سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، 1) سۈننەت نامازلارنى ئوقۇپ، خاتالىق بولسا قايتا ئوقۇمدۇق ياكى سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلامدۇق؟ 2) پەرز نامازلاردا خاتا ئوقۇپ قېلىپ سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغاندا پەرزنى قايتا ئوقۇمدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

1. سەجدە سەھۋى قىلىشنىڭ بىرەر سەۋەبى تېپىلغان تەقدىردە، نەفلە، سۈننەت نامازلاردىمۇ پەرز نامازلارغا ئوخشاشلا سەجدە سەھۋى قىلىمىز. بۇنىڭدا پەرق يوق.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلار نامازغا تۇرسا، شەيتان كېلىپ ئۇنى ئازدۇرىدۇ، ھەتتاكى ئۇ قانچە رەكئەت ئوقۇغانلىقىنى بىلەلمەي قالىدۇ، سىلەردىن بىرى مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسا، ئولتۇرغان ھالىتىدە ئىككى سەجدە قىلىۋەتسۇن».(1)

بۇ ھەدىس پەرز بىلەن نەفلە نامازنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ئىككى سەجدە قىلىۋەتكەن.(2) ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ۋىتىرنى سۈننەت دەپ قارايتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ۋىتىردا سەجدە سەھۋى قىلغان. دېمەك، بۇ سەجدە سەھۋىنىڭ ھۆكمى سۈننەتتىمۇ پەرزگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.(3)

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «سەجدە سەھۋى قىلىشتا نەفلە نامازنىڭ ھۆكمى بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە پەرز نامازنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش، پەقەتلا ئىبنى سىرىنلا: «نەفلە نامازدا سەجدە سەھۋى قىلىش يوق» دەپ كۆپچىلىككە قارشى پىكىردە بولغان. بىزنىڭ دەلىلىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىرىڭلار ئۇنتۇپ قالسا ئىككى سەجدە قىلىۋەتسۇن». يەنە: «بىرىڭلار ئۇنتۇپ قېلىپ ئارتۇق ياكى كەم ئوقۇپ قالسا ئىككى سەجدە قىلىۋەتسۇن»(4) دېگەن سۆزلىرىدە پەرز ياكى نەفلە دەپ ئايرىمىغان. يەنە نەفلە نامازمۇ رۇكۇ بىلەن سەجدە قىلىپ ئوقۇيدىغان ناماز بولغاچقا، پەرزگە ئوخشاش ئۇنىڭ سەھۋىسى ئۈچۈن سەجدە قىلىدۇ».(5)

2. پەرز نامازدا سەجدە سەھۋى قىلىش كېرەك بولۇپ قېلىپ، سەجدە سەھۋى قىلىشنى ئۇنتۇپ سالام بېرىپ بولغان ئەھۋالدا، تېخى ناماز ئوقۇغان جايىدىن چىقىپ كەتمىگەن بولسا، ئىككى سەجدە قىلىۋېتىدۇ. ئارىلىقتا گەپ – سۆز قىلىپ سالغان بولسىمۇ مەيلى. بۇ بىر تۈركۈم ئالىملارنىڭ قارىشى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئارىلىقتا گەپ – سۆز قىلىپ سالغان بولسا سەجدە سەھۋى قىلمايدۇ، دەپ قارىغان.

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «سەجدە سەھۋى قىلىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ ۋاقىت ئۇزىراپ سەجدە سەھۋى قىلمىغان تەقدىردە، ناماز بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇ ئىمام شافىئىي ۋە ئەبۇ ھەنىفە قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ئىمام ئەھمەدتىن بىر رىۋايەتتە: مەسجىدتىن چىقىپ كەتكەن بولسا نامازنى قايتا ئوقۇيدۇ».(6)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 2 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 5 – ماي

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 62 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1232)؛ «مۇسلىم»، (389).
2. بۇخارىي «سەھىھ»ىدە «مۇئەللەق» رىۋايەت قىلغان، ئىسنادى سەھىھ. قاراڭ: ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3/105.
3. ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 7/314.
4. «مۇسلىم»، (572).
5. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/390.
6. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/385.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ئاي ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

2 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

2 ئاي ago