ئاياللار چاچنى تۈرمەكلەپ ناماز ئوقۇسا بولمامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاياللار چاچنى تۈرمەكلەپ ناماز ئوقۇسا بولمامدۇ؟ ئادەتتە، چاچ تۈرمەكلەش چەكلەنگەنمۇ؟ (باشنىڭ ئاستى تەرىپىدىن تۈرمەكلەش).

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئاياللار ناماز ئوقۇغاندا چاچلىرىنى يۆگەپ تۇرۇشى لازىم، چۈنكى چاچ ئەۋرەت. شۇڭا، ناماز ئوقۇغاندا چېچىنى باغلاپ ياكى چىگىپ ياكى پوملاپ، تۈرمەكلەپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.

تاۋۇس ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم: پېشانە، – دەپ بۇرنىغا ئىشارەت قىلدى(1) – ئىككى قول، ئىككى تىز، ئىككى پۇتنىڭ بارماقلىرى، يەنە كىيىملىرىمىزنى، چاچلىرىمىزنى يىغىۋالماسلىققا بۇيرۇلدۇق».(2)

بۇنىڭغا ئاساسەن ئەرلەرگە نىسبەتەن ناماز ئوقۇغان چاغدا كىيىم – كېچەك ياكى چاچنىڭ ساڭگىلاپ تۇرغان قىسمىنى يىغىۋېلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى چاچ بىلەن كىيىممۇ سەجدە قىلىدۇ. ئۇنى يىغىۋېلىش ئارتۇقچە ئىش بولىدۇ. لېكىن، ئۇلارغا نىسبەتەن چاچ ئەۋرەت ئەمەس. ئاياللارغا نىسبەتەن چاچ ئەۋرەت بولغاچقا، ئۇنى يۆگەش ئۈچۈن يىغىپ چىگىۋېلىشقا توغرا كەلسە يىغىۋالسا بولىدۇ. يىغىۋېلىش كېرەك بولماي كىيىم ئىچىدە ساڭگىلاپ قالغان بولسا يىغىۋالماي قويۇۋەتسە بولىدۇ. ئەمما، كىيىمىنى يىغىۋالسا بولمايدۇ.

ئەمدى ناماز سىرتىدا ئاياللار چاچلىرىنى ئۆي ئىچىدە پۇتلاشماسلىقى، چاققان بولۇپ ئىشلىرىنى قىلىۋېلىشى ئۈچۈن باشنىڭ ئۈستى ياكى ئاستى ياكى گەدىنىگە تۈرمەكلىۋالسا، يىغىۋالسا، چىگىۋالسا ياكى پوملىۋالسا بولىدۇ. سىرتتا زىننەتلىنىش ئۈچۈن ئۇنداق قىلسا بولمايدۇ، چۈنكى ھەدىستە ئۇنداق ياسىنىۋالىدىغان ئاياللار: «باشلىرى تۆگىنىڭ لوككىسىدەك» دەپ جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدىغانلار قاتارىدا بايان قىلىنغان.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2010. 11. 29

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 68 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بۇ قىستۇرما جۈملە بولۇپ، بۇنىڭدىن مەقسەت پېشانە بىلەن بۇرۇننىڭ بىر ئەزا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشتۇر. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇ ئىككىسىنى باراۋەر دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. «عمدة القاري»، 6/92.
2. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 812 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 490 – ھەدىس.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago