سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! شەرىئىتىمىزدە چارۋا ماللارنى تىرىك جىڭلاپ سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئۇلارنىڭ قىغلىرىنى سېتىشنىڭچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

قوي، كالا قاتارلىق چارۋا ماللارنى شۇنداقلا توخۇ، بېلىق قاتارلىق جانلىقلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ تارازىدا تارتىپ ساتسا بولىدۇ. بۇنىڭدا شەرىئەتتە ھېچبىر چەكلىمە يوق. مالنى سودىلاشقاندا مالنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش كۆزلىنىدۇ، تارازا ئارقىلىق مالنىڭ ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تارازىدا تارتىپ قىلغان سودىنىڭ دىتلاپ قىلغان سودىغا قارىغاندا خەتىرى ئازراق بولىدۇ.

دىتلاپ ساتسا ۋە سېتىۋالسا جائىز بولىدىغان يەردە، تارازىدا تارتىپ سودىلاشسا ئەلبەتتە جائىز بولىدۇ.

بۇرۇن تەجرىبىلىك كىشىلەر دىتلاپ سودا قىلىدىغان ئىدى، ھازىرقى زاماندا كۆپىنچە ئىسلام ئەللىرىدە كىلولاپ سودا قىلىش ئادەتكە ئايلاندى. بۇنداق سودا قىلىشتا شەرىئەتكە زىت بىر ئىش بولمىغاچقا، سودا توغرا بولۇۋېرىدۇ.

چارۋا ماللارنىڭ تېزەك، ماياق قاتارلىق قىغلىرىنى سېتىشمۇ جائىز. ئادەتتە كىشىلەرنىڭ قىغلارنى ئوغۇت ياكى يېقىلغۇ قىلىپ ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئېھتىياجى بولغاچقا، ئۇنى سېتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش چەكلەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۆشى ھالال بولغان چارۋا ماللارنىڭ تېزەك، ماياقلىرى نىجىس دەپ قارالمايدۇ.

ھەنەفىي مەزھەب كىتابلىرىدا: «تېزەك بىلەن ماياقنى سېتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جائىزدۇر» دەپ كەلگەن. يەنى باشقا بىر نەرسىگە ئارىلاشمىغان ساپ ھالەتتىمۇ سېتىش جائىز دېمەكچى. يەنە بەزى كىتابلاردا: «تېزەك بىلەن ماياقنى سېتىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى يېقىلغۇ قىلىش جائىز» دەپ كەلگەن.(1)

شافىئىي مەزھەبتە ئىمام نەۋەۋىي: «مەكرۇھلۇق بىلەن جائىز» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.(2)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 17 – شەۋۋال / م. 2011، 15 – سېنتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 146 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 5/58.
2. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/388.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago