ئۆي بېزەكچىلىك كەسپى
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۆي بېزەكچىلىكى قىلىمەن (يەنى پەنەركە دېگەندەك ماتېرىياللار بىلەن. خىتتايچە جۇاڭشۇ دەيدىكەن)، بەزى قېرىنداشلىرىمىز، بۇ كەسپىمنى تاشلاشنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ، سەۋەبى: ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۆينى زىننەتلەش ئىسراپچىلىق بولارمىش. ئىسراپ قىلىش ھارام دەپ، مېنىڭ كەسىپ قىلىشىمنىمۇ ھارامغا چىقاردى. مەنمۇ بۇ قاراشقا ئازراق قوشۇلساممۇ ئۇ كەسىپنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە پاكىت تاپالمىدىم. مەنمۇ بەزەن سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بايلارنىڭ بۇنداق ھەشەمەتلىك قىلىشىنى ئىسراپچىلىق قىلغانلىق، لايىقىدا بولغىنى ياخشى دەپ، ئامال بولسىلا ئاددىي قىلىشنى تەۋسىيە قىلىپ كەلدىم. ئۇلار گېپىمگە كۆنمىسە ئىشلەۋەردىم. جاۋاب بېرىشلىرىنى سورايمەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
سوئالىڭىزنىڭ بىرىنچى قىسمى ئۆيلەرنى بېزەشنىڭ ھۆكمىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئەلبەتتە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرى ئاددىي – ساددا، ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى پاناھلاندۇرۇشتا ئېھتىياجنى قامدايدىغان، بىھۇدە بېزەكتىن خالىي بولۇشى مۇناسىپتۇر.
لېكىن، ئۆيلەرنى بېزەشتە ئاددىي – ساددا بولۇش مۇستەھەب، پەرز ئەمەس. بۇنىڭغا ئاساسەن ئىسلام دىنىمىز ئۆيلەرنى پۇختا، چىرايلىق قىلىپ ياساشنى، بېزەشنى ھارام قىلىۋەتمىگەن. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئېيتقىنكى، «ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن چىقىرىپ بەرگەن زىبۇ – زىننەتلەرنى كىم ھارام قىلدى؟»﴾(7/«ئەئراف»: 32)
ئىقتىسادى بارلار مال – مۈلكىنىڭ زاكىتىنى بېرىپ ئۆيلىرىنى بېزىسە بۇنى ھارام دېگىلى بولمايدۇ، ھارام دېيىش ئۈچۈن دەلىل كېرەك.
تاملارغا پەنەركە ئېلىش قىشتا سوغۇقتىن، يازدا ئىسسىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بولسا، بېزىسە ھېچ گەپ بولمايدۇ. پەقەت بېزەش ئۈچۈنلا بولسا بېزەش ھارام ئەمەس، مەكرۇھ بولىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئېسىل ئۆي – باغلارنى ياساپ، دۇنياغا بېرىلىپ كەتمەڭلار» دېگەن.(1)
بۇ پۈتۈنلەي دۇنيا ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ كېتىشتىن چەكلىگەنلىكنى، ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ قالمىغان ھالدا ئۆي – باغلارنى ياسىسا گۇناھ بولمايدىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ بىزنى تاش بىلەن لاينى رەخت بىلەن يۆگەشكە بۇيرۇمىغان» دېگەن.(2)
بەزى ئالىملار بۇ ھەدىسنى تاملارنى رەخت بىلەن يۆگەپ بېزەشنىڭ مەكرۇھلىقىغا دەلىل قىلغان.
ئەمدى ئىسراپ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۆي بېزەشتە كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئىمكانىيىتىگە قاراپ دېيىش كېرەك. بىر كىشىگە ئىسراپ دەپ قارالغان نەرسە، يەنە بىر كىشىنىڭ ھەققىدە ئىسراپ بولمايدۇ. مەسىلەن مىليونېر بىر كىشى يېرىم مىليونغا ئۆي ياسىسا ئىسراپ بولمىسا، نامرات بىر ئىشچى يۈز مىڭگە ئۆي ياسىسا ئىسراپ بولۇشى مۇمكىن. دېمەك، ئىسراپ دېگەن ھەربىر كىشىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى، شارائىتىغا باغلىق.
ئەمدى سوئالىڭىزنىڭ ئىككىنچى قىسمى بېزەكچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، بۇ مۇباھ، بۇنى ھارام دېگىلى بولمايدۇ. ھارام دېيىش ئۈچۈن ئېنىق دەلىل لازىم. ئەگەر بەزىلەر بەكلا ئارتۇقچە بېزىمەكچى بولسا، سىز ئەسكەرتىپ قويۇڭ، ئۇنىمىسا، دېگىنى بويىچە ياساپ بېزەپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ئىسراپ قىلغان بولسا ئۆزىگە، ئىش ھەققى سىزگە ھالال.
جانابىي ئاللاھ ھەممىمىزنى ھالال رىزىققا مۇيەسسەر قىلسۇن.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 30 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 2 – ئىيۇن
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 154 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «تىرمىزىي»، (2328). تىرمىزىي «ھەسەن»، دېگەن. ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
2. «مۇسلىم»، (2107).
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. ۋاراق سانى: 207…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي تۈر: ئەقىدە، تەۋھىد، كالام. ۋاراق سانى: 34…
ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…
شەيخ مۇھەممەد غەززالىي ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…
دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: رىسالە ھەققىييە ۋە دىۋانى نىدائىي /رسالة حقية وديوان ندائي تۈر: رىسالە ھەققىييە: تەسەۋۋۇف،…