تالاقتىن كېيىنكى ئۈچىنچى ھەيز كېچىكىپ كەتسە ئىددەتنى تاماملاش
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، بىزنىڭ بىر قېرىندىشىمىز ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق ھەيزدىن كېيىن ئۈچىنچى قېتىملىق ھەيز كەلمەي 55 كۈن ئۆتۈپتۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئىددەتكە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟ ئۇنىڭ ئىددىتى توشقان ھېسابلىنامدۇ ياكى ئۈچىنچى قېتىملىق ھەيز كەلگۈچە داۋاملىق ساقلامدۇ؟ بىزگە مۇشۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىمىزغا ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ھەيز كۆرىدىغان ئايال تالاق قىلىنغان ئەھۋالدا ئىددىتى تولۇق ئۈچ ھەيز بولىدۇ. كۈن ياكى ئاي بىلەن ھېسابلانمايدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز كۈتۈپ تۇرىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 228) دېگەن. بۇ ھەيز كۆرىدىغان ئاياللار ھەققىدىكى ئايەت.
بۇنىڭغا ئاساسەن تالاقتىن كېيىن ئىككى ھەيز كۆرگەن بولسا، تاكى 3 – ھەيزنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن پاك بولغۇچە ئىددەتتىن چىقمايدۇ.
ھەيزنىڭ بىنورمال بولۇشى ئىددەتنى تولۇق تاماملاشتىن توسۇپ قالمايدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ ئايال 3 – ھەيزنى كۈتۈپ تۇرۇشى لازىم.
ئەگەر 3 – ھەيز بەكلا كېچىكىپ كەتسە ئاخىرقى كەلگەن ھەيز توختىغان كۈندىن تارتىپ بىر يىل ئۆتسە ئاندىن ھەيز ئىددىتى توشقان بولىدۇ.
بىر كىشى ئايالىنى تالاق قىلىپ بىر ياكى ئىككى قېتىم ھەيز كۆرگەندىن كېيىن ھەيز كەلمەي قالغان ئايال توغرىسىدا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «توققۇز ئاي ساقلاپ ئولتۇرىدۇ، ئەگەر بۇ مۇددەت ئىچىدە ھامىلىدارلىقى ئايان بولمىسا، ئۈچ ئاي ئىددەت تۇتىدۇ، بۇلارنىڭ توپلىمى بىر يىل بولغان بولىدۇ» دېگەن.(1)
«بۇ ۋەقەلىك مۇھاجىر ۋە ئەنسارلار بار سورۇندا بولغان، ئۇنىڭغا ھېچكىم ئېتىراز بىلدۈرمىگەن».(2)
يەنە باشقا ئالىملار: ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تاكى ھەيز كۆرگىچە كۈتۈپ تۇرىدۇ، دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئىددىتى ئۇزىراپ كەتسە ئەرگىمۇ ئايالغىمۇ نۇرغۇن زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، شۇنداقلا ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ پىچىپ قويغىنى بىر خىل ئىجماﺋ بولغاچقا، كېيىنكى ئالىملارنىڭ قارىشىغا قارىغاندا ئالدىنقى ئالىملارنىڭ قارىشى ئەڭ مۇۋاپىق.
يۇقىرىقىلارغا بىنائەن، بۇ ئايال 3 – ھەيزنى كۆرمىگەن ئەھۋالدا تېخى ئىددەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ، ئەگەر تالاق رەجئى تالاق بولغان بولسا بۇ مۇددەتتە ئېرى خاھلىسا ئەمرىگە قايتۇرۇۋالالايدۇ. بۇ ئىددەت ئىچىدە باشقا ھېچكىم ئۇ ئايال بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن يا ئوچۇق يا ياپتا سۆز ئاچسا بولمايدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 19 – شەئبان / م. 2011، 20 – ئىيۇل
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم. 105 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «مالىك»، (1212)؛ «ئابدۇرراززاق»، (11095)؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (18997)؛ «دارىمىي»، (911).
2. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 8/89.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…