سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! پەرزەنت كۆرەلمىسە باشقىلارنىڭ بالىسىنى بېقىۋالسا بولامدۇ؟ بىر مۇسۇلمان ئەر – ئايال بالىلىق بولالماي تۇغقانلىرىنىڭ بىر قىزىنى بېقىۋالغاندىن كېيىن ئۇلار بىرنەچچە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان، ئۇلار ھەممىسى ئۆز قېرىنداشتەك ئاچا – ئىنى بولۇپ بىر ئۆيدە چوڭ بولدى، ئۇلار ھازىر ھەممىسى تۇرمۇشلۇق بولۇپ بالىلىقمۇ بولدى. ئەمدى سورىماقچى بولغىنىم: بۇ ئايال سەپەرگە چىقسا ھېلىقى ئىنىلىرى ئۇنىڭغا مەھرەم بولالامدۇ؟ ئۇلار ئارىسىدىكى ئالاقە قانداق بولسا شەرىئەتكە زىت بولمايدۇ؟ بېقىۋالغۇچى ئايال ئۆز ۋاقتىدا بېقىۋالغان شۇ قىز بالىنى ئېمىتكەن بولسا ئەھۋال قانداق بولىدۇ؟ ناۋادا ئېمىتمىگەن بولسا ئەھۋال قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئىسلامدا بالا بېقىۋېلىش بار، لېكىن مەنسۇپ قىلىۋېلىش يوق. بۇنداق ئەھۋالدا، بىرقانچە مەسىلىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.
1. بېقىۋالغان بالىنى ئىسىم – فامىلە جەھەتتىن ئۆزىگە مەنسۇپ قىلماي ئۆز ئاتا – ئانىسىغا مەنسۇپ قىلىشى كېرەك. چۈنكى، ئىسلام بالا قىلىۋېلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىۋەتكەن. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿سىلەر بالام دەۋالغانلارنى سىلەرنىڭ بالاڭلار قىلمىدى. ئۇ پەقەت ئاغزىڭلاردا دەۋالغان سۆزلىرىڭلار خالاس. ئاللاھ ھەقنى دەيدۇ، توغرا يولغا باشلايدۇ﴾. ئاندىن ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇلارنى ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئادالەتتۇر﴾(33/«ئەھزاب»: 4، 5) دەپ بۇيرۇغان.
دېمەك، ئېغىزدا دەۋالغان سۆز باشقىلارنىڭ پەرزەنتىنى ئۆز پەرزەنت قىلىۋېتەلمەيدۇ، ھەقىقەتنى ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ. ياتنى ئۆز، يىراقنى تۇغقان قىلىۋېتەلمەيدۇ. شۇڭا، ئاتىسى ئېنىق بولغان بالىنى بېقىۋالغان ئەھۋالدا ئۆز ئاتىسىغا مەنسۇپ قىلىش لازىم. ئۆز ئاتىسى نامەلۇم بولسا، ئايەتتە كۆرسەتكەندەك دىنىي قېرىندىشى سۈپىتىدە بېقىۋالىدۇ.
ئەگەر نوپۇس دەپتىرىدە بېقىۋالغۇچىقا مەنسۇپ قىلمىسا قانۇنى جەھەتتىن بالا بېقىۋالغىلى بولمايدىغان بولسا، نوپۇسقا ئۆزىنىڭ بالىسى سۈپىتىدە يازدۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە، ئۆز ئاتىسىغا مەنسۇپ قىلىشى كېرەك. يەنى ئۆزىگە مەنسۇپ قىلىش ئاشۇ نوپۇس دەپتىرىدىلا قېلىشى، ئۇنىڭدىن ھالقىماسلىقى لازىم.
2. بالىنى ئىككى ياشقا توشمىغان بوۋاق چاغدا بېقىۋېلىش زۆرۈر، ئىككى ياشقا توشمىغان بوۋاقنى بېقىۋالغان ئايال (سۈت چىقىدىغان بولسا) تولۇق بەش قېتىم ئېمىتىۋېتىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئاندىن ئۇ بالا چوڭ بولغاندا ئۆيدە باشقىلارغا ئارىلىشىپ ئولتۇرۇش جەھەتتىن نامەھرەم بولۇش مەسىلىسى كېلىپ چىقمايدۇ. مەسىلەن، بالا قىز بولسا چوڭ بولغاندا بېقىۋالغان ئايالنىڭ ئېرى ئۇنىڭغا نامەھرەم بولمايدۇ، باشقا ئوغۇل بالىلىرى ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بولىدۇ. ئۆيدە ئۇلارنىڭ بىرەرسى بىلەن يالغۇز خالىي ئولتۇرالايدۇ.
بالا ئوغۇل بولغان تەقدىردە، ئېمىتكەن ئانا ئۇنىڭ ئېمىلداش ئانىسى بولىدۇ، ئۇ ئايالنىڭ قىز بالىلىرى بولسا، ئۇلار ئۇ ئوغۇلنىڭ ھەمشىرىلىرى بولىدۇ. چوڭ بولغاندا ئۇلارنىڭ بىرەرسى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە خالىي ئولتۇرالايدۇ، نامەھرەم بولمايدۇ.
ئەگەر ئايالدىن سۈت چىقمايدىغان بولسا، بېقىۋالماقچى بولغان بوۋاق ئوغۇل بولسا، ئايالنىڭ ئانىسى ياكى ھەمشىرىلىرىدىن بىرىدىن سۈت چىقىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ بىرى ئېمىتىۋەتسە، بۇ ئوغۇل بالا ئۇ ئايالغا نىسبەتەن مەھرەم تۇغقان بولىدۇ. چۈنكى، ئايالنىڭ ئانىسى ئېمىتىۋەتسە، ئۇ ئوغۇل ئايالنىڭ ئېمىلداش بىر تۇغقىنى بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، ئايالنىڭ قىزلىرى بولسا، ئۇ بالا ئۇ قىزلارنىڭ تاغىسى بولغاچقا، كېيىنچە، بىر ئۆيدە بىللە ئولتۇرالايدۇ. نامەھرەم بولمايدۇ.
ئەگەر ئۇ ئوغۇل بالىنى ئايالنىڭ ھەمشىرىلىرى ئېمىتىۋەتسە، ئۇ ئايال بالىنىڭ ھاممىسى بولىدۇ. لېكىن، بۇنداق ئەھۋالدا، چوڭ بولغاندا ئايالنىڭ قىزلىرى ئۇ بالىغا نامەھرەم بولىدىغان بولغاچقا، بىر ئۆيدە ئارىلىشىپ ئولتۇرالمايدۇ.
دېمەك، بالا بېقىۋالماقچى بولغانلار كېيىنچە، ئۆيدە ئارىلىشىپ ئولتۇرۇشتىن چاتاق چىقماسلىقى ئۈچۈن ئايالدىن ياكى ئايالنىڭ ئانىسىدىن ياكى ھەمشىرىلىرىدىن سۈت چىقىدىغان پەيتكە ئۇدۇللاپ بالا بېقىۋېلىشقا دىققەت قىلىشى مۇھىم.
3. ئېمىتىش يۈز بەرمىگەن ئەھۋالدا بالا بېقىۋالغان تەقدىردە، بالا ئوغۇل بولسا، ئۇ ئوغۇل بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئۇ ئايالغا، شۇنداقلا ئۆيدىكى باشقا قىزلارغا نامەھرەم بولىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار بىلەن بىللە بىر ئۆيدە ئولتۇرسا بولمايدۇ. سەپەردىمۇ مەھرەم بولالمايدۇ. بالىچىلاپ باققان بولسىمۇ بۇ ئوغۇل شەرئى جەھەتتىن ئۇ ئايال بىلەن قىزلىرىغا يات ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭغا يات ئادەمدەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ، ياخشىلىق قىلىنىدۇ، لېكىن تۇرالغۇ ئۆي جەھەتتىن باشقا جايدا تۇرۇشى لازىم. ئۇندىن ئىلگىرى ئۇ ئوغۇلغا ئۆزىنىڭ ئۇ ئايالدىن ۋە قىزلىرىدىن يات ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلىدۇ.
4. مەيلى ئېمىتكەن بولسۇن، مەيلى ئېمىتمىگەن بولسۇن بېقىۋالغان بالىغا بېقىۋالغانلاردىن مىراس تەگمەيدۇ، شۇنداقلا ئۇ بالىدىنمۇ ئۇلارغا مىراس تەگمەيدۇ. ئۇنىڭغا پەقەتلا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋەسىيەت قىلىپ بېرىلسە بولىدۇ، ياكى ئۇ ئىككىيلەن ھايات ۋاقتىدا مال – مۈلكىدىن بىر قىسمىنى ئۇ بالىغا ھەدىيە قىلىپ بېرىۋەتسە بولىدۇ، ئەمما ئۆلگەندىن كېيىن ۋەسىيەتتىن باشقا مىراس ئالالمايدۇ.
5. خالىي بىر يەردە ئولتۇرۇش، كىيىنىشتە سەل ئازادىرەك كىيىنىپ ئولتۇرۇش جەھەتتىن بېقىۋېلىنغان بالا (ئېمىتىلمىگەن ئەھۋالدا) يات ئادەم ھېسابلىنىدۇ.
6. بېقىۋېلىنغان بالا (ئېمىتىلمىگەن ئەھۋالدا) يات بولغاچقا، بېقىۋالغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن توي قىلىش چەكلەنمەيدۇ. بۇنى چەكلىۋېلىش ئاللاھ ھالال قىلغاننى ھارام قىلىۋېلىش بولىدۇ. مەسىلەن ئوغۇل بالا بېقىۋالغان بولسا، بېقىۋالغۇچىلارنىڭ قىز پەرزەنتى بولسا، ئۇ ئوغۇل ئۇلارنىڭ قىزىغا ئۆيلەنسە بولىدۇ. ھەتتا تېخى ئاشۇ بېقىۋالغان ئايالنىمۇ نىكاھىغا ئالالايدۇ. ئەكسىچە بولغان تەقدىردىمۇ ئوخشاش.
بالا بېقىۋالغاندا يۇقىرىقىلارغا رىئايە قىلماسلىق شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىگە تاجاۋۇز قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ ئىشلارغا سەل قارىماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇ ھەقتە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلگەن. مەسىلەن: ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «قانداق بىر كىشى ئۆز ئاتىسىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئۆز ئاتىسىدىن غەيرىگە مەنسۇپ قىلىدىكەن، كافىر بولۇپ كېتىدۇ، كىمىكى ئۆزىنى نەسەب جەھەتتىن تۇتاشمايدىغان بىر قەۋمگە مەنسۇپ قىلىۋالىدىكەن، ئۇ كىشى ئۆزىگە دوزاختىن ئورۇن راسلىۋالسۇن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان.(1)
سەئد ۋە ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ›كىمكى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز ئاتىسىدىن غەيرىگە مەنسۇپ بولۇۋالسا، جەننەت ئۇنىڭغا ھارامدۇر‹ دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان».(2)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاتاڭلاردىن يۈز ئۆرۈمەڭلار، كىمكى ئاتىسىدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ كۇفۇردۇر» دېگەن.(3)
7. بېقىۋېلىنغان بالا قىز بولغان تەقدىردە، نىكاھ ئىشلىرىدا بېقىۋالغۇچى ئاتا ئۇنىڭغا ۋەلىي بولالمايدۇ. ئۇنىڭغا ئۆز ئاتىسى ياكى ئۇ نامەلۇم بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمامى، ياكى يۇرتتىكى ئۆلىمالاردىن بىرى ۋەلىي بولۇپ نىكاھىنى قىلىپ قويىدۇ.
8. بۇرۇن ئۇقماي بالا بېقىۋېلىپ ئۆزىگە مەنسۇپ قىلىۋالغان بولسا، بۇ ئىشتىن دەرھال تەۋبە قىلىپ، ھەقىقىي نەسەبنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە، رەسمىيەت بېجىرىپ يول ماڭىدۇ.
ئەگەر قانۇنى رەسمىيەت جەھەتتىن ئۆز ئاتىسىغا مەنسۇپ قىلىش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا ئۆي ئىچىدە، ئۇرۇق – تۇغقان، تونۇش – بىلىشلەر ئارىسىدا ئۆز ئاتىسىغا مەنسۇپ قىلىش لازىم. دېمەك، بېقىۋالغۇچىلارمۇ، بېقىۋېلىنغان بالىمۇ بۇنى باشقىلارغا ئۇقتۇرۇشى لازىم.
يېتىم بالا بېقىۋېلىشنىڭ پەزىلىتى
يېتىم ھەققىدە ئاللاھ تائالا ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغان، ھەم تاپىلىغان. بالاغەتكە يەتمەي تۇرۇپ ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەن بالا يېتىم ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بالا بېقىۋالماقچى بولسا يېتىم بالا بېقىۋالسا، كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ.
شۇڭا، بالا بېقىۋالغاندا ئەڭ ئەۋزىلى ئاتا – ئانىسى بار بالىنى ئەمەس، يېتىم بالىدىن بىرنى 2 ياشقا توشمىغان چېغىدا بېقىۋېلىپ ئېمىتىۋېتىشتۇر. بۇنداق قىلغاندا چاتاق چىقمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا يېتىمنىڭ بېشىنى سىلىغانلىق جەھەتتىن قىيامەت كۈنىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كاتتا ماقامىغا يېقىن ئورۇن ئالالايدۇ.
سەھل ئىبنى سەئد ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يېتىم بالىنى بېقىپ خەبەر ئالغۇچى بىلەن مەن جەننەتتە مۇنداق» دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى ئازغىنە كېرىپ ئىشارەت قىلدى.(4)
ئاخىرەتتە بۇنىڭدىن ئەۋزەل مەرتىۋە بولمىسا كېرەك. بۇ ھەدىستىن مەقسەت يېتىمنى بېقىپ پەرۋىش قىلغۇچىنىڭ جەننەتتىكى مەرتىۋىسى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىدۇر. مەلۇمكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ مەرتىۋىسى ئەڭ ئۈستۈن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەرتىۋىسى ئەڭ يۇقىرى.
چۈشۈرۈۋېتىش ئالدىدا تۇرغان بالىنى بېقىۋېلىشنىڭ پەزىلىتى
جان كىرگۈزۈلۈپ بولغان بىر تۆرەلمىنى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چۈشۈرۈۋەتمەكچى بولسا، باشقىلار ئۇ بالىنى تۇغدۇرۇپ بېقىۋالسا كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿كىمكى ئۇنى (بىر جاننى) ياشاتسا، گوياكى پۈتۈن ئىنسانلارنى ھايات ياشاتقاندەك بولىدۇ﴾(5/«مائىدە»: 32).
يەنى ئۆلتۈرمەي، بۇزغۇنچىلىق قىلماي ياكى ئۆلتۈرمەكچى بولغان قاتىلنى توسۇپ قېلىش ياكى بىر جاننى تۈرلۈك ھالاكەت ئېغىزلىرىدىن ھەرقانداق چارە بىلەن قۇتقۇزۇش گوياكى پۈتۈن ئىنسانلارنى ياشاتقاندەك بولىدۇ، دېمەكچى. بۇنىڭدىن مەقسەت جاننى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا تەرغىب قىلىشتۇر.(5)
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 19 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 22 – ماي
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 120 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3508)؛ «مۇسلىم»، (61).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4326)؛ «مۇسلىم»، (63).
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6768)؛ «مۇسلىم»، (62).
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6768)؛ «مۇسلىم»، (2983).
5. ئەلۇسىي: «رۇھۇل مەئانىي»، 6/118.