ئاياللارنىڭ ئۆيدە ئەرلەرگە ئىقتىدائ قىلىپ ناماز ئوقۇشى
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئادەتتە شام نامىزىنىڭ ۋاقتى قىسقا بولغاچقا، ئۆيدىكى ئەر، ئايال ھەممىمىز تەڭلا نامازغا تۇرىمىز. ئەرلەر جامائەت بولۇپ ئوقۇيدۇ. بىز ئاياللار ئايرىم – ئايرىم ئوقۇيمىز. ئەرلەرنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئوقۇساق بولمامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئۆيدە بولسۇن، مەسجىدتە بولسۇن ئاياللار ئەرلەرگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇسا جامائەت بىلەن ئوقۇغانلىق پەزىلىتىگە ئېرىشىدۇ.
ناﻓﯩﺌ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﺋﺎﺭﺗﯘقتۇر» دېگەن.(1)
يەنە بىر رىۋايەتتە: «ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ يىگىرمە بەش ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﺋﺎﺭﺗﯘقتۇر» دەپ كەلگەن.(2)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيدە نەفلە ناماز ئوقۇغاندا ئايال كىشى رەسۇلۇللاھقا ئىقتىدا قىلغان.
ﺋﻪﻧﻪﺱ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﻟﯩﻚ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ سۆزلەپ بەردىكى: «ئۇنىڭ ﻣﻮﻣﯩﺴﻰ ﻣﯘﻟﻪﻳﻜﻪ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ، ئۇ زاتنى ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺗﺎﺋﺎﻣﺪﯨﻦ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ: ‹ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ، ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯧﺮﻩﻱ› ﺩﯦﺪﻯ. (ﺋﻪﻧﻪﺱ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ دېدىكى): ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﺪﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﺭﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺑﻮﺭﯨﻐﺎ ﺳﯘ ﺳﯧﭙﯩﯟﻩﺗﺘﯩﻢ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ﻣﻪﻥ ﯞﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺗﯘﺭﺩﻯ، ﻣﻮﻣﺎم ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺗﯘﺭﺩﻯ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺑﯩﺰگە ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ».(3)
شۇڭا، ئەرلەر ئۆيدە ناماز ئوقۇغان ئەھۋالدا ئاياللار ئەرلەرگە ئىقتىدا قىلىپ بۇ پەزىلەتنى قولدىن بەرمىسە ياخشى.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 2 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 5 – ماي
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 59 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (645)؛ «مۇسلىم»، (650).
2. «بۇخارىي»، (646).
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (860)؛ «مۇسلىم»، (658).
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…