كېلەر يىلى بېرىدىغان زاكاتنى بۇ يىل بېرىۋېتىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، كېلەر يىلى بېرىدىغان زاكاتنى بۇ يىل بەرسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

مەلۇمكى، ئۇلاغلارنىڭ، پۇللارنىڭ ۋە سودا تاۋارلىرىنىڭ زاكىتى بىر يىل ئۆتۈش بىلەن ۋاجىپ بولىدۇ.

ۋاجىپ بولۇشتىن ئىلگىرى زاكاتنى بېرىۋېتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، زاكاتنى ئالدىن بېرىۋېتىشنى تەقەززا قىلىدىغان جىددىي بىر ئەھۋال بولۇپ قالغاندا، مەسىلەن، بىرەر يېقىن تۇغقىنى ياكى دوستى ياكى دىنىي قېرىندىشى ئېغىر ئاغرىپ قېلىپ زاكاتتىن ياردەم قىلىش جىددىي بولۇپ قالسا، ياكى قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان بىرەر يېقىن تۇغقىنىنى ياكى دوستىنى ياكى دىنىي قېرىندىشىنى ئېغىر ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇش زۆرۈر بولۇپ قالغاندا، ياكى يەر تەۋرەش، ئوت كېتىش ۋە باشقا ئاپەتلەر سەۋەبىدىن جىددىي قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلار بولسا، باشقا ياردەم قىلىش يوللىرى يېتىشمەي قالسا، كېلەر بىر يىلنىڭ زاكىتىنى ھازىرقى ۋاجىپ بولغان زاكات ھېسابى بويىچە ئالدىن بېرىپ تۇرسا بولىدۇ. ئەمما، كېلەر يىلى زاكات ۋاجىپ بولىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، قولىدىكى ئىقتىساد ئۆتكەن يىلى زاكاتنى ئالدىن بېرىۋەتكەن چاغدىكىدىن ئارتۇق بولسا، زاكات بېرىلمىگەن ئىقتىسادقا قايتا زاكات بېرىشى لازىم.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىددىي زۆرۈر بولغاندا ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئىككى يىلنىڭ زاكىتىنى ئالدىن ئالغان.(1)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبكە كەلسەك، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاغىسىدۇر. ئۇ زاكات ئۇنىڭ بوينىدا، ئۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدەك يەنە بىر ھەسسىمۇ بىللە» دېدى.(2)

ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «زاكات بېرىش ۋاجىپ بولغان كىشى كېلەر يىللارنىڭ زاكىتىنى ئالدىن بېرىۋېتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، شافىئىي ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، جائىزدۇر. شۇڭا، ئۇلاغلارنىڭ، پۇللارنىڭ ۋە سودا تاۋارلىرىنىڭ زاكىتىنى، ئىقتىسادى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ئەھۋالدا ئالدىن بېرىۋەتسە بولىدۇ».(3)

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2010. 9. 15

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 79 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «مسند أحمد»، 822 – ھەدىس. «ئەبۇ داۋۇد»، 1624 – ھەدىس. «تىرمىزىي»، 678 – ھەدىس. «مۇرسەل»، دەپ باھالانغان. «تلخيص الحبير»،  2/162.
2. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 1468 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 983 – ھەدىس.
3. «مجموع الفتاوى»، 25/86.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (15) جامالۇددىن سائىد ئەسسۇغدىي ئەلكاشغەرىي ئەتتۈركىستانىي – ئەررىسالە ئەلئەلائييە في ئەلمەسائىل ئەلھىسابىييە/ الرسالة العلائية في المسائل الحسابية

قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە في ئەلمەسائىل ئەلھىسابىييە/ الرسالة العلائية في المسائل الحسابية تۈر: ماتېماتىكا.…

1 ھەپتە ago

صدر حديثا عن مركز ساجية للبحوث والدراسات الإسلامية كتاب تهذيب الإعلام ببعض رجالات تركستان

كلمة الناشر ما في هذا الكتاب قطرة من بحر تاريخ علمائنا الأمجاد وآبائنا الأبطال التركستانيين…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (14) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – ئادابۇ ئەسسالىھىن (سالىھلەرنىڭ ئادابى)/ آداب الصالحين

قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئادابۇ ئەسسالىھىن (سالىھلەرنىڭ ئادابى)/ آداب الصالحين تۈر: ئاداب. تەربىيە. ۋەز - نەسىھەت.…

4 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (12) مىفتاھۇل جىنان ۋە مىسباھۇل ئىمان / مفتاح الجنان ومصباح الإيمان

قوليازمىنىڭ ئىسمى: مىفتاھۇل جىنان ۋە مىسباھۇل ئىمان / مفتاح الجنان ومصباح الإيمان. تۈر: تەفسىر، ھەدىس،…

1 ئاي ago