ئىجارىگە ياكى ھۆددىگە بەرگۈچى قولىغا كىرگەن ئىجارە ياكى ھۆددە كىرىمىنىڭ پۇلىنى قولىدىكى ئىقتىسادقا قوشۇپ، زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە قىرىقتىن بىرىنى بېرىدۇ.
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن يىللىقىنى 6000 سومدىن چىلانلىق يەر ھۆددىگە ئالغان ئىدىم، ئۆشرىسىنى ئايرىغاندا مەھسۇلاتنىڭ پۈتۈن ئۆشرىسىنى مەن ئايرىمدىم ياكى 6000 سومنىڭكىنى يەر ئىگىسى ئايرىمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
يەرنى ھۆددىگە ياكى ئىجارىگە ئالغان كىشى يەردىن ياكى باغدىن ئالغان ھوسۇلنىڭ ئۆشرىسىنى ئۆزى ئايرىيدۇ. چۈنكى، ھوسۇلنى ئۆزى ئالغان.
لېكىن، سۇغۇرۇشتا سۇ چىقىمى بولسا، ئوندىن بىرىنى ئەمەس، يىگىرمىدىن بىرىنى ئايرىيدۇ.
سالىم ئاتىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاسماندىن، بۇلاقلاردىن سۇغۇرۇلغان ياكى سۇغارمىسىمۇ ئۆزى يىلتىزى بىلەن سۇ ئىچىدىغان زىرائەتلەرگە ئوندىن بىرى (%10) ئۆشرە كېلىدۇ، سۇ ئەكىلىپ سۇغىرىلىدىغان زىرائەتلەرگە يىگىرمىدىن بىرى (%5) كېلىدۇ».(1)
ئىجارىگە ياكى ھۆددىگە بەرگۈچى قولىغا كىرگەن ئىجارە ياكى ھۆددە كىرىمىنىڭ پۇلىنى قولىدىكى ئىقتىسادقا قوشۇپ، زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە قىرىقتىن بىرىنى بېرىدۇ.
زاكات كېلىدىغان ئۆلچەم 85 گرام ئالتۇن قىممىتىدۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2011. 8. 10
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 80 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «بۇخارىي»، 1483 – ھەدىس.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…