نىكاھتا يىگىتنىڭ «ئالدىم» دېگەن سۆزىنى قىزچاق ئاڭلىمىسا ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئۇستاز! نىكاھتا يىگىتنىڭ «ئالدىم» دېگەن سۆزىنى قىزچاق ئاڭلىماي سورۇنغا ھازىر بولغانلار ئاڭلىسا ۋە گۇۋاھچىلار قىزچاقنىڭ قوبۇل قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ چىقىپ «قوبۇل قىلدى» دەپ خەبەر قىلسا. بۇ نىكاھ شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغان بولامدۇ!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئوغۇل بىلەن قىز تەرەپنىڭ نىكاھقا رازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئىجاب بىلەن قوبۇل(1) نىكاھنىڭ ئاساسلىق ئىككى رۇكنى ھېسابلىنىدۇ. ئىككىسى ياكى بىرى تېپىلمىسا نىكاھ نىكاھ بولمايدۇ. بۇ ئىككىنىڭ بىرى قايسى تەرەپتىن بۇرۇن چىقسا بولۇۋېرىدۇ.

نىكاھنىڭ بىر تەرىپى، ئوغۇل ياكى ئوغۇلنىڭ ۋەكىلىدۇر. يەنە بىرى، قىز ياكى قىزنىڭ ۋەلىيسى ياكى ۋەكىلىدۇر.

بىر تەرەپنىڭ رازىلىقىنى يەنە بىر تەرەپ ئاڭلىسا، گۇۋاھچىلار شۇ سورۇندا ھازىر بولسا، نىكاھ تامام بولغان بولىدۇ، ئەگەر بىر تەرەپ ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ بۇنى يەنە بىر تەرەپ ئاڭلىمىغان بولسا، لېكىن گۇۋاھچىلار ئاڭلىغان بولسا، گۇۋاھچىلار بىز ئاڭلىدۇق، دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن ئەھۋالدا نىكاھ توغرا بولۇۋېرىدۇ.

شۇنداقتىمۇ بەزىدە قىزنىڭ رازىلىقى يوق ئەھۋاللاردا ئۆيدىكىلىرى زورلاپ نىكاھلاپ قويىدىغان ئەھۋال بولۇپ قالماسلىقى، ياكى باشقا بىرەر ئويۇن ياكى شۈبھە ئارىلىشىپ قالماي، پۇختا بولۇشى ئۈچۈن ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنىڭ ئىپادىسىنى ئاڭلىشى، گۇۋاھچىلارمۇ ئاڭلىشى، قىزنىڭ ۋەلىيسىمۇ سورۇندا بار بولۇشى ئەڭ ئەۋزەل.

بەزىدە ھەر ئىككى تەرەپ شۇ سورۇندا بولغان تەقدىردىمۇ دىققىتى چېچىلىپ كېتىپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ قېلىپ ياكى ئاۋاز بوش بولغاچقا، قارشى تەرەپنىڭ ئىپادىسىنى ئاڭلىماي قالىدىغان ئەھۋال بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، نىكاھقا گۇۋاھ بولغان مۇسۇلمانلار جامائىتى قارشى تەرەپنىڭ ئىپادىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن نىكاھ توغرا بولۇۋېرىدۇ. ئەگەر ئۇلارمۇ ئاڭلىمىغان بولسا نىكاھ نىكاھ بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 2 – زۇلھەججە / م. 2011، 29 – ئۆكتەبىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 100 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئىجاب – نىكاھتا ۋە ياكى باشقا توختاملاردا توختاملاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ بىرىدىن ئەڭ دەسلەپ قىلىپ توختاملىشىشقا رازىلىقىنى ئىپادىلەپ چىققان سۆز ياكى ئىش. قوبۇل – ئىككىنچى قېتىم توختاملىشىشقا رازىلىقىنى ئىپادىلەپ باشقا تەرەپتىن چىققان سۆز ياكى ئىش. بۇ ھەنەفىي مەزھەب قارىشى بولۇپ، باشقا مەزھەبلەردە: نىكاھتا ئايال كىشىدىن ياكى ۋەلىيسىدىن چىققان سۆز مەيلى ئەڭ دەسلەپ چىقسۇن ياكى ئىككىنچى بولۇپ چىقسۇن ئىجاب بولىدۇ، ئەڭ دەسلەپ چىقسۇن ياكى ئىككىنچى بولۇپ چىقسۇن ئەرنىڭ سۆزى قوبۇل بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago