سوئال: ئەسسەﻻمۇ ئەلەيكۇم، ئەرلەر قولىغا پەلەي كىيىۋېلىپ ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولامدۇ؟!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ پەلەي كىيگەن ھالدا ناماز ئوقۇسا تۆت مەزھەپنىڭ قارىشىدا، ناماز دۇرۇس بولۇۋېرىدۇ، چۈنكى قول يەرگە بىۋاسىتە تېگىشى، ئوچۇق تۇرۇشى يا شەرت يا ۋاجىپ ئەمەس.
ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن: «نامازخاننىڭ مۇشۇ ئەزالىرىدىن بىرىنىڭ يەرگە بىۋاسىتە تېگىشى ۋاجىپ بولمايدۇ، قازى دېدى: سەللىسىنىڭ بىر ئۇچىغا ياكى كىيىمىنىڭ يېڭىغا ياكى پېشىگە سەجدە قىلسا نامىزى سەھىھ بولىدۇ. بۇ مالىك بىلەن ئەبۇ ھەنىفە قارىشىدۇر».(1)
ئىمام نەۋەۋىمۇ: «قولنى ئوچۇق قويۇش ۋاجىپ بولمايدۇ» دېگەن.(2)
چۈنكى، قول بىلەن پۇت سەجدە ئەزالىرىدىندۇر، پۇتىغا پايپاق، كەش، ئۆتۈك كىيگەن ھالدا ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولغاندىن كېيىن، قولىغا پەلەي كىيگەن ھالدا ناماز ئوقۇسا ئوخشاشلا دۇرۇس بولىدۇ.
سەئىيد ئىبنى يەزىد ئەلئەزدى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن:
_ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەشىنى كىيگەن ھالەتتە ناماز ئوقۇمتى؟ دەپ سورىسام، ئۇ:
_ ھەئە، – دېدى.(3)
مەسرۇق رىۋايەت قىلىدۇكى، مۇغىرە ئىبنى شۇئىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاھارەت ئالغاندا مەن قولىغا سۇ قۇيۇپ بەرگەنىدىم. رەسۇلۇللاھ ئۆتۈكىگە مەسىھ قىلىپ ناماز ئوقۇدى».(4)
ھەسەن بەسرى: «ساھابىلار (ئىسسىقنىڭ دەستىدىن) ئىككى قولىنى يەڭدىن چىقارماي سەللە ۋە دۇپپىغا ئوخشاش نەرسىلەرگە سەجدە قىلاتتى» دېگەن.(5)
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ناماز ئوقۇيتتۇق. بەزىلىرىمىز ئىسسىقنىڭ دەستىدىن كىيىمىنىڭ بىر تەرىپىنى سەجدە قىلىدىغان جايغا قويۇۋالاتتى».(6)
بۇنىڭغا ئاساسەن قاتتىق ئىسسىق ياكى سوغۇقتا يېڭىنى ياكى چاپان پېشىنى ياكى باشقا بىر نەرسىنى ئالىقىنى بىلەن يەر ئارىلىقىدا قويۇپ ناماز ئوقۇسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.
يەنە ھاۋا سوغۇق بولمىغان ئەھۋالدىمۇ ئادەتتە، پەلەي كىيىدىغان ئاياللار يات ئەرلەر بار يەردە پەلەي بىلەن ناماز ئوقۇشقا موھتاج بولۇشى مۇمكىن. ئاياللارمۇ ناماز ئوقۇماقچى بولسا پەلەينى سېلىۋېتىشى كېرەك ئەمەس. پەلەي بىلەن نامىزى دۇرۇس بولۇۋېرىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2011. 4. 16
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 65 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «المغني»، 1/305.
2. «المجموع»، 3/389.
3. «بۇخارىي»، 386 – ھەدىس.
4. «بۇخارىي»، 388 – ھەدىس.
5. «بۇخارىي»، «ئىسسىق قاتتىق بولغاندا كىيىمگە سەجدە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن باب.
6. «بۇخارىي»، 385 – ھەدىس.