ئوشۇقىدىن ئاشۇرۇپ ئىشتان كىيگەنلەر نامازدا ئىشتاننى تۈرۈۋالامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! كۆپ قىسىم ئالىملار تەكەببۇرلۇق بولمىسا، ئىشتاننى ئوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيسە دۇرۇس بولىدىغانلىقىغا پەتىۋا بەرگەن، ئەمدى ناماز ئوقۇغاندا ئىشتاننى تۈرۈۋالاي دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ‹‹مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا ۋە كىيىم – كېچەكنى تۈرمەسلىككە ۋە… بۇيرۇلدۇم›› (مۇسلىم رىۋايىتى) دېگەن ھەدىسىنى كۆرۈپ قالدىم. ئەگەر ئىشتاننى تۈرمەي شۇ پېتى ئۆتەي دېسەم ‹‹ئاللاھ تائالا ئوشۇقتىن ئاشۇرۇپ ئىشتان كىيىپ ناماز ئوقۇغان ئادەمنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ›› (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى) دېگەن ھەدىسنى كۆرۈپ زادى قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم … ئاللاھ تائالا ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئىزارغا ئىشتان قاتارلىق كىيىملەر قىياس قىلىنىدۇ.(1)

ئوشۇقتىن ئاشۇرۇپ ئىزار كىيىش ھۆكمى توغرىسىدا سىز بايان قىلغاندەك ئىككى خىل قاراش بار. نامازنىڭ ئىچىدە ياكى سىرتىدا بولسۇن تەكەببۇرلۇق بولمىغاندىكىن ھارام بولمايدۇ، دېگەن قاراش كۈچلۈك بولۇپ، بۇ قاراش بويىچە ئىش قىلغان بولسىڭىز، ناماز ئوقۇغاندا كىيىملەرنى تۈرۈۋېلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى سىز بايان قىلغان سەھىھ ھەدىس بويىچە كىيىملەرمۇ سەجدە قىلىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن ئىشتاننى تۈرمەي شۇ پېتى ئوقۇۋەرسىڭىز بولىدۇ.

ئەمدى «ئاللاھ تائالا ئىزارىنى ئۇزۇن قىلىۋالغان ئادەمنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەن.(2) ھەدىسنىڭ سەنەدىدە «ئەبۇ جەئفەر» دېگەن بىر نامەلۇم كىشى بولغانلىقتىن، يەنە مۇدەللىس(3) بىر كىشى بولغانلىقتىن، يەنە ئەنئەنە قىلىپ رىۋايەت قىلىنغانلىقتىن ھەدىسشۇناسلار بۇ ھەدىسنى «ئاجىز» دەپ باھالىغان.

ئىمام مۇنزىرى دېدى: «بۇنىڭ سەنەدىدە ئەبۇ جەئفەر دېگەن مەدىنىلىك بىر كىشى بولۇپ، ئۇ نامەلۇمدۇر».(4)

ناۋادا ئۇ ھەدىسنى «ھەسەن» دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ ئۇ ھەدىس ئىزارىنى تەكەببۇرلۇق بىلەن ئوشۇقىدىن ئاشۇرۇۋالغان ھالەتتە ناماز ئوقۇغان كىشىگە قارىتا دېيىلگەن دېسەك بولىدۇ. يەنى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇنداق ھالەتتە ناماز ئوقۇغان ئادەمنى كۆرگەن چاغدا ئۇنىڭغا تاھارەت بىلەن نامازنى قايتىلاشنى تاپىلاپ شۇنداق دېگەن. چۈنكى، ناماز دېگەن خۇشۇ ھالىتى بولغاچقا، تەكەببۇرلۇق قىلىپ كىيىمنى ئوشۇقىدىن ئاشۇرۇۋېلىش بۇنىڭغا زىت كېلىدۇ.(5)

ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2011. 6. 5
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 55 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئىزار – بەل ئاستىغا ئېھراملىقتەك يۆگىۋالىدىغان بىر پارچە رەخت بولۇپ، ئىشتان ئەمەس.
2. «ئەبۇ داۋۇد»، 638 – ھەدىس؛ «نەسائى»، 9703 – ھەدىس.
3. مۇدەللىس – ئىسنادتىكى ئەيىبنى يوشۇرۇپ ياخشى كۆرسىتىپ ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى.
4. «عون المعبود»، 2/241. ئالبانىمۇ «ئاجىز» دېگەن.
5. «فيض القدير»، 2/275.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago