سەپەردە ئېمىلداشنىڭ مەھرەم بولۇشى
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئېمىلداش سەپەردە مەھرەم بولسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
نەسەب جەھەتتىن مەھرەم بولغانلار ئېمىلداشلىق جەھەتتىنمۇ مەھرەم بولىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «تۇغۇت جەھەتتىن ھارام بولىدىغانلار ئېمىلداشلىق جەھەتتىنمۇ ھارام بولۇپ كېتىدۇ» دەيدۇ.(1)
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «مەھرەم دېگەن: ئايالنىڭ ئېرى ياكى ئۇ ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشى نەسەب ياكى مۇباھ سەۋەب جەھەتتىن مەڭگۈلۈك ھارام بولغان كىشى بولۇپ، مەسىلەن نەسەب ۋە ئېمىلداشلىق جەھەتتىن ئاتىسى، ئوغلى ۋە ئاكىسىغا ئوخشاش كىشىدۇر».(2)
مۇباھ سەۋەب جەھەتتىن مەڭگۈلۈك ھارام بولغان كىشى دېگىنى: ئېرى، قېيىنئاتىسى، ئۆگەي ئوغلى، ئېمىلداش ئوغلى، ئېمىلداش قېرىندىشى ۋە شۇلارغا ئوخشىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
«مەڭگۈلۈك ھارام بولغان كىشى» دېگەن ئىبارىدىن ھەمشىرىسىنىڭ ئېرى چىقىپ كېتىدۇ. چۈنكى، بۇ كىشى ئۇ ئايالغا مەڭگۈلۈك ھارام بولمىغاچقا، ئايالغا ھەمشىرىسىنىڭ ئېرى مەھرەم بولالمايدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 24 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 27 – ماي
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 111 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «بۇخارىي»، (5239).
2. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/98.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى كۈندە يەتتە تال ئەجۋە خورمىسىدا…
ھىشام ئىبنى ئەممار دېدىكى: بىزگە سەدەقە ئىبنى خالىد سۆزلەپ بەردىكى: بىزگە ئابدۇرراھمان ئىبنى يەزىد ئىبنى…
«ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»نىڭ مېغىزى مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىي ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى نەشر…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…