ئانىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ھىجاپلانمايدىغان قىز بىلەن توي قىلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، پېقىر بۇ يىل 27 ياشقا كىرەي دەپ قالدى. ئاتا – ئانام ئوقۇتقۇچى، نامازلارنى بەزىدە ئوقۇپ، بەزىدە ئوقۇمايدۇ. ھەقنى سۆزلىسەم قوبۇل قىلىشى بەك تەس. ئۆيدىكىلەر بىر قىز تونۇشتۇردى، بىراق ئۇ قىز: «مەن مۇشۇنداق كالتە يەڭ نەرسىلەرنى كىيىپ كۆنۈپ قاپتىمەن، مېنى ئۇزۇن كىينىپ يۈر دېسىڭىز بولمايدۇ، مەن تالاغا قانداق چىقىمەن؟ شۇڭا، بۇ جەھەتتە مېنى توسۇمايسىز» دەيدۇ. شۇڭا، مەن ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇيدىغان قىزلارنى تېپىشنى قارار قىلدىم. «ئاتا – ئانا رازى خۇدا رازى» دەپتىكەن، ئەگەر مەن ئۆز قارىشىمدا چىڭ تۇرسام خاتالىق بولارمۇ ياكى ئاتا – ئانامنىڭ رايىغا بارايمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئاتا – ئانىڭىزغا ئاللاھتىن ھىدايەت ۋە تەۋپىق تىلەيمەن. سىزگىمۇ ئاللاھ دىيانەتلىك سالىھە قىزنى پات يېقىندا نېسىپ قىلغاي!

ھەقنى تونۇپسىز، ئۇنى چىڭ تۇتۇڭ. بىز «قۇرئان» بىلەن «ھەدىس»لەردە ئاتا – ئانىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇلغان، لېكىن ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش مەسىلىسى مۇتلەق ئەمەس. يەنى ئۇلارغا ئادەتتە ئاللاھ ۋە رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆرسەتمىسىگە زىت بولمىغان ئىشلاردا، ئاتا – ئانىغا پايدىسى بار، بالىغا زىيان بولمايدىغان ئىشلاردا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق بويسۇنۇش بار. ناۋادا بالىغا پايدىلىق، ئاتا – ئانىسىغا زىيان يوق ئىشلاردىمۇ ئاتا – ئانىغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىب بولۇپ قالسا ئىدى، نۇرغۇن چاتاق ئىشلار ئوتتۇرىغا چىقاتتى. شۇڭا، بۇنداق قىز تاللاش مەسىلىسىدە ئاتا – ئانىغا ئىتائەت قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

ئاللاھ ۋە رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە قانداق كۆرسەتمە بەرگەن؟

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئايال كىشى تۆت خىسلەت ئۈچۈن نىكاھلىنىدۇ: مال – مۈلكى، نەسەبى، ھۆسن – جامالى ۋە دىيانىتى. شۇڭا، سەن دىيانەتلىك ئايالغا ئېرىشكىنكى، سائادەتلىك بولغايسەن» دېگەن.(1)

دېمەك، بۇ ھەدىستىكى جورا تاللاش ئىشى ھەققىدىكى خىتاب خوتۇن ئالماقچى بولغان ئەرگە قارىتىلغان، ئاتا – ئانىسىغا ئەمەس. ئاتا – ئانىنىڭ ئوغلىنى مەلۇم قىزغا توي قىلىشقا زورلاش ھوقۇقى يوق، مەسلىھەتچىلىك رولى بار خالاس.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «ئاتا – ئانا ئىككىيلەننىڭ بىرى پەرزەنتىنى ئۆزى خاھلىمايدىغان بىرى بىلەن توي قىلىشقا زورلاش ھوقۇقى يوق بولۇپ، پەرزەنت ئۇنىماي تۇرۇۋالسا ئاتا – ئانىنى قاقشاتقان بولمايدۇ، خاھلىغان تاماقنى يېيەلەيدىغان تۇرۇقلۇق ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا ياقتۇرمايدىغان تاماقنى زورلاپ يېگۈزۈش ھوقۇقى بولمىغىنىدەك، نىكاھ ئىشىدىمۇ زورلاش ھوقۇقى يوق، بەلكى نىكاھ ئىشىدا تېخىمۇ بەك ھوقۇقى يوق، چۈنكى ياقتۇرمايدىغان تاماقنى يېيىشنىڭ ئاچچىقى بىر سائەتلىك، ياقتۇرمايدىغان خوتۇن بىلەن ياشاش بىر ئۆمۈر، ئوخشاشلا كىشىگە ئازار بېرىدۇ. ئايرىلالمايدۇ».(2)

ئەگەر ئەھۋال ئەكسىچە بولۇپ، بالا دىيانەتسىز قىزنى تاللىغان بولسا، ئاتا – ئانا ئۇنىماي تۇرۇۋالسا، ئاتا – ئانىغا بويسۇنۇش لازىم.

ئۇنىڭدىن باشقا چىراي، بايلىق، ساپا ياكى ئۇرۇق – تۇغقانلىق ياكى مەلۇم تەبىقە ياكى يۇرتتىن بولۇش مەسىلىسىدە پەرزەنت ئاتا – ئانىغا بويسۇنمىسا گۇناھكار بولمايدۇ. لېكىن، ئۇلارنى رەنجىتمەي دەپ ئۇلارغا بويسۇنسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى.

ھەرھالدا ئاتا – ئانىغا چىرايلىق، ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ئۇلارغا قارىتا سىلە – رەھىمنى ئۈزۈپ قويماسلىققا تېرىشىش لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 26 – رەجەب / م. 2011، 28 – ئىيۇن

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم،  112 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «بۇخارىي»، (5090).
2. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 32/30.

admin@sajiye

Share
Published by
admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (12) مىفتاھۇل جىنان ۋە مىسباھۇل ئىمان / مفتاح الجنان ومصباح الإيمان

قوليازمىنىڭ ئىسمى: مىفتاھۇل جىنان ۋە مىسباھۇل ئىمان / مفتاح الجنان ومصباح الإيمان. تۈر: تەفسىر، ھەدىس،…

2 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (11) ئەلۋەلۇدۇششەفىق، ۋەلھافىدۇلخەلىق / الولد الشفيق والحافد الخليق

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ئەلۋەلۇدۇششەفىق، ۋەلھافىدۇلخەلىق / الولد الشفيق والحافد الخليق / Niğdeli Kadı Ahmed Hotenî'in El-Veledü'ş-Şefik…

1 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (10) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – زۇبدەتۇل مەسائىل ۋەلئەقائىد/ زبدة المسائل والعقائد

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زۇبدەتۇل مەسائىل ۋەلئەقائىد/ زبدة المسائل والعقائد تۈر: فىقھ، فەتۋا، ئەقىدە، ۋاراق سانى: 55…

2 ھەپتە ago

بۇرمىلاش ۋە ئىلمىي قالاقلىق ئارىسىدا قىسىلىپ قالغان خرىستىيان دىنى

ھىجرىيە 1440/مىلادىيە 2018-يىلى  ئۆتكۈزۈلگەن «ساجىيە 5- ۋە 6- قېتىملىق مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى»دا ئۈچىنچى دەرىجىگە…

2 ھەپتە ago

جەننەت ئاياللىرى

جەننەتتە ئەرلەر ۋە ئاياللار ئۈچۈن مۇكەممەل باياشاتلىق بولىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھ مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن…

3 ھەپتە ago

جەننەت ئەھلىنىڭ ئىچىملىكى

جەننەت ئەھلىنىڭ نېئمىتىنىڭ تولۇق بولغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىن ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى ۋە قورساقلىرىنىڭ بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن، ئىچىملىكلىرىنىڭ لەززەتلىك…

3 ھەپتە ago