(ھىجرىيە 1353 – 1433 / مىلادىيە 1934 – 2012)
ئاللاھنىڭ بۇ دۇنيادىكى تەقدىر – قىسمەتلىرى تولىمۇ ھەيران قالارلىق، ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى كىشىنى گاڭگىرىتىپلا قويىدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىغا مۇناسىپ يول كۆرسىتىشلىرىدىن ئەقىللەر لال بولسا، پاراسەتلەر تېگىگە يېتىشتىن تولىمۇ ئاجىزدۇر. ئۇ قانداق چاغدا نېمىنى خالىسا شۇ ئىش چوقۇم يۈز بېرىدۇ، ئۇ بىرەر ئىشنى تەقدىر قىلسا ياكى پۈتۈۋەتسە، ئۇ ئىشنىڭ شۇ پېتى ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇقەررەر. بىز ئۇنى بارچە ئەيىب – نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىزكى، ئۇ قاچانكى بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسا ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل!» دەيدۇ – دە، ئۇ ئىش شۇ ھامانلا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
مەريەم جەمىيلە ھەققىدە سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئىلگىرى ئامېرىكىلىق بىر يەھۇدىي ئايال ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىككى، ئۇ نە ئىسلامنىڭ تەرەققىياتى بولمىغان، نە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشى ئالغا باسمىغان بىر دەۋردە كىشىنى ھەم ھەيران قالدۇرىدىغان، ھەم گاڭگىرىتىپ قويىدىغان رەۋىشتە ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە نائىل بولىدۇ. دەرۋەقە، ئاللاھنىڭ ھىدايىتى توساق تونۇمايدۇ، ئاشالمىغان داۋان قالمايدۇ – دە!؟.. بەئەينى قۇياش نۇرى قاتمۇقات ئاتموسفېرا قاتلاملىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ يەر يۈزىگە يېتىپ كەلگەندەك، ئاللاھنىڭ ھىدايىتىمۇ قەلبلەرگە شۇنداق يېتىپ بارىدۇ. يورۇقلۇق قاراڭغۇ زۇلمەتلەرگە قانداق ئىچكىرىلەپ كىرگەن بولسا، ئاللاھنىڭ ھىدايىتىمۇ شۇنداق كىرىدۇ.
بۇ مۆھتەرەم ئايال 1934 – يىلى ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە گېرمانىيەلىك بىر يەھۇدىي ئائىلىدە دۇنياغا كېلىدۇ. جەمىيلەنىڭ ئەسلى ئىسمى مارگېرت ماركوس بولۇپ، ئۇنىڭ جاھىلىيەت توزانلىرى بىلەن قاپلانغان بىر مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن تۇرۇپمۇ ئاللاھنىڭ ئىنايىتىگە نائىل بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتى شۇكى، ئۇ ھاياتىدا ھاراقنى ئېغىزىغا ئېلىپ باقمىغان، ئەرلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىپ باقمىغان ھەمدە كوللېكتىپ مۇراسىملارغا قاتنىشىپمۇ باقمىغان ئىدى. مانا بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئايال ئۈچۈن تولىمۇ ھەيران قالارلىق.
ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا يەھۇدىيلارنىڭ يەكشەنبىلىك مەكتىپىدە ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرگە قاتنىشىپ، ھاخامنىڭ([1]) ۋەزلىرىنى تىڭشايتتى. شۇ مەزگىلدە بىر قېتىم ھاخام ئۇلارغا ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا نەۋرە تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر يەرگە جەم بولۇش ئۈچۈن پەلەستىنگە بېرىش ئىستىكى قوزغىلىدۇ. بىر قانچە كۈندىن كېيىن توساتتىن ئاتا – ئانىسىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ 1947 – يىلىدىكى «پەلەستىننى پارچىلاش قارارى» مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، يەر يۈزىدىن يوقالغان يەھۇدىي دۆلىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىئانە توپلاۋاتقانلىقىغا، قىسقا بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ يەنە يەھۇدىيلارنىڭ ھىجرىيە 1367 – /مىلادىيە 1948 – يىلىدىكى غەلىبىسىنى تەبرىكلەۋاتقانلىقىغا شاھىت بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ئاھۇ – پىغانلىرى ۋە دەرت – ئەلەملىرى بەدىلىگە يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇشقا قارشىلىق بىلدۈرۈپ ئاتا – ئانىسى بىلەن بەس – مۇنازىرە قىلىدىغان بوپقالىدۇ. ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھەيران قالىدۇ.
شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئۇمۇ باشقا قىزلارغا ئوخشاش ئۇزۇن ھەم كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تېمىلارنى ئوقۇشقا كىرىشىدۇ. ئەسلىدە ئۇنى ئازغۇنلۇقتىن يىراقلاشتۇرۇپ، ھىدايەت يولىغا يېتەكلىگەن ئىش مۇشۇ ئىدى. ئۇ تۇنجى بولۇپ ئەنگېلىيەلىك مۇسۇلمان مۇھەممەد پىسكېل ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلغان قۇرئان كەرىمنى ئوقۇيدۇ ھەمدە ئوقۇغانلىرى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. دەرۋەقە، مۇشۇ تەرجىمە ئۇنىڭ ھاياتىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئىدى. مەريەم بۇ تەرجىمە بىلەن يۈسۈف ئەلىينىڭ تەرجىمىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، يۈسۈف ئەلىينىڭ تەرجىمىسىنى بىر قەدەر ئاجىز ۋە تەبرىيرىيە([2]) قارىشىغا مايىل تەرجىمە قىلىنغان دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. مەريەمنىڭ قارىشىچە، تەرجىمان گەرچە ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ مەنىلىرىنى تەرجىمە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا غەرب مەپكۇرىسىنڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن ئىدى. مانا بۇ، مەريەمنىڭ چۈشەنچىسىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان مۇھىم ھالقىدۇر.
بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇ نىيۇيوركتىكى خەلق كۇتۇپخانىسىدا «مىشكاتۇلمەسابىيھ» ناملىق كىتابنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ. ئۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى توپلانغان كىتاب بولۇپ، مەريەم ئۇ كىتابنى تولۇق تۈگەتكەنگە قەدەر قاتتىق بېرىلىپ ئوقۇيدۇ. ناۋادا كۈنىمىزدىكى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىيلىرىمىزدىن بۇ كىتاب ھەققىدە سورىسىڭىز، ئېھتىمال ئۇلار ئۇ كىتابنى تولۇق ئوقۇش تۈگۈل، ئىسمىنىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن. مەريەمنىڭ دەسلەپتىلا مۇشۇنداق زور مىقداردىكى ھەدىسلەردىن خەۋەردار بولۇشى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان مېھىر – شەپقىتىدىن ئىبارەت ئىدى. بۇ قەدەر كەڭ مەلۇمات ئۇنى قۇرئانچىلار([3]) ۋە ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇقىدىن ساقلاپ قالغان ئىدى. ئۇ، ئىسلامنىڭ ھەر ئىككى مەنبەسى – قۇرئان ۋە ھەدىس – ھەققىدە مول مەلۇماتقا ئىگە بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مەنىلىرىنى بىلىش ئارقىلىق ئىسلامنى ئىنتايىن ياخشى چۈشەنگەن ئىدى.
مەريەم ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى نىيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، كۈتۈلمىگەن بىر كېسەللىك سەۋەبىدىن ئىككى يىل ئوقۇشتىن توختاپ قالىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇنى ھەر تەرەپتىن ۋەسۋەسىلەر چىرمىۋالىدۇ. ھەتتا بىر مەزگىل دىنسىزلىق يولىنى تاللايدۇ. لېكىن ئۇ كۆپ ئوقۇش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق قايتىدىن ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە نائىل بولىدۇ.
ھەيران قالارلىق ئىش شۇكى، ئۇ يۈكسەك شىجائەت ۋە ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق ئۆز دەۋرىدە كاتتا شۆھرەت قازانغان بىر بۆلۈك مۇسۇلمان شەخسلەر بىلەن ئالاقە باغلايدۇ، شۇنداقلا ئالجىرىيەدىكى بەشىير ئىبراھىيمىيغا، جەنىيفتىكى سەئىيد رامازانغا، سۈرىيەدىكى مەئرۇف دەۋالىيىيغا ۋە قاھىرە تۈرمىسىدىكى سەييىد قۇتۇبلارغا – ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن – مەكتۇپلار ئەۋەتىدۇ. ئۇستاز سەئىيد رامازان مەريەمگە سەييىد قۇتۇبنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن خەت – چەك ئالاقىسىدە بولۇپ تۇرۇشنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
مەريەم شۇ جەرياندا باشقا بىرقانچە كىشىگىمۇ ئايرىم – ئايرىم مەكتۇپلار ئەۋەتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇستاز مەۋدۇدىي بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدۇ. مەريەم ئۇستاز مەۋدۇدىينى جەنۇبىي ئافرىقىدا چىقىدىغان ئىسلامىي ژۇرنالغا بېسىلغان بىر ماقالىسى ئارقىلىق تونۇيدۇ ھەمدە ئۇستاز سەييىد قۇتۇبمۇ ئۇنى شەيخ مەۋدۇدىي بىلەن ئالاقە باغلاشقا تەۋسىيە قىلىدۇ. شەيخ مەۋدۇدىينىڭ بۇ ماقالىسى مەريەمنىڭ باشقىچە دىققىتىنى تارتقان بولسىمۇ، ئۇ ئۇستازنىڭ پاكىستاندىكى ئادرېسىغا بىر مەكتۇپ ئەۋەتىپ قويۇپلا ئانچە ئېرەنشىپ كەتمەيدۇ. لېكىن ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن ئۆزىگە جاۋاب مەكتۇپى كەلگەندە تولىمۇ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن ئوتتۇرىسىدا ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت خەت – چەك ئەۋەتىشلەر داۋاملىشىدۇ. مەريەم ئۇستازغا ئەۋەتكەن خەت – چەكلەردە ئامېرىكا ۋە كانادا تاراتقۇلىرىدا ئۇنىڭ ھەققىدە بولۇنغان گەپ – سۆزلەرنى يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.
ئىككەيلەن ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خەت – چەك ئالاقىلىرىدىن مەريەم جەمىيلەنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە چوڭقۇر ئىلمىي ساپاغا ئىگە ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى. ئۇ شەيخ مەۋدۇدىيدىن بىر قانچە كىشى ھەققىدە تۈرلۈك سوئاللارنى سورايتتى ۋە ئۇلاردىن ئۇققان بەزى تېمىلاردا ئۇزۇن – ئۇزۇن مۇنازىرىلەر ئېلىپ باراتتى. مەسىلەن، مەريەم شەيخ مەۋدۇدىيدىن شاھ ۋەلىييۇللاھ دېھلەۋىي ھەققىدىمۇ سوئاللار سورايدۇ. شاھ ۋەلىييۇللاھ دېھلەۋىي ھىندىستان تارىخىدىكى كاتتا شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسلاھاتچىلاردىن سانىلاتتى. مەريەم ئۇ كىشىنى مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ سىرتىدا، يېڭى بىر مەزھەب پەيدا قىلماقچى دەپ ئويلايتتى. شۇنىڭ بىلەن شەيخ مەۋدۇدىي شاھ ۋەلىييۇللاھنىڭ مەقسىتى تۆت مەزھەبنى شەرھىيلەپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر ئىجتىھاد ئىكەنلىكى، ئەمەلىيەت مەريەمنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەمەسلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىدۇ.
مەريەم شەيخ مەۋدۇدىيدىن مەشھۇر شائىر مۇھەممەد ئىقبالنىمۇ سۈرۈشتە قىلىدۇ. شەيخكە ئۇنىڭ ئۆز شېئىرلىرىدا مىللەتچىلىك، يۇرتۋازلىقنى تەرغىب قىلغانلىقىنى ئېيتقاندا، شەيخ مەريەمنىڭ دېگەنلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ مۇشۇ ئىشنىڭ ئىقبالنىڭ سەل ئاشۇرۇۋەتكەن ئىشلارنىڭ بىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
مەريەم يەنە شەيختىن جامال ئابدۇنناسىر ھەققىدە سورايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان، پەقەت شۆھرەت قازىنىش ئۈچۈنلا ھەرىكەت قىلىدىغان بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئافرىقا ۋە باشقا نامرات رايونلارغا بەرگەن پۈتۈن ياردەملىرىنىڭ پەقەت ئۆز چۆنتىكىنى توملاشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى ئېيتىدۇ. مانا بۇمۇ مەريەمنىڭ جامال ئابدۇنناسىرنىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئاشۇ قىيىن پەيتلەردە كۆپلىگەن ئىشلارنى ناھايىتى ئىنچىكە چۈشەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئەينى چاغدا جامال ئابدۇنناسىرنىڭ كۈچلۈك خاراكتېرى ۋە مىللەتچى تەشەببۇسلىرى كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئاداشتۇرۇۋەتكەن ئىدى. مەريەم جەمىيلەنىڭ 50 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىلا جامال ئابدۇنناسىرنىڭ خاراكتېرىنى شۇ دەرىجىدە ئېنىق چۈشەنگەنلىكىنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ ئىلغار پىكىرلىك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
مەريەم يەنە شەيخ مەۋدۇدىيدىن مۇستافا كامال ئاتاتۈرك ۋە ئۇ تۈركىيەدە مەيدانغا كەلتۈرگەن تراگېدىيەلەر ھەققىدە سوئاللار سورايدۇ. مەريەمنىڭ سەئىيد نۇرسىي ھەققىدە ئېيتقان مۇنداق گۈزەل بىر جۈملە سۆزى بار: «تۈركىيەدە ئىمان – ئىسلامنىڭ مەۋجۇدلۇقى بەدىيئۇززامان سەئىيد نۇرسىينىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ سەمەرىسى، دېسەك ھەرگىزمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز».
مەريەم يەنە شەيختىن ئەينى چاغدا ئەمدىلا تارقىلىشقا باشلىغان ۋە ئامېرىكىدا زىرار مەسجىدىنى تەسىس قىلغان قادىيانىيلەر ھەققىدە سورايدۇ. بۇ خىل سوئال سوراشلار ۋە مۇنازىرىلەرنىڭ ھەممىسى مەريەم يەھۇدىي ۋاقتىدا يۈز بەرگەن ئىدى. ھەيران قالارلىقى تەرىپى شۇكى، ئۇ تېخى يەھۇدىي تۇرۇپ چۈشىنىش، پىشىپ يېتىلىش ۋە ئاڭ – سەۋىيەدە كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلارمۇ يېتەلمىگەن يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەنلىكى ئىدى.
بۇ نۇقتىدا شەيخ مەۋدۇدىينىڭ غەيرىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئۇ كىشى ئىشلىرى شۇنچىۋالا كۆپ بولۇشىغا قارىماي، بىر يەھۇدىي ئايالغا جاۋاب خەت يېزىشقا سەل قارىمايدۇ. ئۇ مەريەمنىڭ ھەربىر مەكتۇپىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ. شەيخ ئۇنىڭ بارچە مەكتۇپلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن كۈتۈلمىگەن ياخشىلىقلار مەيدانغا كېلىدۇ. ھىجرىيە 1381 – /مىلادىيە 1961 – يىلى ئاللاھ تائالا مەريەمنىڭ قەلبىنى ئىسلامغا ئېچىۋېتىدۇ. ئۇ نىيۇيورك شەھىرى بىروكلىين رايونىدىكى بىر مەسجىد ئىمامىنىڭ يېنىغا بارىدۇ. ئىمامنىڭ ئىسمى داۋۇد فەيسال دېگەن كىشى بولۇپ، مەريەم شۇ كىشىنىڭ قولىدا شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولىدۇ ۋە شۇ چاغدىلا ئىسمىنى مەريەم جەمىيلە دەپ ئاتايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ھاياتىدىكى ئاجايىب ئېغىر سىناق ۋە كۈلپەتلەرگە تولغان بىر مەزگىلگە قەدەم قويىدۇ. مەسىلەن، ئۇ مەسجىدكە بېرىپ، باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ. مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ جامال ئابدۇنناسىر ۋە مۇستافا كامال ئاتاتۈرك ھەققىدىكى قاراشلىرىدىن قاتتىق غەزەبلىنىدۇ. بىر كۈنى ئۇنىڭ قېشىغا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان سەئۇدىيلىق بىر ئوقۇغۇچى كېلىپ، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ چېركاۋىدا خىرىستىيانلار بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇشى كېرەكلىكىنى، ھېچبولمىسا ئۇنىۋېرسىتېتتىكى خىرىستىيان ئەخلاقى دەرسلىرىگە قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ.
يەنە بىر كۈنى ئۇ نىيۇيوركتىكى تۇنىس تىجارەت مەركىزىنى كۆرۈپ، تولىمۇ خۇشال بولغان ھالدا سودا سارايغا كىرىدۇ. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ساراينىڭ ئاستىدىن – ئۈستىگىچە ھەممە قەۋىتىگە لىق تىزىۋېتىلگەن ھاراقلارنى كۆرۈپ چۆچۈپلا كېتىدۇ. يەنە فرانسىيەلىك بىر ئايال مەمۇردىن بۇرقىيبە([4])نىڭ تۇنىستا يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويغىنىنى، شۇڭا ئەمدى دىننى ئارقىغا چۆرۈۋەتكىنىنى ئاڭلاپ گاڭگىراپلا قالىدۇ.
مەريەم ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىش ئىزدەپ نىۇيوركتىكى «ئەلمەركەزۇل – ئەرەبىي»گە بارىدۇ. مەركەزدىكى مەسئۇللار ئۇنىڭ ئەسلى بىر يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى، كېيىن مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ھەمدە جامال ئابدۇنناسىرنىڭ پائالىيىتى ۋە پىكىرلىرىگە قارشى تۇرىدىغان بىرى ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپلا ئۇنى سوغۇق مۇئامىلىلەر بىلەن رەت قىلىدۇ.
ئۇ ئادەتتە مەسجىدتە جۈمە نامىزى ئوقۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆز – ئارا ھەر ھەپتە بىرسى خۇتبە ئوقۇيدىغانغا كېلىشىدۇ. مەريەمنىڭ نۆۋىتى كەلگەندە ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ نۆۋەتتىكى ناچار ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە ئاجايىب قالتىس بىر خۇتبە يازىدۇ ھەمدە ئۇ خۇتبىنى مەريەمنىڭ ساۋاقداشلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئوقۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا قارشى چىقىدۇ. چۈنكى مەريەم مىللەتچىلىك ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى يامان ئاقىۋەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئىسلامىي گەۋدىدىكى بىردىنبىر كېسەللىك ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بەرگەن ئىدى.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە شەك قىلىدىغان، ئۇنىڭغا مۇستافا كامال ئاتاتۈرك ۋە نەھرۇنىڭ تۇتقان يولىنى پەردازلاپ كۆرسىتىدىغانلارمۇ بار ئىدى.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مەريەم ئەقىدىسى، پىكرى ۋە يۈكسەك ساپاسى تۈپەيلىدىن كۆپلىگەن كۈلپەتلەرگە ئۇچرايدۇ. ئامېرىكىدا ئۇنى تونۇغان – بىلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قىلچە كارى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەريەم بولغان ئەھۋالنى ئۇستاز مەۋدۇدىيغا ئېيتىپ بېرىدۇ.
يۈز بەرگەن بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭغا ئۇزۇنغا قالماي ئۆزلىرىنىڭ پېنسىيەگە چىقىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن مەريەم تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تۆت ھۇجرىلىق ئۆيدىن باشقا كىچىكرەك بىر ئۆيگە كۆچۈپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۇ ئۆيدە مەريەمنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى، شۇڭا تۇرالغۇ ئىشىنى ئۆزى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. مەريەم بۇ چاغدا 27 ياشتا بولۇپ، دۇنيا ئۇنىڭغا ھەقىقەتەنمۇ تار كېلىدۇ.
ئۇستاز مەۋدۇدىي ئىلگىرى ئۇنىڭغا بىرقانچە قېتىم پاكىستانغا كۆچۈپ كېلىش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ بۇ ھەقتە ئىككىلىنىپ قالغان ئىدى. يۇقىرىدىكى ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن پاكىستانغا كېتىشنى قارار قىلىدۇ. ئۇستاز ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىغا مەكتۇپ يېزىپ، نازۇك ئىبارىلىرى بىلەن ئۇلارنى قايىل قىلىدۇ ۋە قىزىغا چوقۇم ياخشى قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ كۆڭلىنى تىندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەريەم سەپەر تەييارلىقى قىلىدۇ ۋە م 1962 – / ھ 1382 – يىلى نىيۇيورك شەھىرىدىن ئايرىلىپ، پاراخوت بىلەن لاھۇرغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. نېمىدېگەن مۈشكۈل سەپەر ھە!؟.. لېكىن چوڭقۇر ئىمان ھەرقانچە قىيىنچىلىق ۋە جاپا – مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ تاشلايدۇ. ھەيران قالارلىق ئىش شۇكى، پاراخوت ئىسكەندەرىيە پورتىدا توختىغاندا مەريەم پاراخوتتىن چۈشىدۇ ۋە بىر مەسجىد تېپىپ، ناماز ئوقۇيدۇ. مەسجىدنىڭ ئىمامى ئۇنىڭ قاياققا كېتىۋاتقانلىقىنى سورايدۇ. مەريەم پاكىستانغا ماڭغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىمام دەرھال: كاللاڭ جايىدىمۇ؟ ئامېرىكىنى تاشلاپ، نەگە كېتىۋاتىسەن؟ – دەيدۇ.
بۇ ئىمامنىڭ ئىشنىڭ تېگىگە يەتكەنلىكى ۋە مەريەمنىڭ بېشىغا كەلگەن مۈشكۈل پەيتتىكى سەۋرچانلىقى ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
مەريەم سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاخىرى لاھۇرغا يېتىپ كېلىدۇ. ئۇستاز مەۋدۇدىي ئۇنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ ۋە ئىككى يىل ئۆز ئۆيىدە تۇرغۇزىدۇ. ئاندىن كېيىن مۇھەممەد يۈسۈپخان ئىسىملىك بىر دوستىغا تويىنى قىلىپ بېرىدۇ. مۇھەممەد يۈسۈپخان بەش پەرزەنتى بار ئۆيلۈك كىشى بولسىمۇ، بۇ قالتىس ئايال كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى رەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئامېرىكىدىكى ۋاقتىدىلا ئىسلامنىڭ بۇ ھۆكمىگە قايىل بولغان ئىدى. بۇرقىيبەگە ئوخشاش بۇ ھۆكۈمگە قارشى چىققۇچىلارغا ۋە ئاقماس باھانە – سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ بۇ ھۆكۈمنى خاتا چىقىرىشقا ئۇرۇنغۇچىلارغا قاتتىق غەزەبلىنەتتى. ئۇ ئاخىرى لاھۇردا بۇ ھۆكۈمنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلايدۇ. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، مەريەم شەيخ مەۋدۇدىيغا ئۆزىنى نىكاھىغا ئېلىش تەكلىپنى بەرگەن بولۇپ، شەيخ مەۋدۇدىي مەريەمنىڭ تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلغان. چۈنكى ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى، ئىككى قىزى ۋە ئون ئىككى نەۋرىسى بار ئىدى.
مەريەم ئەينى چاغدا كۈندىشى بىلەن بىر تۇرالغۇدا تۇرغان بولسىمۇ، تۇرمۇشىدىن تولىمۇ خۇرسەن ھەم مەمنۇن ئىدى. ئېرى باشقا خوتۇن ئالسا جاھاننى بېشىغا كىيىپ، كۈندىشىنى كوچىغا چىقىرىۋېتىدىغان بىر قىسىم ئاياللار بۇ ئەھۋالنى ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك.
مەريەم م 1963 – /ھ 1383 – يىلىدىن بېرى تا بۈگۈنگىچە لاھۇردا ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ لاھۇردىن قەتئىي چىقىپ باقمايدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەر بېرىپ، ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئامېرىكىغىمۇ قايتمايدۇ.
مەريەم ئاجايىب ئىسلامىي بىر تۇرمۇشتا ياشىغان بولۇپ، ئۆيىدىكى ئاياللار يىغىلىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۈزلۈكسىز كىتابلار يازىدۇ، تەرەپ – تەرەپكە مەكتۇپلار يوللايدۇ. مەن ئۇنىڭغا تېلېفۇندا: سەئۇدىيغا كېلىپ، ھەج قىلىپ كېتىشنى ئېيتتىم. لېكىن ئۇ يېشىنىڭ چوڭىيىپ، ئاجىزلاپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ تۇرۇۋالدى. مەن يەنە ئۇنىڭغا: سىزنىڭ سەئۇدىي ئەرەبىستانغا كېلىشىڭىزنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىڭىزنى بىلىدىغان مۇسۇلمان ئاياللارغا زور تەسىرى بولاتتى دېدىم. بىراق ئۇ يەنىلا ئۆزرەخاھلىق ئېيتىپ تۇرۇۋالدى – ئاللاھ ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن – . مەن ئۇنىڭدىن: مۇسۇلمانلارغا بىرەر ۋەسىيىتىڭىز بارمۇ؟ دەپ سورىدىم. ئۇ: قۇرئاننى ۋە ھەدىسنى ئۆگىنىڭلار، غەرب مەدەنىيىتىنى قوغلاشماڭلار، ئىسلام مەدەنىيىتىنى كۆپ تەتقىق قىلىڭلار، دېدى.
مەريەمنىڭ ھاياتىدىكى بىرقانچە مۇھىم نۇقتىلار
1. ئۇ ئۆمرىنىڭ دەسلەپكى بىر قانچە يىلىنى پۈتۈنلەي دىنسىز ھالەتتە ئۆتكۈزگەن ئىدى. چۈنكى ئۇ تاكى ئىسلام دىنى ھاياتىنى نۇرلاندۇرغانغا قەدەر ئۆزىنىڭ ئىلمىي، پىكرىي ۋە مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان ھېچبىر دىن تاپالمىغان ئىدى.
2. ئۇ تولۇق ھىجابلىنىشقا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى. مەن ئۇنىڭ ساپ قارا رەڭلىك پۈركەنجە كىيگەن ھالەتتىكى سۈرىتىنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ھېچ يېرى كۆرۈنمەيتتى. بۇ، ئورىنىشقا سەل قاراپ، ھىجابنى مەنسىتمەيدىغان بارلىق مۇسۇلمان ئاياللار ئۈچۈن كۈچلۈك بىر سىگنالدۇر. چۈنكى مەريەم ئىلگىرى ئامېرىكىلىق بىر يەھۇدىي ئايال بولۇپ، مۇسۇلمان بولغاندىن تارتىپ مۇكەممەل ھىجابلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ئىدى.
3. مەريەم ئامېرىكىدىكى چېغىدا ئاتا – ئانىسىنى بىرقانچە قېتىم ئىسلامغا كىرىشكە دەۋەت قىلغان. لاھۇرغا كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇلارغا مۇشۇ ھەقتە بىرقانچە قېتىم مەكتۇپ ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار مۇسۇلمان بولۇشنى رەت قىلىدۇ ۋە م 1985 – /ھ 1405 – يىلى كاپىر پېتى دۇنيادىن كېتىدۇ. ئىمان دېگەن ئەنە شۇنداق نەرسە. كىمنىڭ قەلبىدە ئورۇن ئالسا، ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنى ئىمانغا دەۋەت قىلماي تۇرالمايدۇ، ئۇنىڭ بۇنداق مۇھىم ۋە ئۇلۇغ ئىشنى قىلماي تۇرۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ.
4. مەريەم ھاياتىدا 14 پارچىگە يېقىن كىتاب يازغان، ھېلىھەممۇ يېزىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن كىتابلىرىدىن جەڭگىۋار روھ، ئىلغار چۈشەنچە، كەڭ دائىرىلىك مەلۇمات ۋە يۈكسەك ئاڭ – سەۋىيە تۆكۈلۈپلا تۇرىدۇ. ئۇ پەلەستىنلىكلەرنىڭ تراگېدىيەسى ھەققىدە بىر پارچە كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «ئەھمەد خەلىيل» دەپ نام بەرگەن. ئۇستاز مەۋدۇدىي ئۇ كىتابنى پاكىستاندا نەشىر قىلدۇرغان.
5. مەريەم شەيخ مەۋدۇدىينى 19 – ئەسىرنىڭ ئەڭ كاتتا مۇتەپەككۇرى دەپ قارايتتى. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ ئۇستاز مەۋدۇدىيدىن باشقىمۇ سەئىد قۇتۇبقا ئوخشاش مەن يۇقىرىدا ئىسىملىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن كۆپلىگەن مەشھۇر كىشىلەر بىلەن خەت – چەك ئالاقىسىدە بوپباققان ئىدى. بۇ، نەزەر دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، ئىلمىي مەلۇماتى مول بىر ئايالنىڭ قىممەتلىك گۇۋاھلىقىدۇر.
6. مېنىڭ بۇ ئايالنى، ئۇزۇن – ئۇزۇن كىتاب ئوقۇش، مول ئىلمىي ساپا ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك مەشھۇر شەخسلەر بىلەن خەت – چەك ئالاقىسىدە بولۇش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن تولۇق قايىللىق نەتىجىسىدە ھىدايەتكە ئېرىشىشتىكى بۈيۈك ھەم مۇھىم نەمۇنە دەپ قارىشىمغا ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەرنى قوشۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن. مەريەم بۇ ئارقىلىق ئاز ئوقۇيدىغان، كۆپىنچىسىنىڭ ئىلمىي مەلۇماتى تۆۋەن بولغان قىزلارغا قالتىس بىر ئۆرنەك بولۇشقا يارايدۇ.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئىسلامنى يەتكۈزۈشتە زىممىمىزگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە نەقەدەر ئېغىر!.. ئەمما، ئارىمىزدا مەريەم جەمىيلەگە ئوخشاش ھەقنى ئىزدەپ، ھەقنى كۆزلەپ ياشايدىغان تالانتلىق كىشىلەر قانچىلىك؟
تۆۋەندىكى بىرىنچىسى مەريەمنىڭ ئوغلى ھەيدەرخاننىڭ ئامېرىكىدا ئىشلىتىدىغان تېلېفۇن نومۇرى. ئىككىنچىسى بولسا لاھۇردا ئىشلىتىدىغان تېلېفۇن نومۇرى. بارلىق ئوقۇرمەنلەردىن مۇشۇ نومۇرلار ئارقىلىق مەريەم بىلەن ئالاقىلىشىپ، كېچىككەن تەبرىكلىرىنى يەتكۈزۈشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.
001423485143
0092427155702
مەنبە: دوكتور مۇھەممەد مۇسا شەرىفنىڭ: «عظماء منسيون في التاريخ الحديث» ناملىق ئەسىرى.
تەرجىمىدە: سەھرا ئوغلى
([1]) ھاخام: يەھۇدىي دىن تارقاتقۇچىسى – ت.
([2]) خىرىستىيانلىق ئەقىدىسىنى ئاقلاش ۋە توغرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان خىرىسىتىيان دىنىغا ئائىت ئىلاھىيەتشۇناسلىق ئېقىمى – ت.
([3]) ئىسلامنىڭ ئاساسى پەقەت قۇرئان دېگەن پىكىرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامنى چۈشىنىشتە پەقەت قۇرئانغا ئاساسلىنىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ ھەدسىنى ئىنكار قىلىشقا تىرىشىدىغان بىر خىل ئېقىمدىكى كىشىلەر – ت.
([4]) ئەينى چاغدىكى تۇنىسنىڭ رەئىسى بولۇپ، 1957 – يىلىدىن 1987 – يىلىغىچە رەئىس بولغان. ئىسلام دىنىنى قالاقلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىغا سەۋەب بولغان نەرسە ئىسلام دېگەن باھانىلەر بىلەن خەلقنى دىنسىزلىشىشقا ۋە ئاياللارنى يالىڭاچلىشىشقا تەشەببۇس قىلغان ھەم شۇ ھەقتە قانۇن يولغا قويغان – ت.