بۇ مىراس قانداق تەقسىملىنىدۇ؟
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۆلگۈچى ئەر، بىر ئايالى قالغان. ئۇندىن باشقا بىر نەۋرە تۇغقىنى ۋە بېقىۋالغان بالىسىلا بار، باشقا ھېچقانداق تۇغقىنى يوق. مىراسنى قانداق بۆلۈمىز؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
1. ۋاپات بولغۇچىنىڭ پەرزەنتى بولمىغان ئەھۋالدا، ئايالى مىراسنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدۇ.
2. ۋاپات بولغۇچىنىڭ بىر نەۋرە تۇغقانلىرىدىن دادىسىنىڭ قېرىنداشلىرى (ئاكا – ئۇكا) نىڭ ئوغۇل بالىلىرى قالغان مىراسنىڭ ھەممىنى ئالىدۇ. دادىسىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ قىز بالىلىرى ۋە دادىسىنىڭ ھەمشىرىلىرى (ئاچا – سىڭىل) نىڭ قىز – ئوغۇل بالىلىرى، شۇنداقلا ئانىسىنىڭ قېرىنداش ھەمشىرىلىرىنىڭ بارلىق ئوغۇل ۋە قىزلىرىغا مىراس تەگمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار ۋاپات بولغۇچىنىڭ رەھىم ئىگە تۇغقانلىرىدۇر.(1)
3. بېقىۋالغان بالىغا مىراس تەگمەيدۇ. ئەگەر ۋاپات بولغۇچى بېقىۋالغان بالىسىغا مىراسىدىن بىر قىسمىنى قالدۇرۇشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسا، مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى دائىرىسىدە بولسا، بۇنى بېقىۋېلىنغان بالا ۋەسىيەت جەھەتتىن ئالىدۇ.
4. مىراسخورلار بېقىۋېلىنغان بالىغا ئۆز ھەقلىرىدىن بىر قىسمىنى رازى بولۇپ بەرسە بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 9 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 12 – ماي
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 136 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. مىراس ئىلمىدا «رەھىم ئىگە تۇغقانلىرى» دېگىنىمىز: مېيىتنىڭ تۇغقانلىرى ئىچىدىكى يا پەرزلىك بىلەن يا ئاسىبلىق بىلەن مىراس ئالمايدىغان تۇغقانلىرى بولۇپ، بۇلار يا پەرزلىك بىلەن يا ئاسىبلىق بىلەن مىراس ئالىدىغان مىراسخورلار بار بولغان ئەھۋالدا مىراس ئالمايدۇ. ئۇنداق مىراسخورلار پەقەت بولمىغان ئەھۋالدا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا رەھىم ئىگە تۇغقانلىرى مىراس ئالىدۇ.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…