بىر قېتىم ئېمىتىش، قۇرۇق ئەمچەك سېلىش بىلەن ئېمىلداشلىق شەكىللىنىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، 1. بىر قېتىم ئېمىتكەنگىمۇ ئېمىلداشلىق شەكىللىنەمدۇ؟ 2. قۇرۇق ئەمچەك سالسىمۇ ئېمىلداش بولامدۇ؟ ئەگەر نەۋرىسىنى چوڭ ئانىسى قۇرۇق ياكى سۈتلۈك ئەمچەك بىلەن ئېمىتسە، ئۇ نەۋرىنىڭ ئۆز دادىسىغا نىكاھ چۈشمەيدىغانلار ئۇ بالا دادىسى بىلەن ئېمىلداش بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئۇ بالىغىمۇ ھارام بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بوۋاقنى ئېمىتىش ئارقىلىق بوۋاق بىلەن سۈت ئىگىسى ئايال ئوتتۇرىسىدا ئانا – بالىلىق، مەھرەملىك شەكىللىنىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿سىلەرنى ئېمىتكەن ئانىلىرىڭلارمۇ، ئېمىلداشلىقتىن بولغان ھەمشىرىلىرىڭلارمۇ سىلەرگە ھارام قىلىندى﴾(4/«نىساﺋ»: 23).

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئېمىلداشلىقنى نەسەب ئورنىدا قويۇپ، ئېمىتكۈچى ئايالنى «ئەمگۈچى بوۋاقنىڭ ئانىسى» دەپ ئاتىدى. بىر ئەمچەكتىن ئەمگەن قىزلارنى ھەمشىرىسى دەپ ئاتىدى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «تۇغۇش ئارقىلىق نىكاھلىنىش ھارام بولغان كىشىلەرنى ئېمىشمۇ ھارام قىلىۋېتىدۇ» دېگەن.(1)

بارلىق ئالىملار ئېمىتكۈچى ئايال ئەمگۈچى بوۋاقنىڭ ئانىسى بولىدىغانلىقىغا، ئۇنى نىكاھىغا ئېلىشى ھارام بولىدىغانلىقىغا، ئۇنىڭغا قاراش، خالىي بىر يەردە بولۇش ۋە بىللە سەپەر قىلىشى ھالال بولىدىغانلىقىغا بىردەك ئىجماﺋ قىلغان. لېكىن، مىراس، نەپىقە، دىيەت ۋە گۇۋاھلىق قاتارلىق باشقا جەھەتلەردە ئىككىيلەن يات كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. يەنە ئالىملار ئېمىتكۈچى ئايال بىلەن ئەمگۈچى بوۋاقنىڭ پەرزەنتلىرى ئوتتۇرىدا، شۇنداقلا ئەمگۈچى بوۋاق بىلەن ئېمىتكۈچى ئايالنىڭ پەرزەنتلىرى ئوتتۇرىسىدا نىكاھلىنىش ھارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا بىردەك ئىجماﺋ قىلغان.(2)

دېمەك، نەسەب جەھەتتىن ھارام بولىدىغانلار ئېمىلداشلىق جەھەتتىنمۇ ھارام بولىدۇ. بىراق، بۇ تۈردىكى مەھرەملىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەسىر پەقەتلا ئېمىش شەرتلىرى تېپىلغاندىلا ئاندىن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

بۇ شەرتلەر ئىچىدە ئېمىش سانى بولۇپ، بۇنىڭدا ئالىملار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشاش ئەمەس.

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئېمىش ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ئوخشاشلا ئېمىلداشلىق جەھەتتىن ھارام قىلىۋېتىش كېلىپ چىقىدۇ. بەزى ئالىملار: بىر – ئىككى ئېمىش ئېمىلداشلىق كەلتۈرمەيدۇ، ئۈچتىن كۆپ بولسا ئېمىلداشلىق كەلتۈرىدۇ، دەپ قارىغان. يەنە بەزى ئالىملار: بەش قېتىم ئېمىش ئارقىلىق ئاندىن ئېمىلداشلىق جەھەتتىن ھارام قىلىۋېتىش كېلىپ چىقىدۇ، دەپ قارىغان. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى كۈچلۈك. بۇنىڭغا ئاساسەن بىر – ئىككى قېتىم شوراپ قويۇش بىلەن ئېمىلداشلىق شەكىللەنمەيدۇ، ئەمچەكنى تارتىۋالمىسىمۇ بىر قېتىم قېنىپ تويۇپ ئەمچەكنى قويۇپ بەرسە ئېمىلداشلىق شەكىللىنىدۇ.

ئېمىش دېگەن ئەمچەكنى شوراپ سۈتىنى ئىچىش دېمەكتۇر. قۇرۇق ئەمچەك سېلىشتىن ئېمىلداشلىق شەكىللەنمەيدۇ.

بىر بالىنى دادىسىنى ئېمىتكەن چوڭ ئانىسى ئېمىتكەن بولسا، بۇ بالا دادىسى بىلەن شۇنداقلا چوڭ ئانىسى ئېمىتكەن بارلىق پەرزەنتلەر بىلەن ئېمىلداش قېرىنداش بولغان بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئاشۇ ئايال ئېمىتكەن پەرزەنتلەرنىڭ قىزلىرى، يەنى بالىنىڭ دادىسىنىڭ بىر تۇغقانلىرىنىڭ قىزلىرى ئۇ بالىغا خۇددى دادىسىغا ھارام بولغاندەكلا ھارام بولىدۇ. ئەگەر ئېمىلداشلىق بولمىغان بولسا، دادىسىنىڭ بىر تۇغقانلىرىنىڭ قىزلىرىنى ئۇ بالا نىكاھىغا ئالالايتتى.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 4 – رەجەب / م. 2011، 6 – ئىيۇن

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 452 – بەت. 117 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2646)؛ «مۇسلىم»، (1447).
2. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 10 – 19.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

4 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ئاي ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

1 ئاي ago