ئاياللارنىڭ ئاياللارغا تەراۋىھتا ئىمام بولۇشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! يېقىندا دىيارىمىزدا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئايال قارىيلار كۆپىيىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رامىزاندا تەراۋىھتا ئايال قارىيلىرىمىز ئاياللارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇيدۇ. بۇ توغرىمۇ؟ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئەر كىشى بولماي پەقەت ئاياللارلا بولسا، پەرز نامازدا بولسۇن، تەراۋىھقا ئوخشاش سۈننەت ۋە نەپلە نامازلاردا بولسۇن، ئاياللاردىن بىرى ئاياللارغا ئىمام بولسا بولىدۇ. يالغۇز ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدا كەڭچىلىك بار. جامائەت بىلەن ئوقۇش ئەۋزەل، چۈنكى جامائەت نامىزى يالغۇز نامازدىن يىگىرمە نەچچە ھەسسە ئارتۇق پەزىلەتلىكتۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇممۇ ۋەرەقە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئۆيىدىكىلەرگە ئىمام بولۇشقا بۇيرۇغان.(1)

ئاياللاردىن بىرى ئىمام بولسا، ئەر ئىمام سەپنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرغاندەك ئاياللارنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرماي بىرىنچى سەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا جامائەت بىلەن بىر قاتاردا تۇرۇپ ئوقۇيدۇ.

ھەزرىتى ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالار ئاياللارغا ئىمام بولۇپ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان.

ھۇجەيرە بىنتى ھۇساين رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، «ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئەسىر نامىزىدا بىزگە ئىمام بولۇپ، ئارىمىزدا تۇرغان».

ئىكرىمە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى ئاياللارغا ئىمام بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ».

رىيتا ئەلھەنەفىيە رىۋايەت قىلىدۇكى، «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەرز نامازدا ئۇلارغا ئىمام بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغان».

يەھيا ئىبنى سەئىيد رىۋايەت قىلىدۇكى، «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا نەپلە نامازدا ئاياللارغا ئىمام بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە سەپ ئىچىدە تۇراتتى».(2)

ئوتتۇرىسىدا تۇرۇشى ئىككى تەرەپتىكى جامائەت بىلەن توسۇلۇپ تۇرۇشى ئۈچۈندۇر.

ئايال كىشىمۇ ئۈنلۈك قىرائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان نامازلارنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇيدۇ. ئەگەر مەھرەملىرىدىن باشقا يات ئەر كىشى ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان بولسا پەسرەك ئاۋازدا ئوقۇيدۇ.(3)

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 5. 4

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 61 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «ئەبۇ داۋۇد»، 592 – ھەدىس. ئالبانى «ھەسەن» دەپ باھالانغان.
2. «مصنف عبد الرزاق»، 3/140 – 141 – بەت. 5082 – 5087 – نومۇر. «المستدرك»، 1/320 – بەت، 730 – 731 – نومۇر. «السنن الكبرى» بەيھەقى 3/131 – بەت، 5138 – 5141 – نومۇر.
3. «المغني»، 2/17.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago