاپقان پۇل…
تەۋبىنى كېچىكتۈرگەن تەقدىردە، مۇنداق خەتەرلىك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ:
1. ھارام بىلەن گۇناھلارنىڭ قاراڭغۇلۇقى دىلىنى قاپلاپ كېتىپ، كېيىن تەۋبە قىلىشنىمۇ بىلمەيدىغان كۆڭلى قارا تەبىئەتلىك بولۇپ قالىدۇ.
2. يېگەن – ئىچكىنى ھارامدىن بولۇپ، دوزاخقا لايىق بولىدۇ.
3. دۇئاسى قوبۇل بولمايدۇ.
4. ياخشى ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.
5. كېيىنچە قايتۇرىمەن دەپ ئۆلۈپ كېتىپ قالسا باشقىلارنىڭ ھەققى ئۇنىڭ بوينىدا قالىدۇ. نەتىجىدە، ئاللاھنىڭ ئالدىغا تەۋبىسىز كېتىپ قالىدۇ.
6. ھارام مالدىن تاپقان پۇلدا ھەرقانچە خەير – ئېھسان قىلسا قوبۇل بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ پاكتۇر، پەقەت پاكنىلا قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا، ئۆزىنى ئالدىماي تەۋبە قىلىش پۇرسىتى قولىدىن كېتىپ بولغۇچە دەرھال تەۋبە قىلسۇن. بولمىسا، كۆپ پۇل تاپقان تەقدىردىمۇ ئاقىۋىتى ئازاب، پۇشايمان، بولۇپ قالىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 7 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 11 – ئاپرېل
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 163 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «بۇخارىي»، (6534).
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…