سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بەزىلەر سۈننەت نامازنى نەفلە ناماز دەپ قارايدۇ، توغرا، ئۇنداقتا سۈننەتنى ئوقۇش – ئوقۇماسلىق مۇسۇلماننىڭ ئىختىيارلىقىدا بولامدۇ؟ سۈننەت نامازنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كېلىپ رەسۇلۇللاھتىن ئىسلام توغرۇلۇق سورىۋىدى. رەسۇلۇللاھ:
— بىر كېچە – كۈندۈزدە بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىسەن، — دېدى. ئۇ:
— ماڭا ئۇنىڭدىن باشقا پەرز ناماز بارمۇ؟ —دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ:
— ياق، ئەمما نەفلە ئوقۇساڭ بولىدۇ، — دېدى…. ئاخىرىدا ئۇ ئادەم:
— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇنىڭغا قوشۇپمۇ قويمايمەن، كېمەيتىپمۇ قويمايمەن، — دېگىنىچە قايتىۋىدى رەسۇلۇللاھ:
— راست سۆزلىگەنلا بولسا چوقۇم نىجاتلىققا (جەننەتكە) ئېرىشىدۇ، —دېدى».(1)
بۇ ھەدىسكە ئاساسەن پەرز نامازلارنىڭ ئالدى – كەينىدە ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازلار نەفلە ناماز قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇنى ئوقۇش پەرز ياكى ۋاجىب ئەمەس، بەلكى ئىنسان ئىختىيارلىقىدا بولىدۇ. لېكىن، باشقا نەفلە نامازلاردىن ئىككى جەھەتتىن ئالاھىدە پەزىلىتى بار:
بىرى، بۇ سۈننەت نامازلارنىڭ ئالاھىدە پەزىلىتى كۆرسىتىلگەن. ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىر كېچە – كۈندۈزدە ئون ئىككى رەكئەت نامازنى قولدىن بەرمىسە، ئاشۇ نامازلار بىلەن ئۇنىڭغا جەننەتتە بىر قەسىر بىنا قىلىنىدۇ» دېگەن. ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەيدۇ: «مەن ئاشۇلارنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغىنىمدىن بۇيان ئۇلارنى تاشلاپ باقمىدىم».(2)
بۇ ئون ئىككى رەكئەت نامازنىڭ ھەدىسلەردە ئايرىم – ئايرىم پەزىلەتلىرىمۇ بايان قىلىنغان.
ئالىملار دەيدۇ: «نەفلە نامازلارنىڭ يولغا قويۇلۇشتىكى ھېكمەت: ‹سۈنەنى ئەبى داۋۇد›تا ھەدىستە سابىت بولغىنىدەك، پەرزلەرگە نۇقسان يېتىپ قالغان ئەھۋالدا، ئاشۇ نەفلە نامازلار بىلەن پەرزلەرنى مۇكەممەل قىلىش ۋە يەنە نەفلە نامازنى ئوقۇش ئارقىلىق پەرزگە ئۆزىنى تەييارلاش ئارقىلىق پەرزگە جۇشقۇن بولۇش، پەرزگە قەلبىنى تولۇق بىكارلاشتۇر».(3)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «قىيامەت كۈنى بەندە ئەمەللىرىدىن ئەڭ دەسلەپ قىلىپ ھېساب ئېلىنىدىغىنى نامازدۇر. رەببىمىز ئەززە ۋەجەللە بەندىلىرىنى ئۆزى ئەڭ ئوبدان بىلىپ تۇرۇپ پەرىشتىلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: ‹بەندەمنىڭ نامىزىغا قاراڭلار! ئۇنى تولۇق ئادا قىلدىمۇ ياكى كەم قىلدىمۇ؟› ئەگەر تولۇق بولسا، تولۇق دەپ يېزىلىدۇ، ئازراق كەم قىلىپ قويغان بولسا، ‹قاراپ بېقىڭلار! بەندەمنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئوقۇغان نەفلە نامازلىرى بارمىكەن؟› دەيدۇ. نەفلە نامازلىرى بولسا، ‹بەندەمنىڭ پەرز نامىزىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئوقۇغان نەفلە نامازلىرىدىن تولۇقلىۋېتىڭلار› دەيدۇ. ئاندىن باشقا بارلىق پەرز ئەمەللەرمۇ شۇ بويىچە قىلىنىدۇ».(4)
قايسىبىرىمىز ئاجىزلىقىمىز، قۇسۇرلىرىمىز بىلەن پەرزلەرنى ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىپ بولالايمىز؟ شۇڭا، بۇ تۈرلۈك تائەت – ئىبادەتلەردىن باش تارتماسلىق بىزنىڭ ھالىمىزغا مۇناسىپ.
يەنە بىرى، بۇ نامازلارنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاساسەن تاشلىماي ئوقۇپ كەلگەن بولغاچقا، بۇ نامازلارنى ئوقۇش ئارقىلىق رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشنى، سۈننىتىنى تۇتۇپ مېڭىشنى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۈلگە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە مەندىن كېيىنكى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىنغان راشىد خەلىفەلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار، ئۇنى چىڭ تۇتۇڭلار، قولدىن بەرمەڭلار» دېگەن.(5)
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى سۆيىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى سۆيگەي، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىۋەتكەي!» ﴾ (3/«ئال ئىمران»: 31)
ئەمدى ئاشۇ سۈننەت نامازلارنى ۋاقتى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قازاسىنى قىلىش مەسىلىسىدە بولسا ئالىملار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشاش ئەمەس.
بىر قىسىم ئالىملار بامداتنىڭ سۈننىتىدىن باشقا سۈننەت نامازلارنى ۋاقتى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قازا قىلمايدۇ، دەپ قارىغان.
يەنە بىر قىسىم ئالىملار قازاسىنى قىلىش مۇستەھەب، دەپ قارىغان.
ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ مەزھەبىمىزدىكى توغرا قاراش پەرز نامازلارنىڭ ئالدى – كەينىدىكى سۈننەت نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىش مۇستەھەبلىكىدۇر. ھەنەفىي مەزھەبتىن مۇھەممەد ۋە يەنە مۇزەنىي، ئىمام ئەھمەد بىر رىۋايەتتە شۇنداق قارىغان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئەبۇ يۈسۈفتىن كەلگەن ئىككى رىۋايەتنىڭ مەشھۇرراقىدا: قازا قىلىنمايدۇ».(6)
سۈننەتنىڭ قازاسىنى قىلىشنىڭ مۇستەھەبلىكى دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈكتۇر. مەسىلەن:
1. كۇرەيب رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس، مىسۋەر ئىبنى مەخرەمە ۋە ئابدۇراھمان ئىبنى ئەزھەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ئۇنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «سەن ئائىشەگە ھەممىمىزدىن سالام ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن ئەسىردىن كېيىنكى ئىككى رەكئەت ناماز توغرۇلۇق سوراپ ئۇنىڭغا: بىز سىزنىڭ ئەسىردىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدىغانلىقىڭىزدىن خەبەر تاپتۇق، ۋاھالەنكى بىزگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇ نامازدىن چەكلىگەنلىكى يەتكەن ئىدى، دېگىن» دەپ تاپىلىغان. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بىلەن ئىككىمىز كىشىلەرنى ئۇ نامازدىن چەكلەپ ئۇراتتۇق» دېگەن. كۇرەيب دەيدۇ: «مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇلار تاپشۇرغان سۆزلەرنى ئۇنىڭغا يەتكۈزسەم، ئۇ: ‹سەن بۇ توغرۇلۇق ئۇممۇ سەلەمەدىن سورىغىن› دېدى. مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقىپ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ سۆزىنى خەبەر قىلسام، ئۇلار مېنى ئائىشەگە ئەۋەتكەن سۆزلەر بىلەن ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا ئەۋەتكەن ئىدى، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: ‹مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇ نامازدىن چەكلىگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، كېيىن مەن ئۆزىنىڭ ئەسىرنى ئوقۇپ بولۇپ مېنىڭ يېنىمغا كىرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆردۈم، بۇ چاغدا مېنىڭ يېنىمدا ئەنسارلاردىن بولغان بەنى ھەرام جەمەتىنىڭ ئاياللىرى بار ئىدى، مەن بىر قىزغا: «سىز بېرىپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا: ئۇممۇ سەلەمە سېلىگە: يارەسۇلەللاھ! مەن سىلىنىڭ بۇ ئىككى رەكئەت نامازدىن چەكلىگەنلىرىنى ئاڭلىغانىدىم، ئەمدى بۇ نامازنى ئوقۇغانلىرىنى كۆرىۋاتىمەنغۇ؟ دەيدۇ دەڭ، ئەگەر رەسۇلۇللاھ قولى بىلەن ئىشارەت قىلسا كەينىڭىزگە چېكىنىپ تۇرۇپ تۇرۇڭ» دېدىم. قىزچاق شۇنداق دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ قولى بىلەن ئىشارەت قىلدى، قىز كەينىگە چېكىنىپ تۇردى. رەسۇلۇللاھ نامازنى تۈگىتىپ (ئۇممۇ سەلەمەگە قارىتىپ): «ئى ئەبۇ ئۇمەييەنىڭ قىزى! سىز ئەسىردىن كېيىنكى ھازىر مەن ئوقۇغان ئىككى رەكئەت ناماز توغرۇلۇق سورىدىڭىز، مەسىلە شۇكى، ئابدۇلقەيس قەبىلىسىدىن بەزى كىشىلەر ئۆز قەۋمى تەرىپىدىن ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ كېلىپ مېنى پېشىندىن كېيىنكى ئىككى رەكئەتتىن مەھرۇم قىلىپ قويغانىدى، سىز كۆرگەن بۇ ناماز پېشىندىن كېيىنكى ئاشۇ ئىككى رەكئەت» دېدى›».(7)
2. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇمىغان بولسا، كۈن چىققاندىن كېيىن ئوقۇسۇن» دېگەن.(8)
3. قىياس جەھەتتىن ئېيتساق رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلىرى بىلەن سەپەردە ئۇخلاپ قېلىپ بامدات نامىزىنى قازا قىلغاندا ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇغان بولغاچقا، باشقا پەرز نامازلارنىڭ سۈننىتىنى بامداتنىڭكىگە قىياس قىلساق بولىدۇ.
دېمەك، كۈچلۈك قاراشتا: مەيلى پەرزى بىلەن بىللە قازا قىلغاندا بولسۇن، مەيلى يالغۇز ئۆزىنىلا قازا قىلىش بولسۇن، سۈننەت نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىش مۇستەھەبتۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 13 – رەجەب / م. 2011، 15 – ئىيۇن
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 53 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2678)؛ «مۇسلىم»، (11).
2. «مۇسلىم»، (728).
3. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 6/10.
4. «ئەبۇ داۋۇد»، (864). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
5. «ئەھمەد»، (17184)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (4607)؛ «تىرمىزىي»، (2676). تىرمىزىي: «بۇ ھەسەن، سەھىھ» ھەدىس، دېگەن. ئىبنۇلمۇلەققىنمۇ («ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 9/582) «سەھىھ» دېگەن.
6. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/45.
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4370)؛ «مۇسلىم»، (834).
8. «تىرمىزىي»، (423)، ھاكىم، زەھەبىي، ئالبانىيلار «سەھىھ» دېگەن.