بالامنىڭ تۆلەم پۇلىغا زاكات كېلەمدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىدە مەن ئېغىر يارىلاندىم، ئوغلۇم ئۆلۈپ كەتتى، مەن ھازىرغىچە داۋالىنىۋاتىمەن، بەلكىم مېيىپ بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن، يېقىندا ئوغلۇمغا بېرىلگەن تۆلەم پۇل تۈرلۈك دەۋا ئارقىلىق ئاران ئەمەلىيلەشتى. سىلەردىن سورايدىغىنىم: بالامنىڭ تۆلەم پۇلىغا زاكات كېلەمدۇ؟ كەلسە قانداق ھېسابلايمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئالدى بىلەن ئوغلىڭىزغا كەلگەن دىيەت(1) مېيىتنىڭ مال – مۈلكى قاتارىدا مىراسخورلار ئوتتۇرىسىدا شەرئى تەقسىم قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: [بىر مۆمىننىڭ بىر مۆمىننى سەۋەنلىكتىن باشقا ئەھۋالدا ئۆلتۈرۈشى توغرا ئەمەس، كىمكى بىرەر مۆمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىش بىلەن بىللە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى كېرەك].(2)

زاھھاك ئىبنى سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا ئەشيەم ئەززىبابىينىڭ ئايالىغا ئېرىنىڭ دىيىتىدىن مىراس بېرىشىمنى تاپىلاپ مەكتۇپ يازغان».(3)

يەنە ئەمر ئىبنى شۇئەيب ئاتىسىدىن، ئاتىسى بوۋىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دىيەت ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ مىراسخورلىرى ئارىسىدا يېقىنلىقىغا قاراپ تەقسىم قىلىنىدىغان مىراستۇر» دەپ ھۆكۈم قىلغان.(4)

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ئالىملار: «ئۆلتۈرۈلگۈچىگە كەلگەن دىيەت باشقا مال – مۈلكىگە ئوخشاش مىراس قىلىنىدىغان مالدۇر» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.(5)

ئىمام ماۋەردى مۇنداق دېگەن: «دىيەت نەسەب ۋە سەۋەب جەھەتتىن مىراسخور بولغان ئەر ياكى ئايال بارلىق مىراسخورلار ئوتتۇرىسىدا مال – مۈلۈككە ئوخشاش مىراس ئېلىنىدۇ. بۇ بارلىق ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاققا كەلگەن مەسىلىدۇر».(6)

بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆلگۈچىنىڭ قەرزلىرى تۆلەمدىن ئادا قىلىنىدۇ، ئاندىن ۋەسىيىتى بولسا ئورۇندىلىدۇ، ئاندىن قالغىنى مىراسخورلار ئوتتۇرىسىدا شەرئى تەقسىم قىلىنىدۇ.

ھەر بىر مىراسخور ئۆز نېسىۋىسىنى ئالغاندىن كېيىن بۇ نېسىۋىگە بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن قولىدىكى باشقا ئىقتىساد بىلەن بىللە قوشۇپ %2.5 مىقداردا زاكات ئايرىيدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 8 . 28

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 70 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. دىيەت: جان تۆلىمى.
2. «نىسا» سۈرىسى، 92 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
3. «ئەبۇ داۋۇد»، 2927 – ھەدىس. «تىرمىزىي» 1415 – ھەدىس. تىرمىزىي »ھەسەن، سەھىھ» دېگەن. بۇنى سەئىيد ئىبنى مۇسەييەب ھەزرىتى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، سەنەدى سەئىيد ئىبنى مۇسەييەبكە قەدەر سەھىھ، سەئىيد ئىبنى مۇسەييەب ھەزرىتى ئۆمەردىن بۇ ھەدىسنى ئاڭلىمىغان دېيىلگەن. «نصب الراية»، 4/352 «الدراية» 2/269. ئالبانى: «سەھىھ» دېگەن.
4. «مسند أحمد»، 7091 – ھەدىس. «ئەبۇ داۋۇد»، 4564 – ھەدىس. «نەسائىي»، 7004 – ھەدىس. ئالبانىي «ھەسەن»، دېگەن.
5. «المغني»، 6/262 «نيل الأوطار»، 6/196.
6. «الحاوي الكبير»، 12/99.

admin@sajiye

Recent Posts

كاشغەردە چىقىپ، ئىستانبۇلدا پاتقان قۇياش — ئابدۇللاھ نىدائىي ئەلكاشغەرىي

(ھ. 1100 – 1174 / م. 1688 – 1760)   18 - ئەسىردە ئۆتكە مەشھۇر…

1 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (21) تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي / تواريخ خمسة شرقي

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي (شەرقنىڭ بەش تارىخى) / تواريخ خمسة شرقي. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (20) تارىخى جەرىدەئى جەدىدە (يېڭى سەھىپە تارىخى) / تاريخ جريدة جديدة

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى جەرىدەئى جەدىدە (يېڭى سەھىپە تارىخى) / تاريخ جريدة جديدة. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (18) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال. ۋاراق سانى: 143 (287 بەت) قوليازمىنىڭ…

1 ئاي ago