ئېمىلداش ھەمشىرىسىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىر مۇسلىمە ئايال ئاچىسىنىڭ قىزىنى ئېمىتكەن بولسا، بۇ ئايال ئاشۇ ئۆزى ئېمىتكەن قىزنىڭ قىزىنى (ئاچىسىنىڭ قىز نەۋرىسىنى) ئۆز ئوغلىغا ئېلىپ بەرسە ھالال بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

نەسەب جەھەتتىن ھارام بولىدىغانلار ئېمىلداشلىق جەھەتتىنمۇ ھارام بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇ ئايالنىڭ ئوغلى بىلەن ئاچىسىنىڭ قىزى ئېمىلداش بىر تۇغقان بولىدۇ. ئوغلى ئاچىسىنىڭ نەۋرىسىنىڭ ئانا تەرەپتىن تاغىسى بولىدۇ. نەتىجىدە، ئاشۇ ئوغۇل بىلەن نەۋرە قىز نىكاھلىنالمايدۇ.

جابىر ئىبنى زەيد ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:

— ھەمزىنىڭ قىزىنى نىكاھلىرىغا ئالمامدىلا؟ — دېيىلگەندە، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇ مېنىڭ ئېمىلداش قېرىندىشىمنىڭ قىزى، — دېگەن.(1)

ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «ئېمىلداش تاغام كېلىپ قېشىمغا كىرىشكە ئىجازەت سورىغان ئىدى، مەن: ئۇنىڭ ھەققىدە مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئىجازەت سورىمىغۇچە ئۇنىڭ كىرىشىگە ئىجازەت قىلمايمەن، دەپ تۇرۇۋالدىم. كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەلگەندە ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سورىسام رەسۇلۇللاھ:

— ئۇ سىزنىڭ تاغىڭىز بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىڭ، — دېۋىدى، مەن:

— يارەسۇلەللاھ! ئەمەلىيەتتە، مېنى ئايال كىشى ئېمىتكەن، بۇ ئادەم ئېمىتمىگەن تۇرسا، —دەپ تۇرۇۋالسام، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇ تاغىڭىزدۇر، قېشىڭىزغا كىرىۋەرسۇن! — دېدى. بۇ بىزگە پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سۆزلىشىش پەرز قىلىنغاندىن كېيىن بولغان ۋەقەدۇر. تۇغقانچىلىق جەھەتتىن نىكاھلىنىش ھارام بولىدىغانلار ئېمىلداشلىق جەھەتتىنمۇ ھارام بولۇپ كېتىدۇ».(2)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 14 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 17 – ماي

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 119 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4251)؛ «مۇسلىم»، (1448).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5239)؛ «مۇسلىم»، (1445).

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 سائەت ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

1 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago