ئىسپىرتلىق تامغا بېسىلغان گۆشلەرنى سېتىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دادام قاسساپلىق قىلاتتى. تەتىل مەزگىلىدە دۇكانغا ياردەملىشەتتىم. تۈنۈگۈن قۇشخانىغا بېرىپ قوينى سويۇپ بولغاندا كارانتىن خادىملىرى تامغا بېسىپ بەردى، تامغىدىن بىر خىل ھاراقنىڭ ھىدى كەلدى. ئۇلاردىن سورىسام ئۇ تامغىنىڭ تەركىبىدە ئىسپىرت بار ئىكەن. بۇرۇن قەتئىي دىققەت قىلماپتىكەنمەن. ئىسپىرتلىق تامغا بېسىلغان گۆشلەرنى سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمىكىن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئادەتتە گۆش سېتىشتا ساختىلىق بولماسلىقى ئۈچۈن ھەر دۆلەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ساغلام ماللارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تەكشۈرگەندىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇناسىپ گۆشلەرگە تامغا باسىدۇ.

بۇ تامغىلارنىڭ تەركىبىگە بەزىدە ئىسپىرت، غىزا ماددىلارغا ئىشلىتىدىغان رەڭ دېگەندەك ماددىلار كىرىدىكەن. بەزى دۆلەتلەردە ئۆلچەمگە رىئايە قىلماي زىيىنى يوق ماددىلارنىڭ ئورنىغا باھاسى ئەرزان بولغاچقا، زەھەرلىك ماددىلارمۇ ئىشلىتىلىدىكەن. ئىسپىرتنىڭ پاكىز ياكى نىجىسلىكى ھەققىدە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشاش بولمىسىمۇ لېكىن، يەپ ئىستېمال قىلسا زەھەرلىك بولىدىغانلىقى جەھەتتىن ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

لېكىن، ئومۇم ئىستېمالچىلارنىڭ ساختا، كېسەل، ھارام گۆشلەرنى ئىستېمال قىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ تامغىلارنى بېسىش ئومۇمەن، پايدىلىق ھەم زۆرۈر ئىش. ئۇنداق تامغا باسمىغاندا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان، كېسەل ۋە باشقا زىيانلىق بولغان گۆشلەرنى سېتىپ ساختىلىق قىلىش ئېھتىماللىقى بار.

بۇ تامغىنىڭ ماددىسىنى قاسساپلار خاھلىغانچە ئۆزگەرتەلمەيدىغان بولغاچقا، مەجبۇرلۇق جەھەتتىن شۇ تامغا بىلەن بىللە سېتىۋەرسە جائىز بولىدۇ. ساختىلىققا يول ئاچماسلىق ئۈچۈن قاسساپلار گۆشلەردىكى تامغىلارنى شىلىۋەتمەي، ئىستېمالچىلارغا تولۇق يۇيۇۋېتىپ ياكى شىلىۋېتىپ ئىشلىتىشنى تاپىلاپ قويسا، زىياندىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 29 – زۇلھەججە / م. 2011، 25 – نويابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 141 – نومۇرلۇق پەتۋا.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago