جامائەت نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىگەن كىشىنىڭ سەجدە سەھۋى قىلىشى
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئەگەردە بىز ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان نامازنىڭ مەيلى 2 – رەكئىتى ياكى 3 – 4 – رەكئىتىگە ئۈلگۈردۇق دەيلى، ئىمام سالام بېرىپ نامازدىن چىققاندىن كېيىن ئۆزىمىز كەم قىسمىنى تولۇقلايمىز. ئاشۇ بىز تولۇقلىغان قىسمىدا بىرەر ۋاجىبات ئۇنتۇش قاتارلىق سەھۋەنلىك سەجدىسى كېرەك بولىدىغان خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولساق، ئاشۇ ئۆزىمىز تولۇقلىغان قىسمىنىڭ ئاخىرىدا ئايرىم سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىمىزمۇ ياكى ئىمامغا ئىقتىدا قىلغاندىن كېيىن ئوقۇغان نامىزىمىز دۇرۇس بولۇۋېرەمدۇ؟ ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
جامائەت نامىزىغا تولۇق ئۈلگۈرگەن كىشى نامازدا سەجدە سەھۋى قىلىشنى كېرەك قىلىدىغان بىرەر سەھۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قالسا، ئىمامغا ئەگىشىپ نامىزىنى تاماملايدۇ، ئىمامدىن ئايرىم سەجدە سەھۋى قىلمايدۇ.
ئىمام نەۋەۋىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «ئەگەر ئىمامنىڭ ئارقىدا تۇرۇپ سەھۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا، ئىمام ئۇنىڭ سەھۋەنلىكىنى كۆتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى سەجدە سەھۋى قىلمايدۇ. بۇ شافىئىي مەزھەب ئىماملىرىمىزنىڭ بىردەك قارىشىدۇر، شەيخ ئەبۇ ھامىد: ‹مەكھۇلدىن باشقا بارلىق ئالىملار شۇنداق قارىغىان› دېگەن».(1)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ! ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺭﯗﻛﯘﻏﺎ ﺑﺎﺭﺳﺎ، ﺭﯗﻛﯘﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ؛ ﺋﯩﻤﺎﻡ ‹ﺳﻪﻣﯩﺌﻪﻟﻼﮪﯘ ﻟﯩﻤﻪﻥ ﮪﻪﻣﯩﺪﻩھ› ﺩﯦﺴﻪ، ‹ﺭاﺑﺒﻪﻧﺎ ﻟﻪﻛﻪﻟﮭﻪﻣﺪ› ﺩﻩﯕﻼﺭ؛ ﺳﻪﺟﺪﻩ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺳﻪﺟﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ؛ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ، ﮪﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻗﯘﯕﻼﺭ؛ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﺍ ﺳﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺭﯗﺳﻼﯕﻼﺭ! ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﻪﭘﻨﻰ ﺭﯗﺳﻼﺵ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﮪﯚﺳﻨﻰ ﻛﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ».(2)
ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان ئەھۋالدا سەھۋەنلىك سەۋەبىدىن سەجدە سەھۋى قىلسا ئىمامغا مۇخالىپەتچىلىك قىلغان بولىدۇ.
ئەمدى جامائەت نامىزىغا تولۇق ئۈلگۈرەلمىگەن كىشى، ئىمام بىلەن بىللە ئوقۇغان رەكئەتلەردە ياكى ئىمام سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆتۈپ كەتكەن رەكئەتلەرنى تولۇقلاپ ئوقۇۋاتقىنىدا سەجدە سەھۋى قىلىشنى كېرەك قىلىدىغان بىرەر سەھۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قالسا، نامىزىنىڭ ئاخىرىدا سەجدە سەھۋى قىلىشى كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق ئەھۋالدا، نامازنىڭ قالغىنىنى ئۆزى يالغۇز ئوقۇيدۇ. شۇڭا، بۇ ئەھۋالدا سەجدە سەھۋى قىلسا ئىمامغا مۇخالىپەتچىلىك قىلغان بولمايدۇ.
ئاللاھ نامازلىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 30 – شەئبان / م. 2010، 31 – ئىيۇل
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 50 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/144.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (722)؛ «مۇسلىم»، (435).
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…