ئاياللارنىڭ نامازلارنى ئۈنلۈك ئوقۇشى توغرىسىدا
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! ئاياللار ئۈنلۈك نامازدا نامەھرەم يوق جايدا قىرائەتنى ئۈنلۈك قىلىشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئايال كىشى يالغۇز ناماز ئوقۇغاندا ياكى باشقا ئاياللارغا ئىمام بولغاندا ياكى مەھرەم تۇغقانلىرى ياكى باشقا ئاياللار بار يەردە ناماز ئوقۇغاندا پەرز ياكى نەفلە بولسۇن ئۈنلۈك قىرائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان نامازلارنى ئۈنلۈك ئوقۇشى سۈننەت. بۇ ئەھۋالدا ئۆزى ۋە قېشىدىكىلەر ئاڭلايدىغان ئاۋازدا قىرائەت قىلىپ ئوقۇيدۇ.
ئەگەر يات ئەر كىشى ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان بولسا، ئىچىدە ياكى ئەرلەر ئاڭلىمايدىغان دەرىجىدە پەس ئاۋازدا ئوقۇيدۇ. ئۈنلۈك ئوقۇسا بولمايدۇ. بەزى ئالىملار ئاياللار ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۈنلۈك ئوقۇمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 12 – رەجەب / م. 2011، 14 – ئىيۇن
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 54 – نومۇرلۇق پەتۋا.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…