ئىسلامىي كىتابلارنى ئىگىلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز باستۇرۇپ ئۆزىمىز ئىشلەتسەك بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! دىيارىمىزدا نەشردىن چىققان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىسلامىي كىتابلارنى تاپقىلى بولماسلىق ئەھۋالى بەك ئېغىر، لېكىن توردا ماتېرىياللار ھەقىقەتەن كۆپ، بۇلارنى ئىگىلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆزىمىز بېسىپ ئىشلەتسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

كىتابنىڭ ئاپتورى ياكى تەرجىمانى ياكى نەشرىياتچى كىتابتا «نەشر قىلىش ھوقۇقى بىزدە» دەپ ئەسكەرتمىگەن ئەھۋالدا شەخسىي پايدىلىنىش مەقسىتىدە كىتابنى بېسىپ پايدىلىنىشقا، تارقىتىشقا بولىدۇ.

تىجارىي پايدىلىنىش مەقسەتتە بېسىپ ساتماقچى بولغان ئەھۋالدا، ئەگەر ئۆرپ – ئادەتتە رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەك بولسا، شۇ بويىچە ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش لازىم. ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە، ئەدەب جەھەتتىن ئاپتورنىڭ ياكى نەشرىياتچىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىۋەتكەن تۈزۈك.

ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئىبارە بىلەن ئەسكەرتكەن بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا، ئاپتور بىلەن نەشرىياتچىنىڭ ھوقۇقى شەرئى جەھەتتىن قوغدىلىدىغان ھوقۇق دائىرىسىگە كىرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز تىجارىي مەقسەتتە بېسىپ تارقىتىش چەكلىنىدۇ.

ئەسلىدە بۇ مەسىلە مەنىۋى ھەق دائىرىسىگە كىرىدىغان بولۇپ، «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» بۇ ھەقنىڭ شەرئى جەھەتتىن قوغدىلىدىغانلىقىنى، ئىگىلىرىنىڭ ئۇنى تەسەررۇپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.(1)

شەخسىي پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىگىلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز بېسىشنى بەزى ئالىملار چەكلەيدۇ، بەزى ئالىملار چەكلىمەيدۇ.

ئەمدى بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي كىتابلاردىن پايدىلىنىش مەسىلىسىگە كېلەيلى: ئاپتورلار ياكى تەرجىمانلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىلىمنى، ھەقنى تارقىتىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش بولۇپ، قوشۇمچە مەقسىتى ماددىي كىرىم ياكى قەلەم ھەققى ياكى تىجارەت بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئاساسلىق مەقسەت بىلەن قوشۇمچە مەقسەت بىر – بىرىگە زىت كېلىپ قالغان ئەھۋالدا ئاساسلىق مەقسەتنى ئالدىن ئورۇندا قويۇپ قوشۇمچە مەقسەتنى قۇربان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇنىڭغا بىنائەن، دىيارىمىزدا دىنىي كىتاب بازاردىن تېپىلماي قىس بولۇپ كەتسە، ياكى ئېھتىياج شۇنداق كۆپ تۇرۇقلۇق نەشرىياتچىلار بەكلا يۇقىرى باھا قويۇۋالسا، ئومۇم مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىش، ئىسلام تەشۋىقاتى توختاپ قالماسلىق، ئىلىمنى يوشۇرماسلىق، مونوپول قىلىۋالماسلىق ئۈچۈن كىتابنى بېسىپ سېتىپ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە ئەمەس، شەخسىي ئوقۇپ پايدىلىنىش ياكى باشقىلارغا ھەقسىز ياكى ساۋابنى كۆزلەپ پايدا ئالماي سېتىپ تارقىتىشقا بولىدۇ.

كىتابنى يۇقىرىقىدەك مەقسەتتە باسقان تەقدىردە، كىتابنىڭ مەزمۇنىنى، ئاپتورنىڭ ياكى تەرجىماننىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە ياكى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ.

ئەگەر قايتا بېسىشتىن مەقسەت ماددىي پايدىلىنىش ۋە تىجارەت قىلىش بولسا، ئىگىلىرىدىن رۇخسەتسىز بېسىشقا بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 30 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2011، 4 – ئىيۇن

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 155 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. 1988 – يىلى 5 – قۇرۇلتاي – كۇۋەيت 43 (5/5) (1) نومۇرلۇق قارار.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ئاي ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

2 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

2 ئاي ago