ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىما قىلىش ۋە ئۇنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاياللار ھامىلىدار بولغاندا جىما قىلىشقا بولامدۇ؟ بولسا قايسى دائىرىدە، قانچە ئايغىچە قىلسا بولىدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسىڭىز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

شەرىئەتتە جىما قىلىش چەكلەنگەن ئەھۋال پەقەتلا ھەيزدارلىق ياكى نىپاسدارلىق ياكى ئىھراملىق ھالىتىدۇر.

ئالىملىرىمىزنىڭ قارىشىچە ھامىلىدار ۋاقتىدا جىما قىلىش ئايال بىلەن تۆرەلمىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. بەلكى تېخى ئىلگىرىكى بەزى ئالىملار ھامىلىدار ۋاقتىدا جىما قىلىش، ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا مەنىي تۆكۈش تۆرەلمىگە پايدىلىق دەپمۇ قارىغان. ئىمام ئەھمەد: «جىما تۆرەلمىنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ» دەپ قارىغان. تىرمىزىي «ھەسەن» دەپ باھالاپ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن باشقىلارنىڭ زىرائېتىنى سۈيى بىلەن سۇغارمىسۇن» دەپ كەلگەن. بۇ ھەدىسمۇ تۆرەلمىنىڭ جىمادىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.(1)

ئەمما، مەلۇم ئەھۋالدىكى ھامىلىدارغا ۋە ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىغا نىسبەتەن جىما زىيانلىق ياكى ئەمەسلىكىنى دوختۇرلار مۇئەييەنلەشتۈرسە، شەرئى ھۆكۈم ئايرىلىدۇ. دوختۇرلارنىڭ قارىشىدا قورساقتىكى تۆرەلمىگە زىيان يېتىدىغان بولسا جىما قىلىش چەكلىنىدۇ. دېمەك، تۆرەلمىگە زىيان يېتىش – يەتمەسلىكنى دوختۇرلار بەلگىلەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا جىما چەكلىنىشى پەۋقۇلئاددە ئەھۋال سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ.

دوختۇرلار ئارىسىدا ئاساسەن بالا چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن بۇرۇن بىرقانچە قېتىم بالىسى چۈشۈپ كەتكەن ئاياللارغا قارىتا ھامىلىدارلىقنىڭ بىرىنچى ياكى دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا جىما قىلىش چەكلىنىدۇ، دەيدىغان قاراش بار ئىكەن.

يەنە ياللۇغلىنىش ياكى بالدۇر تۇغۇۋېتىش كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە جىما قىلىش چەكلىنىدۇ، دەيدىغان قاراش بار ئىكەن.

يەنە بەزى دوختۇرلار مەيلى دەسلىپىدە بولسۇن، ياكى ئوتتۇرىسىدا، ياكى ئاخىرقى باسقۇچىدا بولسۇن ھامىلىدار چاغدا جىما قىلسا زىيىنى يوق دەپ قارايدىكەن. شۇنداقتىمۇ، بەزىبىر ئەھۋاللار كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن دىققەت قىلىشنى، قورساققا بېسىم بولۇپ قالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدىكەن.

بۇ مەسىلىنىڭ جىسمانىي ياكى ماددىي تەرىپى، ئەگەر توققۇز ئايغا يېقىن ئايالىغا يېقىن كەلمىگەن ئەھۋالدا، ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىدىكى مېھىر – مۇھەببەت سوۋۇپ، ياكى ئىككى تەرەپنىڭ ئېھتىياجى قامدالماي ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، چەكلەيدىغان ئېنىق بىر دەلىل بولمىغاندىن كېيىن مەسىلە زىيان، ياكى ئىككى زىياننىڭ يەگگىلرەكىنى تارتىشقا تاقىلىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 10 – رەجەب / م. 2011، 12 – ئىيۇن

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 116 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئىبنۇلقەييىم: «زادۇلمەئاد»، 5/155.

admin@sajiye

Recent Posts

كاشغەردە چىقىپ، ئىستانبۇلدا پاتقان قۇياش — ئابدۇللاھ نىدائىي ئەلكاشغەرىي

(ھ. 1100 – 1174 / م. 1688 – 1760)   18 - ئەسىردە ئۆتكە مەشھۇر…

1 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (21) تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي / تواريخ خمسة شرقي

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي (شەرقنىڭ بەش تارىخى) / تواريخ خمسة شرقي. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (20) تارىخى جەرىدەئى جەدىدە (يېڭى سەھىپە تارىخى) / تاريخ جريدة جديدة

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى جەرىدەئى جەدىدە (يېڭى سەھىپە تارىخى) / تاريخ جريدة جديدة. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (18) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال. ۋاراق سانى: 143 (287 بەت) قوليازمىنىڭ…

1 ئاي ago