داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ سۇغۇرتىسى
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھازىرقى ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ، چوڭلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا بولامدۇ؟ ئاپتوموبىللارنىڭ سۇغۇرتىسىچۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا: سۇغۇرتىغا قاتناشقان شەخس ئاغرىپ قالغاندا داۋالىنىش چىقىمىنىڭ ھەممىنى ياكى مەلۇم پىرسەنتىنى سۇغۇرتا ئۈچۈن پۇل تاپشۇرۇۋالغان ئورۇن (ھۆكۈمەت ياكى سۇغۇرتا شىركىتى) توختامدا بەلگىلەنگەن بويىچە تۆلىۋېتىدۇ. بەزىدە ھۆكۈمەت ئىشچى – كادىرلارنىڭ مائاشىنىڭ بىر قىسمىنى سۇغۇرتا ئۈچۈن تۇتۇۋالىدۇ. مائاشلىق ئىشچى – كادىر بولمىغانلار ئۆز يېنىدىن ئايلىق پۇل تۆلەيدۇ. بۇنى ئىككى تۈرگە ئايرىش مۇمكىن:
1 – تۈرى: ھۆكۈمەت ئۆزى قىلىۋاتقان سۇغۇرتا. بۇنىڭ ھۆكمى جائىز. بۇ مائاش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. بىرەر شىركەت ياكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئۆز ئىشچىلىرىغا قارىتا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىن يولغا قويۇلغان سۇغۇرتىمۇ جائىز.
2 – تۈرى: پەقەت پايدىنىلا كۆزلەيدىغان سۇغۇرتا شىركەتلىرى يولغا قويغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بولۇپ، بۇ جائىز ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق ئەھۋالدا، بۇ كېلىشىم نامەلۇملۇق بىلەن جازانىنى، باشقىلارنىڭ ھەققىنى ناھەق يەۋېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسىدا: ئاپتوموبىل ئىگىسى ھەر يىل ياكى ھەر ئايدا تىجارىي مەقسەتتە قۇرۇلغان سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە مەلۇم مىقداردا پۇل تۆلەپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ قارشىلىقىدا ئاپتوموبىلغا بىرەر ۋەقە ياكى ھادىسە يۈز بېرىپ زىيان تارتىش بولسا، ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىپ بېرىدۇ ياكى رېمونت قىلىشقا يارىمايدىغان بولسا، يېڭىسىنى ئېلىپ بېرىدۇ.
بۇ تۈرلۈك سۇغۇرتا ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:
1 – تۈرى: مەجبۇرىي قاتنىشىدىغان سۇغۇرتا بولۇپ، بۇ سۇغۇرتا شەخس قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان دۆلەت تۈزۈمى قاتارىدا بولغاچقا، بۇنى ئالىملار جائىز دېگەن.
2 – تۈرى: ئىختىيارىي سۇغۇرتا. بۇ جائىز بولمايدىغان تىجارىي سۇغۇرتا قاتارىغا كىرىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 27 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 1 – ماي
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 161 – نومۇرلۇق پەتۋا.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…