مەسچىتكە كىرىشتىن بۇرۇن يانفوننى ياكى ئاۋازىنى تاقىۋېتىش كېرەك
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەگەر مەسچىتكە كىرگەندە يانفوننى تاقىۋېتىشنى ئۇنتۇپ نامازغا تۇرغان بولسا، سايراپ كەتسە تاقىۋەتسە ياخشىمۇ ياكى ئاشۇنداق قويۇۋەرسە توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
مەسچىتكە كىرىشتىن بۇرۇن يانفوننى ياكى ئاۋازىنى تاقىۋېتىش كېرەك، چۈنكى ئۇنداق بولمىغاندا ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ نامىزىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ناۋادا يانفوننى تاقىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ مەسچىتكە كىرىپ نامازغا تۇرغان بولسا نامازدا سايراپ كەتسە دەرھال تاقىۋېتىشى ۋاجىپ، قويۇۋەرسە گۇناھكار بولىدۇ، تاقىۋەتكەندە تېلېفون قىلغۇچىنىڭ ئىسمى ياكى نومۇرىغا قاراپ يۈرمەي تاقىۋېتىش لازىم.
ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئادەتتە، نامازنىڭ جايىدا بولۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بەزىبىر ئىش – ھەرىكەتلەرنى قىلسا نامازغا تەسىر يەتمەيدۇ، ئەكسىچە، نامازغا تەسىر يەتكۈزىدىغان يانفون ئاۋازىنى تاقىۋەتمەي تۇرغان تەقدىردە، ئۆزىنىڭ ۋە باشقا نامازخانلارنىڭ دىققىتىنى بۇزۇۋېتىدۇ.
نامازنىڭ جايىدا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئازغىنە ھەرىكەتنىڭ نامازغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىسلىرىدە كەلگەن. مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قېتىم جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇۋاتقىنىدا رەسۇلۇللاھنىڭ كەشىدە مەينەتلىك بارلىقىنى جىبرىل خەۋەر قىلغاندا رەسۇلۇللاھ نامازدا تۇرۇپلا كەشىنى سېلىۋەتكەن.(1)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئۇخلىغاندا ئىككى پۇتۇم رەسۇلۇللاھنىڭ قىبلە تەرىپىگە توغرا كېلىپ قالاتتى، رەسۇلۇللاھ سەجدە قىلغاندا مېنى نوقۇپ قوياتتى، مەن پۇتلىرىمنى يىغىۋالاتتىم، سەجدىدىن قوپقاندا پۇتلىرىمنى سۇنۇۋالاتتىم. ئۇ كۈنلەردە ئۆيلەردە چىراق يوق ئىدى.(2)
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن (ھاممام) مەيمۇنەنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالغان ئىدىم. ئۇ كېچىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ مەيمۇنەنىڭ ئۆيىدە ئىكەن، رەسۇلۇللاھ كېچىدە تۇرۇپ تاھارەت ئېلىپ نامازغا تۇرۇۋىدى، مەنمۇ ئۇنىڭ سول تەرىپىدە تۇرسام، ئۇ مېنى تۇتۇپ ئوڭ تەرىپىگە تۇرغۇزۇپ قويدى، ئاندىن ئون ئۈچ رەكەت ناماز ئوقۇدى».(3)
يانفوننى تاقىۋېتىشمۇ نامازنىڭ جايىدا بولۇشى ئۈچۈن قىلىدىغان ئازغىنە ئىش – ھەرىكەتتىن ئىبارەت.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2011. 5. 14
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 88 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «مسند أحمد»، 11895 – ھەدىس؛ «ئەبى داۋۇد»، 650 – ھەدىس. ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
2. «بۇخارىي»، 382 – ھەدىس.
3. «بۇخارىي»، 698 – ھەدىس.
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…