ئابدۇرۇسۇل دېگەن ئىسىمنى ئۆزگەرتىش
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مېنىڭ ئىسمىم ئابدۇرۇسۇل، بۇ ئىسىمنى ئاتا – ئانام قويۇپتىكەن. لېكىن، مەن ئەمدى چوڭ بولۇپ ئەقلىمنى بىلىپ، ھەقىقەتنى تاپقاندىن كېيىن، بۇنداق ئىسىم قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدىم. ئىسمىمنى ئۆزگەرتىۋېتىشنى ئاتا – ئانامغا دېمەكچىمۇ بولدۇم، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بولۇپ قېلىشىدىن، ئۇلارغا تاپا بولۇپ قېلىشىدىن قورقتۇم. سوئالىم شۇكى، بۇ ئىسىمنى قەتئىي ئۆزگەرتىۋېتىشىم كېرەكمۇ ياكى ئاتا – ئانامغا ئازار بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، بۇ ئىسىمغا كۆڭلۈمدە نارازى بولۇپ يۈرۈۋەرسەم بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
مۇسۇلماننىڭ ئىسمى ئېتىقادىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. ئابدۇرۇسۇل، ئابدۇنەبى دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى «پەيغەمبەرنىڭ قۇلى» دېگەن بولغاچقا، كۆپچىلىك ئالىملار بۇ ئىسىمنى قويۇشنى ھارام دەپ چەكلىگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھتىن غەيرىنىڭ قۇلى دېگەن مەزمۇندىكى ئىسىملارنى قويۇش ھارام بولىدۇ.
ئاز بىر قىسىم ئالىملار: بۇ ئىسىم «پەيغەمبەرنىڭ خىزمەتچىسى» دېگەن مەنىدە دەپ قارىساق بولىدۇ، دېگەن.
شۇڭا، بۇ ئىسىمنى باشقا بىر مۇۋاپىق ئىسىمگە ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك. رەسمىيەت جەھەتتىن كىملىك بىلەن نوپۇس كۆتىكىدە ئالماشتۇرغىلى بولمىسا، ئۇرۇق – تۇغقانلار، تونۇشلار ئارىسىدا باشقا بىر ئىسىم ئىشلىتىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.
ئومۇمەن، ئابدۇنەبى، ئابدۇرۇسۇل، ئابدۇخېلىل دېگەندەك ئىسىملار ئىسلامدا چەكلىنىدۇ، ئابدۇرەببىررەسۇل، ئابدۇرەببىننەبى، ئابدۇرەببى خەلىل دەپ ئۆزگەرتسە مەنە توغرا بولىدۇ.
جانابىي ئاللاھ بىزنى ۋە سىزنى ياخشىلىققا تېخىمۇ ھېرىسمەن قىلغاي.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 5 – رەجەب / م. 2011، 7 – ئىيۇن
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 22 – نومۇرلۇق پەتۋا.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…