مۇزارەبە شىركىتى ھەققىدە
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۇزارەبە شىركىتى سودىسىدا پۇل چىقارغۇچى بىلەن كۈچ چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە پايدا – زىيان ئەھۋالى ناھايىتى ئېنىق ۋە چۈشنىشلىك، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. لېكىن، تۇرمۇشىمىزدا مۇنداق سودىمۇ بار. ئىككى تەرەپ تەڭ پۇل چىقىرىپ تىجارەتنى بىر تەرەپ قىلىدىغان، بىر تەرەپ دەسمايىنىڭ %70 نى چىقىرىپ، يەنە بىر تەرەپ %30 دەسمايە بىلەن كۈچ چىقىرىدىغان، تىجارەتنى تەڭ قىلىدىغان ياكى دەسمايىسى ئاز تەرەپ قىلىدىغان بولۇپ قالسا بۇمۇ مۇزارەبە شىركىتى سودىسىغا تەۋە بولامدۇ؟ بۇنىڭدىكى پايدا – زىيان قانداق ئايرىلىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
«ئىككى تەرەپ تەڭ پۇل چىقىرىپ ياكى بىر تەرەپ ئاز، بىر تەرەپ كۆپ پۇل چىقىرىپ تىجارەتنى بىر تەرەپلا قىلىدىغان، پايدا ئورتاق بولىدىغان ئەھۋالدا بۇ مۇزارەبە شىركىتى بولىدۇ».(1)
لېكىن، ئىككى تەرەپ پۇل چىقارغان ئەھۋالدا، كۈچ چىقارغۇچى ئۆزى چىقارغان سەرمايىنىڭ پايدىسىنى ئۆزى تولۇق ئالىدۇ، بۇ پۇل ئۆزىنىڭ بولغاچقا، ئۆزىنىڭ پۇلى بىلەن ئۆزى تىجارەت قىلغان بولىدۇ. شېرىكى چىقارغان سەرمايىنىڭ پايدىسىنى ئىككى تەرەپ مۇزارەبە كېلىشىمىدە كېلىشكەن بويىچە ئۈلىشىدۇ. مەسىلەن %50 پۇل ئۆزىنىڭ، %50 پۇل شېرىكنىڭ بولسا، %50 پۇلنىڭ پايدىسى بىلەن زىيىنى ئۆزىگە، شېرىكى چىقارغان %50 پۇلنىڭ پايدىسى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن بويىچە بولىدۇ. شېرىكى چىقارغان پۇلنىڭ زىيىنىنى شېرىكى تولۇق تارتىدۇ. بۇ مۇزارەبە تۈزۈمىدە «باشقىلار مۇزارەبەگە بەرگەن پۇلغا ئۆزىنىڭ پۇلىنى ئارىلاشتۇرۇپ تىجارەت قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ.(2)
«شېرىكلەرنىڭ ھەربىرى مەلۇم مىقداردا پۇل چىقىرىپ شىركەت سەرمايىسى قىلغان بولسا، ھەر بىرى ئايرىم ياكى ھەممىسى بىللە ئېلىپ – ساتىدىغانغا، چىققان پايدا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەقسىم قىلىشىدىغانغا پۈتۈشۈپ شىركەت قۇرغان بولسا، بۇ مال – مۇلۇك شىركىتى بولىدۇ».
بۇ شىركەتتە «شېرىكلەر ئوتتۇرىسىدا پايدىنىڭ ئۈلۈشۈش پىرسەنتى ئېنىق بولۇشى كېرەك، ھەربىر شېرىك ئالىدىغان پايدا پىرسەنتى نامەلۇم بولسا شىركەت ئىناۋەتسىز بولىدۇ».(3)
زىيان چىقسا، ھەربىر كىشى ئۆزى چىقارغان سەرمايىنىڭ پىرسەنتى بويىچە زىيان تارتىدۇ.
دەسمايىسى ئاز تەرەپ تىجارەت قىلىدىغان بولسىمۇ، بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك مۇزارەبە شىركىتى بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 2 – شەئبان / م. 2011، 3 – ئىيۇل
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 149 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. ئىلمىي گۇرۇپپا: «مەجەللەتۇل ئەھكامىل ئەدلىييە»، 1/259. 1351 – ماددا.
2. دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ: «شەرىئەتتىكى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىك تۈزۈمى» دېگەن ماقالىغا قارالسۇن. https://sajiya.biz/?p=2141
3. «درر الحكام» 3/363.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…