ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا قولىڭىزدىكى ئىقتىساد 85 گرام ئالتۇن باھاسىغا يەتسە سىز زاكات بېرىدىغان بايلار قاتارىغا كىرىسىز.
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، زاكات توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىدە ئالتۇن – كۈمۈش ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئۆلچىمى بار ئىكەن، ماڭا رەنجىمەي ھازىرقى خەلق پۇلىنىڭ ئۆلچىمىنى دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن. ئېھتىياجىمىزدىن ئاشقان پۇل قانچىلىك بولسا زاكات ئايرىيمىز؟ نىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
ئالتۇن باھاسى كۈندە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. خەلق پۇلى ئالتۇن باھا ئۆلچىمىگە بويسۇنىدۇ. شۇڭا، زاكاتنى مۇنداق ھېسابلىسىڭىز بولىدۇ: ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا قولىڭىزدىكى ئىقتىساد 85 گرام ئالتۇن باھاسىغا يەتسە سىز زاكات بېرىدىغان بايلار قاتارىغا كىرىسىز.
بۇنى بىلىش ئۈچۈن رامىزاندا ئالتۇن باھاسىنى سورايسىز، %99.99 لىك ساپ ئالتۇن باھاسىنى ئەمەس، بەلكى %87.5 لىكنىڭ باھاسىنى سورايسىز.(1)
مەسىلەن، بۈگۈن 2011 – 5 – 2 كۈنىدىكى باھا بويىچە ئېيتقاندا 21 لىك (87.5% لىك) ئالتۇن گرامىنىڭ باھاسى 42.63 دوللار. بۇنى 85 كە كۆپەيتسەك جەمئىي 3623 دوللار بولىدۇ. بۇنى سىز تۇرۇۋاتقان جاينىڭ خەلق پۇلىغا چاقسىڭىز زاكات كېلىدىغان بايلىقنىڭ پۇل ئۆلچىمى چىقىدۇ.
مەسىلەن، بىر دوللارنى 6.5 يۇەن دەپ قارىساق 3623 دوللارنى خەلق پۇلىغا ھېسابلىساق جەمئىي: 23550 يۇەن بولۇپ چىقىدۇ. كېلەر رامىزاندا ياكى باشقا يىللاردا ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ قالسا مەبلەغ بۇنىڭدىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن.
بەزى ئالىملار كۈمۈش بويىچە ھېسابلاشنى مۇۋاپىق كۆرۈشى مۇمكىن. كۈمۈش بويىچە ھېسابلىغاندا زاكات كېلىدىغان ئۆلچەم بەكلا ئاز چىقىپ قالىدۇ. باشقا زاكات كېلىدىغان مال – مۈلۈك ئۆلچەملىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئالتۇن باھاسىغا قاراپ ھېسابلاش مۇۋاپىقراق چىقىدۇ. شۇڭا، كۆپىنچە ئالىملار ھازىر ئالتۇن بويىچە ھېسابلايدۇ.(2)
ئەمدى نېمە ئۈچۈن 24 لىك (%99.99 لىك) ساپ ئالتۇن باھاسىنى ھېسابلىماي 21 لىك (%87.5 لىك) ئالتۇننى ھېسابلايمىز؟ چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدىكى تىللا پۇل (دىنار) ھازىرمۇ ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ تىللانى تەكشۈرگەندە پىرسەنتى %99.99 لىك ساپ ئالتۇن ئەمەس، بەلكى 21 لىك (%87.5 لىك) چىققان. شۇڭا، زاكاتتىمۇ شۇ پىرسەنتنى ھېساب قىلىمىز.
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن بۇ يىل رامىزاندا قولىڭىزدا 23550 سوم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ پۇلىڭىز بولسا، بۇ ئىقتىسادقا %2.5 مىقداردا، يەنى، قىرىقتىن بىرىنى بېرىسىز. باشقىلاردىن ئالالايدىغان قەرزنى قولىڭىزدىكى پۇل ھېسابلايسىز، ئالالمايدىغاننى ھېسابلىمايسىز، باشقىلارغا بېرىشىڭىز كېرەك بولغان قەرزنى قولىڭىزدىكى ئىقتىساد ھېسابلىمايسىز.
زاكات ھىجرىيە ئاي بويىچە پەرز قىلىنغان بولغاچقا، ئەگەر زاكاتنى رامىزاندا ياكى ھىجرىيە ئايلارنىڭ بىرىدە بەرسىڭىز ئاشۇ بويىچە %2.5 مىقداردا بېرىسىز. ئەمما، ھىجرىيە ئايدا بېرىش قولاي بولماي قالسا مىلادىيە ئاي بويىچە بەرسىڭىز، مەسىلەن ھەر يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى دېگەندەك. بۇ چاغدا %2.575 بويىچە بېرىسىز. ئەگەر زاكاتنى مىلادىيە ئاي بويىچە %2.5 مىقدار بەرسىڭىز ھەر يىلى 11 كۈننىڭ زاكىتىنى، 33 يىلدا بىر يىلنىڭ زاكىتىنى يەپ كەتكەن بولىسىز.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2011. 5. 2
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 83 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. 24 لىك ئالتۇن %99.99 لىك ساپ ئالتۇن. 22 لىك ئالتۇن %91.6 لىك ئالتۇن. 21 لىك ئالتۇن %87.5 لىك ئالتۇن. 18 لىك ئالتۇن %75 لىك ئالتۇنغا توغرا كېلىدۇ.
2. «فقه الزكاة»، 1/286.
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…