ھىجاپلىق ئاياللارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈزىنى يۆگەپ ناماز ئوقۇشى
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھىجاپلىق ئايال ئاممىۋى سورۇندا يۈزىنى ئېچىۋەتمەي ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: [ھەقىقەتەن ناماز مۆمىنلەرنىڭ ئۈستىدىكى ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر].(1)
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «…زېمىننىڭ ھەممە يېرى ماڭا سەجدىگاھ ۋە پاكلىغۇچى قىلىپ بېرىلدى، شۇڭا، ئۈممىتىمدىن ھەرقانداق ئادەم قەيەردە نامازنىڭ ۋاقتى كىرسە شۇ يەردە ئوقىۋەرسۇن…»(2)
بۇلارغا ئاساسەن ئەتراپتا يات ئەرلەر بولغان باغچە، مەيدان، بازار قاتارلىق ئاممىۋىي سورۇنلاردا ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىتكە ياكى ئۆيگە بېرىپ بولغىچە ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىدىغان ياكى نامازنىڭ دەسلەپكى ۋاقتى چىقىپ كېتىدىغان ياكى ئەنسىرىگەنلىكتىن نەرسە – كېرەكلىرىنى قويۇپ نامازغا كېتەلمەيدىغان ئەھۋالدا ئايال كىشى تولۇق ھىجاپقا رىئايە قىلغان ھالدا يالغۇز ياكى جامائەت بىلەن نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىۋېرىدۇ. ئەمما، رۇكۇ ۋە سەجدە شۇنداقلا ئولتۇرۇشتا ئەزالىرىنى يىغىپ بىر – بىرىگە چاپلاپ تۇتىدۇ.
تولۇق ھىجاپ دېگىنىمىز بىر قاراشتا يۈز بىلەن ئالىقاننىمۇ يۆگەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە بىر قاراشتا يۈز بىلەن ئالىقاننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇ جەھەتتىن يۈزى ئوچۇق يۈرىدىغان ئايال بولسا يۈزى بىلەن ئالىقىنى ئوچۇق، يۆگەپ يۈرىدىغان ئايال بولسا يۈزى بىلەن ئالىقىنىنىمۇ يۆگەپ ئوقۇسا بولۇۋېرىدۇ.
ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: «ئېھتىياج بولمىسا، ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى يۆگەپ ناماز ئوقۇشى مەكروھ بولىدۇ». ئىبنى ئابدۇلبەر: «بارلىق ئالىملار ئايال كىشىنىڭ نامازدا، ئېھراملىق ھالىتىدە يۈزىنى ئاچىدىغانلىقىغا بىردەك ئىجما قىلغان» دېگەن. يەنە تېخى يۈزنى يۆگەش ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ پېشانىسى بىلەن بۇرنىنىڭ يەرگە تېگىشىگە توسالغۇ بولىدۇ. ئەر كىشى ئېغىزىنى يۆگىۋالغاننىڭ ئورنىدا بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسللەم ئەر كىشىنىڭ ئېغىزىنى يۆگىۋېلىشىدىن توسقان. ئەگەر يات ئەرلەر بار بولغىنىدەك بىرەر ئېھتىياج بولۇپ قالسا مەكروھلۇق بولمايدۇ. ئەگەر يۈزىدىن باشقا يەرلەرنى يۆگەپ ئۇزۇن كۆينەك بىلەن رومالدا ناماز ئوقۇغان بولسا، نامىزى جايىدا ئادا بولغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئايال يۆگىشى ۋاجىپ بولغان يەرنى يۆگىگەن. ئىمام ئەھمەد: «ئالىملار كۆينەك بىلەن رومالغا ئىتتىپاققا كەلگەندۇر، ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولسا تېخىمۇ ئەۋزەل ھەم تېخىمۇ تولۇق يۆگەيدۇ» دېگەن.(3)
يەنە بىر تەرەپتىن، باغچە، مەيدان، بازار قاتارلىق ئاممىۋىي سورۇنلاردا ناماز ئوقۇش ئىسلامنى تەشۋىق قىلىش، دىن پائالىيەتلىرىنى جاكارلاش، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا باشقىلاردىن تارتىنىپ قالماسلىقتەك تەربىيەۋى رولى چوڭ، پايدىسى كۆپ جانلىق دەۋەتتۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2011. 4. 16
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 66– نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «نىسا» سۈرىسى، 103 – ئايەت.
2. «بۇخارىي»، 438 – ھەدىس.
3. «المغني»، 1/350 «كشاف القناع»، 1/268.
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…