ۋىتىردىن كېيىن تەھەججۇد ئوقۇش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تەھەججۇد نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن چوقۇم ۋىتىر نامىزىنى تەھەججۇد نامىزىدىن كېيىن ئوقۇشۇم كېرەكمۇ، ياكى ۋىتىرنى خۇپتەن بىلەن ئوقۇۋېتىپ تەھەججۇد نامىزىنى ئايرىم ئوقۇساممۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ۋىتىر نامىزىنى ئاخىرقى ناماز قىلىپ ئوقۇش سۈننەتتۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كېچىدىكى نامىزىڭلارنىڭ ئاخىرىنى تاق قىلىڭلار» دېگەن.(1)

ئەمدى ۋىتىر ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە نەفلە ناماز ئوقۇماقچى بولسا ئوقۇسا بولىدۇ. ئۇندىن كېيىن ۋىتىرنى قايتا ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئالىملار تاللىغان كۈچلۈك قاراشتۇر.(2)

ئەبۇ جەمرە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئائىز ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەرەخ ئاستىدا بەيئەت قىلغان ساھابەلىرىدىن ئىدى، مەن ئۇنىڭدىن:

— ۋىتىر ئوقۇپ ئۇخلاپ قوپقاندىن كېيىن بۇرۇنقىسى بىكار قىلىنىپ قايتا ئوقۇلامدۇ؟ — دەپ سورىسام، ئۇ:

— كېچىنىڭ ئاۋۋىلىدا ۋىتىر ئوقۇساڭ، ئاخىرىدا ئوقۇمىغىن، — دېدى.(3)

يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋىتىر ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئولتۇرۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغان.(4)

يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر كېچىدە ئىككى ۋىتىر ئوقۇش يوق» دېگەن.(5)

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇنىڭدا كەڭچىلىك بار. مۇمكىنقەدەر ۋىتىر نامازنى ئاخىرقى نامىزى قىلىشقا تىرىشىش كېرەك، ئاندىن بەزى ئەھۋالدا ۋىتىردىن كېيىن نەفلە ئوقۇپ قالسا ۋىتىرنى قايتىلىمىسىمۇ بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 14 – جامادىيەلئاخىر / م. 2012، 5 – ماي

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (998)؛ «مۇسلىم»، (751).
2. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/20؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/148؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/453.
3. «بۇخارىي»، (4176).
4. «مۇسلىم»، (746).
5. «ئەھمەد»، (16339)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (1439)؛ «تىرمىزىي»، (470). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago