سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سۈننى مەزھەبى بىلەن شىئە مەزھەبى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت زادى نېمە؟ ھازىرقى ئىران ھاكىمىيىتى شىئە مەزھەبىنىڭ قايسى تۈرىگە مەنسۈپ؟ بىز ئۇلارغا قارىتا قانداق قاراشتا بولساق ئەڭ توغرا بولغان بولىدۇ؟ شىئە مەزھەبى ھەققىدە تەپسىلىيرەك مەلۇمات بەرگەن بولساڭلار.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
«شىئە» دېگەن سۆز لۇغەتتە بىر گۇرۇپپا تەرەپدارلارنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئاتالغۇ ئىمام ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تەرەپدارلىرىغا خاس بولۇپ ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.
شىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا تەتقىقاتچىلارنىڭ قاراشلىرى بىردەك ئەمەس، بەزىلەر: بۇ تائىپە پادىشاھلىرىنى ئىلاھىيلاشتۇرۇپ كۆنۈپ قالغان پارسلارنىڭ ئەھلى بەيتنى(1) ئۇلۇغلاپ ئىماملارنى مۇقەددەسلەشتۈرۈشىدىن كېلىپ چىققان، دەپ قارىغان.
يەنە بەزىلەر: شىئەلەر پەيدا بولۇشتا ئىسلامغا زىيان ئۇرۇش ئۈچۈن مۇسۇلمان بولۇۋالغان يەھۇدىي ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئكە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئۇ مۇسۇلمانلار جامائىتىنى بۆلۈۋېتىش، ئۇلارنىڭ شانۇ – شەۋكىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن مۇشۇ مەزھەبنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. يەنى شىئەلەرنىڭ تېگى يەھۇدىيلارغا تۇتۇشىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ بەزى شەرقشۇناسلارنىڭ قارىشىدۇر.
لېكىن، توغرىسى، بۇ تائىپىنىڭ كېلىپ چىقىشى يا پارسلارغا ياكى يەھۇدىيلارغا بېرىپ تاقالماي ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي سۈپەتلىرىگە، شۇنداقلا تۇغقانچىلىق جەھەتتىن ۋە ئۇندىن باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەڭ يېقىن كىشى بولغانلىقىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. چۈنكى، ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىچىكىدىن تارتىپ رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە چوڭ بولغان، رەسۇلۇللاھ ئۇنى تەربىيەلىگەن، ئۇ دەسلەپ مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ بىرى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئەڭ سۆيۈملۈك قىزىنى ياتلىق قىلىپ ئۇنى كۈيئوغۇل قىلىۋالغان، ئۇ رەسۇلۇللاھقا پەۋقۇلئاددە پىداكارلىقلارنى قىلغان، يەنە تەقۋادارلىق، زاھىدلىقتا ئالاھىدە پەزىلەتكە ئىگە بولغان… دېمەك، ھەزرىتى ئەلىنىڭ پەزىلەتلىرى، ئالاھىدىلىكلىرى كۆپ. شۇڭا، كېيىنچە، خەلىفە تاللاش ئىشلىرىدا ئەممار، سالمان، ھۇزەيفە، ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردەك بىر قىسىم ساھابەلەر ھەزرىتى ئەلىنى ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بىلەن ھەزرىتى ئۆمەردىن ئەۋزەل، دەپ قارىغان. لېكىن، دەسلەپكى خەلىفەنى تاللاش ئىشى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنى خەلىفە قىلىپ تاللاش بىلەن ئاياغلاشقاچقا، ھەزرىتى ئەلى ئۆزىنى خەلىفە بولۇشقا ھەقلىقراق دەپ قاراپ، ئەبۇبەكرىگە بەيئەت قىلىشقا ئۇنىمىغان. «سەھىھۇلبۇخارىي»دا كەلگەن بۇ ھەدىس شۇنى كۆرسىتىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى پاتىمە رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەبۇبەكرى سىددىقتىن ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھقا ئۇرۇشسىز غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن ماللاردىن تېگىشلىك مىراسىنى تەقسىم قىلىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىپ ئادەم ئەۋەتىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنەدىكى، فەدەكتىكى ۋە خەيبەردىكى بەشتىن بىرىدىن قالغان ۋەقف مال – مۈلۈكتىن ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىز پەيغەمبەرلەردىن مىراس قالمايدۇ. قالدۇرغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى سەدىقىدۇر، پەقەتلا مۇھەممەدنىڭ ئائىلىسى بۇ مالدىن كۇپايىلەنگىدەك مىقداردا يەيدۇ» دېگەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەقفلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا قانداق بىر تەرەپ قىلىنغان بولسا، ھېچنىمىنى ئۆزگەرتمەي بىر تەرەپ قىلىمەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قانداق بىر تەرەپ قىلغان بولسا، شۇنداق قىلىمەن، دەپ ئۇ ماللاردىن فاتىمەگە بىرنەرسە بېرىشكە ئۇنىمىغان ئىدى، فاتىمە خاپا بولۇپ تاكى ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر ئەبۇبەكرىگە گەپ قىلمىغان.— زۇھرىي دېدى: فاتىمە رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئالتە ئاي ئۆمۈر كۆرگەن.— فاتىمە ۋاپات بولغان چاغدا، ئۇنى ئېرى ئەلى ئەبۇبەكرىگە خەبەر قىلمايلا ئۇنىڭ نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرۈپ، كېچىدە دەپنە قىلىۋەتتى. فاتىمە ھايات چېغىدا خەلق ئاممىسى ئەلىنى (ئەبۇبەكرىگە كېلىپ بەيئەت قىلىشتا كېچىكىشتە) مەزۇر كۆرەتتى، فاتىمە ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەلى ئامما نارازىلىقىنى ياقتۇرماي ئەبۇبەكرى بىلەن يارىشىپ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلماقچى بولدى، ئۇ ئاشۇ ئايلارغىچىلا ئەبۇبەكرىگە بەيئەت قىلمىغان ئىدى. ئۇ ئۆمەرنىڭ ئەبۇبەكرى بىلەن بىللە كېلىشىنى (تاپا – تەنە قىلىپ ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىشىنى) ياقتۇرمىغانلىقتىن:
— بىرەرسىنى ھەمراھ قىلماي ئۆزۈڭ يالغۇز كەلگىن— دەپ ئەبۇبەكرىگە ئادەم ئەۋەتكەن ئىدى. ئۆمەر ئەبۇبەكرىگە:
— ياق! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ قېشىغا ئۆزۈڭ يالغۇز كىرسەڭ بولمايدۇ، — دەپ تۇرۇۋالدى، ئەبۇبەكرى:
— سېنىڭچە ئۇلار ماڭا نېمىلەرنى قىلىپ كېتەر؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ قېشىغا چوقۇم بارىمەن، — دەپ ئۇلارنىڭ قېشىغا باردى. ئالدى بىلەن ئەلى شاھادەت ئېيتىپ ئاندىن:
— بىز سېنىڭ پەزىلىتىڭنى ۋە ئاللاھنىڭ ساڭا بەرگەن ئاتاسىنى بىلىمىز. ئاللاھ ساڭا بەرگەن ياخشىلىققا (خەلىفەلىككە) ھەسەت قىلغىنىمىز يوق. لېكىن، سەن خەلىفەلىك ئىشىدا ئۆز بېشىمچىلىق قىلدىڭ. بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يېقىن تۇغقان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن خەلىفەلىك ئىشىدا مەلۇم ھوقۇقىمىز بار دەپ قارايتتۇق، — دېدى. ئەبۇبەكرىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلۈپ كەتتى، ئاندىن ئەبۇبەكرى سۆز قىلىپ:
— جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئۆزۈمنىڭ تۇغقانلىرىغا سىلە – رەھىم قىلىشتىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇغقانلىرىغا سىلە – رەھىم قىلىش ماڭا سۆيۈملۈكرەك. ئەمما، مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى تالاش – تارتىشقا سەۋەب بولغان مۇشۇ (رەسۇلۇللاھ قالدۇرغان) مال – مۈلۈك بولسا، مەن ئۇنى خەيرىيەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىشتا بىپەرۋالىق قىلىپ قالمىدىم، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ماللارنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى كۆرگەن بولسام، شۇنداق قىلدىم. — دېۋىدى. ئەلى ئەبۇبەكرىگە:
— مەن ساڭا بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بەيئەت قىلىشقا ۋەدە قىلىمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇبەكرى پېشىننى ئوقۇپ بولۇپ، مۇنبەرگە چىقىپ ئالدى بىلەن شاھادەت ئېيتىپ ئاندىن ئەلىنىڭ ھەققى – ھۆرمىتىنى، ئۇنىڭ بەيئەت قىلىشتا كېچىكىپ قالغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېيتقان ئۆزرىلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئەلىگە مەغپىرەت تىلىدى. ئەلىمۇ ئالدى بىلەن شاھادەت ئېيتىپ، ئاندىن ئەبۇبەكرىنىڭ ھەققى – ھۆرمىتىنىڭ نەقەدەر كاتتىلىقىنى بايان قىلدى ۋە ئۇنىڭ بەيئەت قىلىشتا كېچىكىپ قالغانلىقى ئەبۇبەكرىگە ھەسەت قىلغانلىق جەھەتتىن ياكى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن پەزىلەتلەرگە كۆز يۇمغانلىق جەھەتتىن بولمىغانلىقىنى سۆزلەپ:
— لېكىن، بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يېقىن تۇغقان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن خەلىفەلىك ئىشىدا مەلۇم ھوقۇقىمىز بار دەپ قارايمىز. ئەبۇبەكرى بىز بىلەن كېڭەشمەستىن خەلىفەلىك ئىشىدا ئۆز بېشىمچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلىمىزدە نارازىلىق پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى، — دېۋىدى، بارلىق مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ:
— توغرا قىلدىلا، — دېيىشتى. ئەلى بۇ مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغان چاغدا مۇسۇلمانلار ئەلىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى».(2)
شۇنداق قىلىپ ھەزرىتى ئەلى ھەقىقىي سەمىمىيەتلىكى بىلەن ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە بەيئەت قىلىپ ياشىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى دۇنيادىن كېتىپ خەلىفەلىك ئىشىنى ھەزرىتى ئۆمەرگە تاپشۇرۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ تاللىشى ھەزرىتى ئۆمەرگە توختالغاندىن كېيىنمۇ ھەزرىتى ئەلى ئەبۇبەكرى زامانىدىكىدەكلا سەمىمىيەتلىك بىلەن خەلىفەگە ھەمدەمدە بولۇپ، يار – يۆلەك بولدى. ھەزرىتى ئۆمەردىن كېيىن گەرچە ئۇ خەلىفەلىككە ھەر جەھەتتىن لايىق بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىلگىرىكى ئىككى خەلىفەنىڭ تۇتقان يولىنى، يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى ئەينەن ئېلىپ مېڭىش مەسىلىسىدە ۋەدە بېرىپ قويسا كېيىن ئەينەن تۇتۇپ ماڭالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كەسكىن ۋەدە بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار خەلىفەلىك بەنى ھاشىم جەمەتىدىن بىرسىگە قولىغا كېلىپ قالسا، كېيىنچە، بەنى ھاشىم جەمەتىدە مۇقىملىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن ھەزرىتى ئۆمەردىن كېيىنمۇ ھەزرىتى ئەلى خەلىفە بولماي ھەزرىتى ئوسمان خەلىفە بولدى.
ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدىمۇ ھەزرىتى ئەلى بۇرۇنقىدەكلا خەلىفەگە سەمىمىي ياردەمچى بولۇپ كەلدى. ئاخىرى ھەزرىتى ئوسمان ئۆلتۈرۈلگەن ۋەقەلەر يۈز بېرىپ ھەزرىتى ئەلى خەلىفە بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا نىزا يۈز بېرىپ ئاخىرى ئابدۇراھمان ئىبنى مۆلجەمنىڭ قولىدا شەھىد قىلىندى. ئەلبەتتە، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ساھابە كىراملاردىن، تابىئىنلاردىن قوللىغۇچىلىرى بار ئىدى، بۇلار ئۇنى ھايات ۋاقتىدا قوللاپ پىداكارلىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى، ئىش – ئىزلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئەسلەيدىغان بولدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوبرازى بىر خىل ئۇلۇغلۇق، مۇقەددەسلىك، ئىلاھلىق تۈسىنى ئېلىشقا باشلىدى.
كېيىنچە، ئەھلى بەيت كىشىلىرى ئۆز ھەققىگە ئېرىشەلمەي ھاكىملار تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچرىدى. كىشىلەرمۇ ئۇلارغا ئامراقلىق قىلىپ ھېسداشلىق قىلىشقا باشلىغاندا ئاندىن ھازىرقى ئىستىلاھتىكى «شىئە تائىپىسى» شەكىللىنىشكە باشلىغان. ئەھلى بەيتنىڭ كىشىلىرى بۇ ئېقىمنىڭ ئۇلغىيىشىغا كۈچىگەن بولسىمۇ، دىنىي جەھەتتىن بىرەر ئاساس تېپىش زۆرۈر ئىدى، نەتىجىدە، شىئەلەر «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»تىن ئاساس تېپىشقا، تېپىلمىسا پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى.
ئاخىرىدا شىئە تائىپىسى نۇرغۇن تائىپىلەرگە بۆلۈنۈپ، بەزىلىرى بەكلا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتى.
دېمەك، شىئەلەرنىڭ تېگى شەرقشۇناسلار دەۋالغاندەك يەھۇدىيلارغا ياكى باشقىلار دەۋالغاندەك پارسلارغا تۇتاشمايدۇ، بەلكى شىئەلىك تەبىئىي شەكىللىنىپ، تەبىئىي ئۆسۈپ يېتىلگەن.(3)
شىئە مەزھەبىنىڭ باشقا مەزھەبلەردىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئاساسلىق قارىشى شۇكى، ھەزرىتى ئەلى خەلىفەلىك ئورنىغا چىقىشتا باشقا ساھابەلەردىن ھەقلىقراق، ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىفە بولۇشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆرسەتمىسى، تاپشۇرۇقى ۋە تەيىنلىشى بىلەن بولغان، مانا بۇ دەۋا شىئە گۇرۇھىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ تۈپ ئاساسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ دىنىي ئەقىدىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىدا، بۇ ئىشتا كېڭەش ياكى خەلقنىڭ ھېچ رولى يوق.
شىئەدىن باشقا بارلىق ئىسلام پىرقىلىرى خەلىفە ۋە دۆلەت رەئىسى خەلقنىڭ تاللىشى ۋە خەلق ۋەكىللىرىنىڭ كېڭىشى ۋە بەيئەت قىلىشى بىلەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
شىئەلەر خەلىفە بولۇش ياكى مۇسۇلمانلارغا رەئىس بولۇشنى پەيغەمبەرلىككە قىياس قىلىپ ئۇنىمۇ «ئىلاھىي بەلگىلەش» بىلەن بولىدۇ، «خەلقنىڭ تاللىشى» بىلەن بولمايدۇ، دەپ قارىغان. خەلىفەلەرگە پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش مەسۇملۇق مەرتىۋىسىنى بەرگەن. بەلكى، تېخى ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىنى پەيغەمبەرلىك مەرتىۋىسىدىن ئۈستۈن دەپ قارىغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزەرىدە پەيغەمبەرلىك «ۋاقىتلىق ئىلاھىي ئىلتىپات» بولۇپ، مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ رولى تۈگىگەن، ئەمما خەلىفەلىك بولسا پەيغەمبەرلىك تۈگىسىمۇ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ تۇرىدىغان «ئومۇمىي ئىلاھىي ئىلتىپات»، ھەتتا خۇمەينىي خەلىفەلەرنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ مۇقەررەب پەرىشتە ۋە ھەتتا پەيغەمبەرلەرنىڭ مەرتىۋىسىدىنمۇ ئۈستۈن ئىكەنلىكى ھەققىدە: «ئىماملىرىمىزنىڭ مۇقەررەب پەرىشتىمۇ، ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمۇ يېتەلمەيدىغان يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە ئىكەنلىكى مەزھەبىمىزنىڭ زۆرۈر تەقەززالىرىدىندۇر» دەيدۇ.
نورماللىرى بولسۇن، ئاشقۇنلىرى بولسۇن بارلىق شىئە تائىپىلىرى بۇ «ئىلاھىي بەلگىلەش» ئەقىدىسىدە بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بۇ ئەقىدىگە تانغان كىشى كافىر بولىدۇ.
لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭدىن باشقا قاراشلاردا بىرلىككە كېلەلمىگەن. مەسىلەن ھازىر شىئەنىڭ كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلىدىغان «12 ئىمام مەزھەبى» خەلىفەلىك ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن 12 – ئىمام غايىب بولۇپ كەتكەن، ئوتتۇرىغا چىقىشى «كۈتۈلگەن مەھدىي» دەل ئاشۇ غايىب ئىمام، ئۇ يوق چاغدا مۇجتەھىد ئالىملار ئۇنىڭ ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتەپ تۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ.
«كەيسانىييە پىرقىسى» ئىمامەتچىلىك ھەزرىتى ئەلىدىن ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييەگە يۆتكەلگەن دەپ قارايدۇ.
«ئىسمائىلىييە پىرقىسى» ئىمامەتچىلىكنىڭ ھەزرىتى ئەلىدىن تارتىپ ھەزرىتى جەئفەر سادىققا قەدەر ئارىلىقتا 12 ئىمام پىرقىسىغا ئوخشاش قارىغان. ھەزرىتى جەئفەردىن كېيىن ئوغلى مۇسا كازىمغا ئەمەس، ئوغلى ئىسمائىلغا يۆتكەلگەن دەپ ئايرىلىپ چىققان. ئۇلار ئىسمائىلدىن كېيىن ئۆزلىرى ئايرىم تەرتىپ بەلگىلىگەن. بۇ تائىپە شىئەلەرنىڭ ئەڭ ئازغۇنلىرى ھېسابلىنىدۇ.
«زەيدىييە مەزھەبى»(4) بولسا ئەھلىسۈننەتكە پىكىر جەھەتتىن ئەڭ يېقىن مەزھەب بولۇپ، بۇ مەزھەبتىكىلەر ئىلاھىي بەلگىلىمە ئەقىدىسى ھەققىدە: ئىلاھىي بەلگىلەش ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۆزىگە خاس بولماستىن مەلۇم سۈپەتلەرگە قارىتا بولغان، دەپ قارىغان.
دېمەك، زەيدىييەدىن باشقا شىئە تائىپىلىرى خەلىفەلىك مەرتىۋىسىدىكى ئىماملارنى مەسۇم ۋە مۇقەددەس ئورۇنغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىنى، ھەممە ئىلىملەرنى، ھەممە تىللارنى بىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا توختاۋسىز ئىلاھىي ئىلھام كېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، كىچىكىدىن تارتىپ بىر ئىنساندىن دەرس ئالماي ھەممە مەرىپەتنى بىلىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق سوئالغا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ، ئىمام مەسۇم بولغاچقا، بارلىق ئۈممەت خاتالاشسىمۇ ئىمام خاتالاشمايدۇ. ئىمام پەيغەمبەرنىڭ بارلىق ھوقۇقىغا ئىگە. شۇڭا، ئىمام دىنىي جەھەتتىن بىردىنبىر مەنبە ۋە ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ.
ئىمامەتچىلىك ئەقىدىسىدىن باشقا شىئەلەردە ئەھلىسۈننەتتىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە ئەقىدىلەر بار. مەسىلەن:
تەقىييە ئەقىدىسى
تەقىييە – مۇقەررەر زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىچكى ئېتىقادىنى يوشۇرۇپ باشقىچە كۆرۈنۈش. بۇ ئۇلارنىڭ نەزەرىدە دىننىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. شىئەلەر نەزەرىدە ئىمام ئەلى قاتارلىقلارمۇ تەقىييە قىلغانمىش. بەزىلىرى تەقىييە قىلىش ۋاجىب دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر خىل نىفاقتۇر. ئادەتتىكى بىر مۇسۇلمان كافىرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۇفۇر سۆز قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ ئەلى ۋە ئۇندىن باشقا ئىماملارغا بۇنداق رۇخسەت يوق. شىئەلەر ئىماملىرىدىن رىۋايەت قىلغان قارىمۇقارشى رىۋايەتلەرنى ئىزاھلاشتا «ماۋۇنى تەقىييە قىلىپ دېگەن» دەۋالىدۇ. بۇ مەسىلىنى شىئە ئىماملىرى ئۇسۇلۇلفىقھ قاتارىدىن قىلىپ ئىماملىرىدىن كەلگەن كۆرسەتمىلەرنىڭ بەزىسىنى رەت قىلىۋېتىشكە قوللىنىدۇ.
شىئەلەر ئاساسەن تەقىييە مەسىلىسىنى كافىرلارغا قارىتا ئەمەس، ئەھلىسۈننەتدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئىمام قەرەداۋىي رەفسەنجانىي بىلەن «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىدا قىلغان مۇنازىرىسىدە رەفسەنجانىي تەقىييە قىلىشقا ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿پەقەتلا ئۇلاردىن تەقىييە قىلساڭلار﴾(3/«ئال ئىمران»: 28) دېگەن سۆزىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەندە، ئىمام قەرەداۋىي: «بۇ دېگەن كافىرلارغا قارىتا دېيىلگەن ئايەت» دەپ رەددىيە بەرگەن ئىدى.
قايتىش ئەقىدىسى
بۇ ئەقىدىنىڭ مەزمۇنى ئاللاھ تائالا قىيامەتتىن بۇرۇن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغان جەمەتلىرىنى ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلارنى تىرىلدۈرۈپ مەزلۇملارنى ئىززەتلەيدۇ، زالىملارنى خارلايدۇ، كېيىن ئۇلارنى قايتا ۋاپات قىلدۇرىدۇ.
بەداﺋ ئېتىقادى
«بەداﺋ» دېگىنىمىز بۇرۇن بىلمىگەن نەرسە ئايان بولۇش، بىلمىگەننى بىلىش دېگەن بولۇپ، شىئەلەر ئاللاھ تائالاغا «بەداﺋ»نى مەنسۇپ قىلىشىدۇ. بۇ ئەسلىدە ئۇلارغا يەھۇدىيلاردىن سىڭگەن ئېتىقاد بولۇشى مۇمكىن. ھەقىقەتتە جانابىي ئاللاھ سۈبھانەھۇ ۋەتائالا ھەممە نەرسىنى ئومۇمىي ھەم تەپسىلىي، ئىلگىرى ۋە كېيىن مۇتلەق بىلگۈچىدۇر. كېيىن بىلىش ئاللاھ تائالاغا مۇھالدۇر.
بۇ ئەقىدىلەرنى ۋە بەك ئاشۇرۇۋەتكەن بۇزۇق تائىپىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا شىئە مەزھەبى مۇقىم ئىسلام ئەقىدىلىرى ۋە ئىسلام پائالىيەت – ئىبادەتلىرىدە باشقا ئىسلام پىرقىلىرى بىلەن ئاساسەن ئىتتىپاق. شۇڭا، ئۇلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر قىسمى، ئەسلىدە ئۇلار ئىمامەتچىلىك مەسىلىسىنى ئاساسلىق ئەقىدە مەسىلىسى قىلىۋالماي تارماق مەسىلە قىلغان بولسا، ئۇلار ئادەتتىكى ئەھلىسۈننەت مەزھەبلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولاتتى.
ھازىر «12 ئىمام مەزھەبى» ئىران، ئىراق، لىۋان، ئەزەربەيجان ۋە ئافغانىستاندا، ئىسمائىلىييە مەزھەبى ھىندىستان، پاكىستان، تۈركىيە، سۈرىيە ۋە لىۋاندا مەۋجۇد. لىۋاندىكى «ھىزبۇللاھ» ھەرىكىتىمۇ «12 ئىمام مەزھەبى»دە. بۇلارنىڭ «ئىمامىيە مەزھەبى» دەپ ئاتىلىشى ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىفەلىكى «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»تە كەلگەن دەپ قارىغانلىقىدىن بولغان. ئەمدى «12 ئىمام مەزھەبى» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب بولسا، ھەزرىتى ئەلىدىن تارتىپ 12 ئىمامنى زەنجىرسىمان بېكىتىشىدىن كەلگەن. زەيد ئىبنى ئەلىنىڭ ئىماملىقىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن «رافىزا» دەپ ئاتالغان. ھازىر يەكەن تەرەپلەردە «12 ئىمام مەزھەبى»دىكى شىئەلەرنىڭ پائالىيىتى جانلىنىپ قالماقتا.
«زەيدىييە مەزھەبى» شىئەنىڭ چوڭ پىرقىلىرىدىن بولۇپ، شىئەنىڭ ئەھلى سۈننىگە ئەڭ يېقىن تۇرىدىغىنى ھېسابلىنىدۇ. كالامىي قاراشلىرى مۇئتەزىلە بىلەن ئەشائىرە قاراشلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇلار يەمەن، ئوممان قاتارلىق جايلاردا بار.
ھازىر سۈرىيەدە خەلقنى قىرىۋاتقان ھاكىم «نۇسەيرىيە»(5) تائىپىسىمۇ، تۈركىيەدىكى «ئەلەۋىيلەر» تائىپىسىمۇ شىئەلەرنىڭ ئەڭ ئازغۇنلىرىنىڭ بىرىدۇر. «نۇسەيرىيە» دېگەن نام فىرانسىيەلىك مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن ئەلەۋىيلەرگە بېرىلگەن نام بولۇپ، بۇ تائىپىنى شىئەلەرنىڭ ئۆزىمۇ ئازغۇن دەپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ تېگى خرىستىئانلارغا تۇتىشىپ كېتىدۇ. بۇلار شام ساھىللىرىغا جايلاشقان بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئەلەۋىيلەرمۇ بۇلارغا ئاساسەن يېقىن كېلىدۇ. بۇلارنىڭ بەكلا ئازغۇن ئېتىقادلىرى بولغاچقا، ئۆز ۋاقتىدا ئىمام ئىبنى تەيمىييە نۇسەيرىيلەردىن خوتۇن ئېلىشنى ھارام قىلىپ، ئۇلارغا قارشى جىھاد قىلىشقا چاقىرىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى، مال – مۈلكىنى تارتىۋېلىشنى ھالال دەپ پەتۋا بەرگەن. بۇلار ئاساسەن ئىسلامغا پەقەتلا ئىسىم جەھەتتىنلا باغلىنىدىغان باتىنىي پىرقىدۇر.
دىيارىمىزدا تاشقورغاندىكى تاجىكلار شىئەلەرنىڭ «ئىسمائىلىييە» تائىپىسىغا تەۋە بولۇپ، بۇمۇ شىئەلەرنىڭ بەكلا ئازغۇن باتىنىي تائىپىلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇلار يەنە سۈرىيە، ئىران، پاكىستان، ھىندىستان، كەشمىر ۋە ئافرىقىدا بار بولۇپ، تارىختا بىرقانچە دۆلەت قۇرغان.
ھازىرقى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ %90 سۈننىي بولسا، قالغىنى شىئە، خاۋارىج ۋە ئابازىيلاردۇر.
ھازىر ئىراندىكى شىئەلەر «12 ئىمام مەزھەبى»گە تەۋە بولۇپ، ئەللامە مۇسا جارۇللاھ 1934 – 1935 – يىللاردا ئىران، ئىراقنى زىيارەت قىلىپ شىئە ئالىملىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش، شىئەلەرنىڭ كىتابلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىزدىنىش نەتىجىسىنى مۇنداق دەپ خۇلاسىلەيدۇ: «ماڭا ئېنىق ئايان بولدىكى، شىئەلەرنىڭ بۇ كىتابلىرى ئىسلام ئۈممىتى كۆتۈرەلمەيدىغان، ئىسلام ئۈممىتى رازى بولمايدىغان، ئىسلامنىڭ مەنپەئەتى تەقەززا قىلمايدىغان، ئىسلامنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىغا زىت كېلىدىغان نۇرغۇن ئىشلارغا ئىتتىپاق بولغان».(6)
«12 ئىمام مەزھەبى»دىكى شىئەلەرنىڭ دىنغىمۇ، ئەدەبكىمۇ زىت كېلىدىغان، ئەھلىسۈننەت پەقەت قوبۇل قىلالمايدىغان بەزى يامان قاراشلىرى بار. مەسىلەن:
ساھابە كىراملارنى تىللاش ۋە ئۇلارنى كافىر دەپ قاراش
شىئەلەرنىڭ كىتابلىرى ساھابە كىراملارنى كافىر دېيىش بىلەن تولغان، ساھابەلەردىن شىئەلەر تەرىپىدىن كافىر دېيىلمەي قۇتۇلۇپ قالغىنى پەقەتلا ھەزرىتى ئەلى ئەڭ يېقىن تۇرغان بىرقانچە ساھابە بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى ئاران يەتتىگە يېتىدۇ.
شىئەلەرنىڭ ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بىلەن ھەزرىتى ئۆمەرنى كافىر دەپ ھاقارەتلىشى بەكلا ئوچۇق – ئاشكارا بولۇپ، شىئەلەرنىڭ «ئەلۋافىي» دېگەن كىتابىنىڭ 44 – بېتىدە ۋە ئۇندىن كېيىنكى بەتلەردە ئەقىل قوبۇل قىلالمايدىغان سۆزلەر بار. ئۇلار بۇ ئىككى كاتتا ساھابەنى لەنەت قىلىنغان پاسكىنىلار، تاغۇتلار، مۇشۇ ئۈممەتنىڭ فىرئەۋنى بىلەن ھامانى، پەيغەمبەرگە دۈشمەنلىكتە، ئىسلامغا زىيان ئۇرۇشتا ئەڭ يامان مۇناپىق دەپ قارايدۇ.
ھەتتا ئىمام قەرەداۋىي رەفسەنجانىي بىلەن «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىدا قىلغان مۇنازىرىسىدە رەفسەنجانىيدىن شىئە ئىماملىرى شىئە ئاۋاملىرىنى ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا لەنەت قىلىشتىن توسقان بولسا، دەپ تەلەپ قىلسا، رەفسەنجانىي رەت قىلغان ئىدى.
ئەسرى سائادەتكە لەنەت ياغدۇرۇش
شىئەلەرنىڭ «ئەلكافىي»، «تەھزىيب» ۋە «ئەلۋافىي» قاتارلىق كىتابلىرى ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئائىشە، ھەفسە ۋە باشقا ساھابە كىرام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارغا ئۇلار پۈتۈن ئۈممەت تۇرۇقلۇق ئېغىر قەبىھ تىل – ھاقارەتلەر بىلەن لەنەت قىلىش بىلەن تولغان. تېخى شىئەلەرنىڭ ساھابە كىراملەرگە، پۈتۈن ئۈممەتكە لەنەت قىلىشتا ئىماملىرىمىزدىن قالغان دەيدىغان ئالاھىدە مەخسۇس دۇئالىرى بار.
بىرلا مىسال ئالساق: «ئەلكافىي» 3 – توم 351 – بەتتە: «ئائىشە بىلەن ھەفسە ئىككىسى دوزاختا مەڭگۈ قالدۇرۇلىدىغان كافىر مۇناپىقتۇر» دېيىلگەن.
«قۇرئان كەرىم» بۇرمىلانغان دەپ قاراش
«قۇرئان كەرىم»نىڭ بەزى سۈرىلىرى ياكى بەزى ئايەتلىرى قىسقارتىلغان، بەزى كەلىمەلەرنىڭ، ئايەتلەرنىڭ تەرتىپى ئۆزگەرتىلگەن دېگەن قاراشقا شىئە كىتابلىرى بىردەك ئىتتىپاق. «قۇرئان»نىڭ بۇرمىلانغانلىقى ھەققىدىكى خەبەرلەر شىئەلەرنىڭ نەزەرىدە مۇتەۋاتىر.
«ئەلكافىي» دېگەن كىتابتا سادىقنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مۇھەممەدكە جىبرىل ئېلىپ چۈشكەن «قۇرئان» 7000 ئايەت بولۇپ، بىزنىڭ قولىمىزدىكىسى پەقەتلا 6236 ئايەت، قالغىنى ئەلى توپلىغان بويىچە ئەھلى بەيتنىڭ قولىدا باردۇر».
«ئەلكافىي»دا كېلىشىچە: ھەزرىتى ئەلى يازغان «قۇرئان»نى ئەلقائىم ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ، بۇ «قۇرئان» ئىمامنىڭ غايىب بولۇشى بىلەن تەڭ غايىب بولغان.
شىئەدىن باشقا ئىسلام پىرقىلىرىنىڭ ھۆكمى
شىئە كىتابلىرىنىڭ ئېنىق ئىپادىلىشىچە: شىئەدىن باشقا پۈتۈن ئىسلام پىرقىلىرى كافىردۇر، مەلئۇندۇر، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەرنى ئەلىنىڭ ئالدىغا قويغان ناسىبىينىڭ(7) قېنى بىلەن مېلى ھالالدۇر.
ئىمام سادىق ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تۆت مەزھەب ئىماملىرى ھەققىدە: «ئۇلارنىڭ قېشىغا بارما، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىما، ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇن، مۇشرىك مىللەتلىرىگىمۇ لەنەت قىلسۇن» دەيدۇ.
ۋاقىتلىق نىكاھ مەسىلىسى
شىئەلەر «نىكاھى مۇتئە»(8)نى ھالال دەپ قارايدۇ، باقىر بىلەن سادىق: «بىزنىڭ مۇتئىمىزنى ھالال سانىمىغان، بىزنىڭ قايتىشىمىزنى ئېتىقاد قىلمىغان بىزدىن ئەمەس» دېگەن.
شىئەلەرنىڭ نەزەرىدە «نىكاھى مۇتئە» بىر كۈن ياكى بىرەر سائەت بولسىمۇ ۋاقىت توختىتىش بىلەن بىر ئوچۇم بۇغداي بولسىمۇ ئىش ھەققىدىن ئىبارەت ئىككى نەرسە بىلەن بولىدۇ. «نىكاھى مۇتئە» بىلەن تۆتتىن ئارتۇق قانچە خوتۇن ئالسا بولۇۋېرىدۇ.
پۇتىنى يۇيۇش ۋە ئۆتۈككە مەسىھ قىلىش
تاھارەت ئالغاندا پۇتىنى يۇيۇش ۋە ئۆتۈككە مەسىھ قىلىشنى شىئەلەر ھارام دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، پۇت يۇيۇش بىلەن ئۆتۈككە مەسىھ قىلىش مۇتەۋاتىر ھالدا كەلگەن.
ھەسەن بەسرىي: «مەن بەدر غازىتىغا قاتناشقان يەتمىش ساھابەنى كۆرگەنمەن، ھەممىسى ئۆتۈككە مەسىھ قىلىشنى توغرا دەپ قارايتتى» دېگەن. بۇ سەۋەبتىن، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئۆتۈككە مەسىھ قىلىشنى ئەھلىسۈننەت ۋەلجامائە شەرتلىرىدىن دەپ قارايتتى.(9)
يۇقىرىدىكى مەلۇماتلار ئاساسەن مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى نەشر قىلغان «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى/ الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ» بىلەن شىئەگە قارىتا يېزىلغان ئەڭ مۇھىم ھەم ئىشەنچلىك پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولغان ئەللامە مۇسا جارۇللاھ رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ يېگانە ئەسىرى «ئەلۋەشىيئە فى نەقدى ئەقائىدىششىيئە / الوشيعة في نقد عقائد الشيعة» دېگەن كىتابىدىن نەقىل قىلىندى. كەڭرەك مەلۇماتقا ئىگە بولماقچى بولغانلار ئەللامە مۇسا جارۇللاھنىڭ ئاشۇ كىتابىغا مۇراجىئەت قىلسا بولىدۇ.
شىئەلەر ھەققىدە ئۇندىن باشقا پايدىلىنىش بولىدىغان ماتېرىياللاردىن تۆۋەندىكىلەر بار:
مۇھەممەد مۇھىببۇددىن ئەلخەتىب يازغان: «الخطوط العريضة للأسس التي قام عليها دين الشيعة الإمامية الاثنى عشرية» بۇ كىتابنى «مەكتەبە سەلەفىييە» نەشر قىلغان.
ئېھسان ئىلاھىي زاھىير يازغان: «ئەششىيئە ۋەلقۇرئان» دېگەن كىتاب بىلەن «ئەششىيئە ۋەسسۈننە» دېگەن كىتاب ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، مۇشۇ ئىككى كىتابى سەۋەبىدىن شىئەلەر پاكىستانلىق بۇ ئالىمنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. بۇ كىتابنى لاھوردىكى «ئىدارەتى تەرجۇمان سۈننە» نەشر قىلغان، رىيازدىمۇ قايتا نەشر قىلىنغان. بۇ كىتاب «ساجىيە» تورىدا بار.
ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ: «مىنھاجۇسسۈننە ئەننەبەۋىييە» دېگەن كىتابىنىڭ مۇختەسەرى. بۇنى شىئە مەزھەبىدىكى ئالىملاردىن خومەينىيدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىم ئايەتۇللاھ ئەلئۇزما ئەبۇلفەزل ئەلبۇرقۇئىي پارسى تىلىغا تەرجىمە قىلىپ دەرس سۆزلىگەن بولۇپ، بۇ ئالىم نۇرغۇن شاگىرتلىرى بىلەن بىللە شىئە مەزھەبىدىن ئەھلىسۈننەت مەزھەبىگە قايتقان ۋە شاھ دەۋرىدە كېيىنچە، خۇمەينىي دەۋرىدە نۇرغۇن قىيىن – قىستاقلارغا ئېلىنىپ، تۇرمىغا سولانغان، سۇيىقەستكە ئۇچرىغان. بۇ ئالىمنىڭ شىئەلەرنى تەنقىد قىلىپ يازغان كۆپ ئەسەرلىرى بار.
خۇلاسە شۇكى، ھازىرقى ئىران ۋە ئىراقلاردىكى «12 ئىمام مەزھەبى»دىكى شىئەلەرنى ئازغۇن مۇسۇلمانلار دېيىش مۇمكىن. ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ ھەق بىلەن باتىلنى، ھىدايەت بىلەن ئازغۇنلۇقنى ئارىلاشتۇرۇپ دىندا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ مۇسۇلمانلار جامائىتىنى پىرقىلەرگە بۆلۈۋەتكەن. مۇئمىنلەر تۇتقان يولنى تۇتماي، ئەسىرلەردىن بۇيان ئىسلام ئۈممىتىگە ۋابال بولۇپ كېلىۋاتقان زىيانلىق، سىياسىي تائىپىدۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1433، 9 – سەفەر/ م. 2012، 3 – يانۋار
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 27 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. ئەھلى بەيت (أَهْلُ الْبَيْتِ): ئادەتتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جەمەتىنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىنىڭ بىر قارىشىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى فاتىمە، كۈيئوغلى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ شىئەلەرنىڭمۇ قارىشى. يەنە بىر قاراشتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىنىلا كۆرسىتىدۇ. يەنە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنە بىر قاراشتا زاكات ئېلىش ھارام بولغان رەسۇلۇللاھنىڭ دادا تەرەپ تاغىسى ئابباس، رەسۇلۇللاھنىڭ نەۋرە ئۇكىسى ۋە كۈيئوغلى ئەلى، ئەقىيل، رەسۇلۇللاھنىڭ نەۋرە ئۇكىسى، شۇنداقلا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاكىسى جەئفەر ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ھارىس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 18 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
2. «بۇخارىي»، (4240، 4241).
3. ئىمام ئابدۇلھەلىم مەھمۇد: « ئىسلامدا پەلسەپەۋىي تەپەككۇر / التفكير الفلسفي في الإسلام»، 119 – 132 – بەتلەر.
4. زەيدىييە مەزھەبى (الزَّيْدِيَّةُ): ھ. 2 / م. 8 – ئەسىرنىڭ تۇنجى چارىكىدە كۇفەدە ئوتتۇرىغا چىققان، ئىراق، تەبەرىستان ۋە بولۇپمۇ يەمەندە مەۋجۇدلىقىنى سۈردۈرگەن، ئەقىدىدە مۇئتەزىلە يولىنى تۇتىدىغان، ئىمامەتچىلىك ئەقىدىسىدە بولسا پىكىر جەھەتتىن ئەھلى سۈننەتكە ئەڭ يېقىن بىر شىئە پىرقىسى. رەسۇلۇللاھنىڭ چەۋرىسى، كاتتا ئالىم ئەبۇ ھۈسەين زەيد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ئەلئەلەۋىي ئەلھاشىمىي (ھ. 76 – 122 / م. 695 – 740) غا نىسبەت بېرىلىپ «زەيدىييە مەزھەبى» دەپ ئاتالغان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 595 – بەت.
5. نۇسەيرىيلەر (النُّصَيْرِيَّة): «ئاللاھ تائالا ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ سۈرىتىدە كۆرۈنگەن» دەپ قارايدىغان (ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر)، مەھرەم تۇغقانلار بىلەن نىكاھلىنىشنى مۇباھ سانايدىغان، قىيامەتتە قايتا تىرىلىش ۋە ھېساب بېرىشنى ئىنكار قىلىدىغان، ناماز، روزا ۋە ھەج قاتارلىق پەرزلەرنى باشقىچە بۇرمىلاپ چۈشىنىدىغان بۇزۇق ئەقىدىلىك بىر شىئە تائىپىسى. ئەگەشكۈچىلىرى ھازىر شامدا ياشايدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 195 – بەت.
6. ئەللامە مۇسا جارۇللاھ: «ئەلۋەشىيئە فى نەقدى ئەقائىدىششىيئە / الوشيعة في نقد عقائد الشيعة»، 108 – بەت.
7. ناسىبىي: ئەينى دەۋردە ھەزرىتى ئەلى ۋە ئەھلى بەيتكە ئۆچمەنلىك ئىزھار قىلغۇچىلار بولۇپ، كېيىنچە شىئەلەر ئەبۇبەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئالدىن ئورۇنغا قويغان ئەھلى سۈننەلەرنىڭ ھەممىنى «ناسىبىي» دەيدىغان بولغان.
8. نىكاھى مۇتئە (نِكَاحُ الْمُتْعَةِ): ئەرەب تىلىدا: «بەھرىمەن بولماق، مەنپەئەتلەنمەك ۋە ھۇزۇرلانماق» دېگەن مەنىلەردىكى «مۇتئە» كەلىمەسىگە ئىزافەت قىلىنغان ۋاقىتلىق نىكاھ بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «بىر ئەرنىڭ بىر ئايالغا مەلۇم ھەق بەدىلىگە بىر كۈن ياكى بىر ھەپتە، ياكى بىر ئاي دېگەندەك ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشنى ئىپادىلەپ نىكاھلىنىشى»دىن ئىبارەت. بۇ خىل نىكاھ ئىناۋەتسىز بولۇپ، ماھىيەت جەھەتتىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىپادىلىمىگەن «ۋاقىتلىق نىكاھ (النِّكَاحُ الْمُؤَقَّتُ)»دىن پەرقى يوقتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر غازىتى كۈنى ئاياللارغا مۇتئە نىكاھلىنىشنى چەكلىۋەتكەن. قاراڭ: ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 8/328؛ «سەھىھۇلبۇخارىي»، (4216)؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 458 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1722 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
9. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 1/7.