Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

نەزرگە ئىشلەتمەكچى بولغان پۇلنى سەدىقە قىلىش

نەزرگە ئىشلەتمەكچى بولغان پۇلنى سەدىقە قىلىش

نەزرگە ئىشلەتمەكچى بولغان پۇلنى سەدىقە قىلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىر ھەدىمىز مەندىن ئۆلۈپ كەتكەن ئاتىسىغا ئاتاپ نەزر(1) قىلماقچى بولغان پۇلنى سەدىقە قىلسا دادىسىغا مەنپەئەتى بولىدىغان – بولمايدىغانلىقىنى سورىغان ئىدى. مۇشۇ ھەقتە بىر كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز. قىلسا بولىدىغان ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل باشقا بىرەر ئىش بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بىر ئىنسان ۋاپات بولغان چاغدا قەرزلىرى بولسا ئادا قىلىپ، ۋەسىيەتلىرى بولسا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى مىقدارىدا ئورۇنداپ، قالغان مىراسنى مىراسخورلار شەرئى تەقسىم قىلىشىدۇ، مىراسنى تەقسىم قىلىشتىن بۇرۇن مىراستىن سەدىقە قىلىشقا بولمايدۇ. پەقەتلا ھەممە مىراسخورلار رازى بولغاندىلا ئاندىن سەدىقە قىلىشقا بولىدۇ.

ئەمدى مىراس تەقسىم قىلىنىپ بولدى دەيلى، ھەربىر مىراسخور مېيىت ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ سەدىقە قىلسا، بۇ سەدىقەنىڭ ساۋابى مېيىتكە يېتىدۇ.

سەدىقە ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ:

1-   داۋاملىشىدىغان سەدىقە. 2 – داۋاملاشمايدىغان سەدىقە.

2-   داۋاملىشىدىغان سەدىقە دېگىنىمىز: ئۇزۇن مۇددەت پايدىسى يېتىپ تۇرىدىغان سەدىقە بولۇپ، مەسىلەن، مەسجىد ياساش، قۇدۇق قېزىش، كىتاب نەشر قىلىش، دېگەندەك ئايىغى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان سەدىقەدۇر.

3-   داۋاملاشمايدىغان سەدىقە دېگىنىمىز: بىر قېتىملا ياكى قىسقا مۇددەت پايدىسى يېتىدىغان سەدىقە بولۇپ، مەسىلەن، كەمبەغەلگە بېرىش، تاماق يېگۈزۈش دېگەندەك.

بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتىسى ئۈچۈن قىلىدىغان ئەڭ ئەۋزەل سەدىقە:

«قۇرئان»، دىنىي كىتابلارنى سېتىۋېلىپ دوست – بۇرادەر ۋە باشقا تونۇشلىرىغا تارقىتىپ بېرىش.

پايدىلىق ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا سەرپ قىلىش.

موھتاجلارغا قۇدۇق قېزىش ياكى بۇروۋاي قۇرۇپ ياكى تۇرۇبا ئۇلاپ پاكىز سۇ ئەكىلىپ تەمىنلەش.

ئوقۇش پۇلى تاپالمىغان يېتىم – يېسىر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش.

مەسجىد سېلىش ۋە رېمونت قىلىش. ۋە يۇقىرىقىلارغا ئوخشىغان ئىشلار.

يەنە مېيىت ئۈچۈن دۇئا قىلىش، ئىستىغپار ئېيتىش مېيىت ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ئەمەللەردىندۇر.

ئەگەر مېيىتنىڭ بوينىدا پەرز ھەج ياكى ئادا قىلالمىغان كەففارەت بولسا ئورنىدا ئادا قىلىش لازىم. تۇتالماي قالغان روزىسى بولسا ئورنىدا تۇتۇپ قويسا بولىدۇ.

ھەربىرىمىز ھايات ۋاقتىمىزدا بوينىمىزدىكى پەرز، ۋاجىباتلارنى تولۇق ئورۇنداشقا تىرىشايلى، ئۆلگەندىن كېيىن پايدىسى يېتىپ تۇرىدىغان سالىھ ئەمەللەرنى قىلىۋالايلى. بەلكى پەرزەنتلىرىمىز بىز ئۈچۈن سەدىقە جارىيە قىلالماسلىقى مۇمكىن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 14 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 18 – ئاپرېل

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 84 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. نەزر (النَّذْرُ): ئەرەبچىدە: «ئۈستىگە ئېلىۋېلىش ۋە ۋاجىب قىلىۋېلىش» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «كىشىنىڭ شەرىئەت ئۇنىڭغا ۋاجىب قىلمىغان بىر ئىشنى ئۆز ئىختىيارى ۋە ئېغىزى بىلەن ئۆزىگە ۋاجىب قىلىۋېلىشى»دىن ئىبارەت. مەسىلەن: «مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن 3 كۈن روزا تۇتىمەن»، «مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن مېڭىپ بېرىپ ھەج قىلىمەن» دېگەندەك. نەزر قىلىش بىر قىسىم ئۆلىمالارنىڭ نەزەرىدە «مۇستەھەب»، يەنە بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە «مەكرۇھ»تۇر. ئەمما، نەزر قىلغان ئەمەلنى ئادا قىلىش مۇمكىن بولسا، ئۇنى ئادا قىلىشى ھەقتائالانىڭ: ﴿ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن﴾(22/«ھەج»: 29) دېگەن ئەمرى بويىچە ھەممە ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا «ۋاجىب». ئادا قىلىشى مۇمكىن بولمىسا ياكى گۇناھ – مەئسىيەت قىلىشنى نەزر قىلغان بولسا، ئۇنى ئادا قىلماي ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك قەسەم كەففارىتى بېرىشى كېرەك. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 40/136 – 152؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1388 – 1389 – بەتلەر، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.

Please follow and like us:
Exit mobile version